Search This Blog

Monday, January 20, 2020

پىسخىكا ساغلاملىقنىڭ ئون چوڭ ئۆلچىمى

پىسخىكا ساغلاملىقنىڭ ئون چوڭ ئۆلچىمى


پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى تۆۋەندىكى يەتتە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشى، كەيپىياتىنىڭ ساغلام بولۇشى، ئىرادىسىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى، ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى، ئىنكاسنىڭ نورمال بولۇشى، پىسخىكا ئالاھىدىلىكىنىڭ يېشىغا ئۇيغۇن كېلىشى قاتارلىقلار. 

نېمىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق سەۋىيەسىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشىلەر ئادەمنىڭ ساغلاملىق ئۆلچىمىنى ئىگىلەپ، بۇنى ئاساس قىلىپ، ئۆزىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئۆزى دىئاگنوز قويالايدۇ. 

پىسخىكا ساغلاملىقىنىڭ ئون خىل ئۆلچىمى:

1.مۇكەممەل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى.

بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئادەمنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى. خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھەتتا جىسمانىي كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش.

ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا توغرا ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۆز ئىقتىدارىدىن ھالقىغان خىزمەتنى زورمۇزور ئىشلىسە، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ. نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغاچقا، ھەتتا سالامەتلىكىمۇ ناچارلاپ كېتىدۇ. 

3.تۇرمۇش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىشى.

ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى بىلەن ماددىي تۇرمۇش شارائىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، ئەگەر تۇرمۇش نىشانىنى بەك يۇقىرى بېكىتىۋالسا، مۇقەررەر ھالدا ئوڭۇشسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق زىيانغا ئۇچرايدۇ. 

4.تاشقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش.

ئادەمنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى كۆپ قاتلاملىق بولغاچقا، تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاندا، بىر تەرەپتىن مەنىۋى تۇرمۇشنى بېيىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. 

5.خاراكتېرىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ساقلاش.

خاراكتېردىكى ئىقتىدار، قىزىقىش، خۇلقى ۋە خىسلىتى قاتارلىق ھەرخىل پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم بىردەك ماسلىشىچانلىققا ئىگە بولغاندىلا، خاراكتېرىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

6.بەلگىلىك ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش.

7.ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىشى ئىنتايىن تېز بولماقتا، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن توختىماستىن يېڭى بىلىم ئىگەللەشكە توغرا كېلىدۇ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ئۈچۈن، ئەگرى يولنى ئاز بېسىپ، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

8.ساغلام بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش.

كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئوڭ يۆنىلىشلىك ئىجابىي مۇناسىۋەتمۇ، تەتۈر يۆنىلىشلىك سەلبىي مۇناسىۋەتمۇ بولىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ماسلىشىش-ماسلاشماسلىقى كىشىلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

9.ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى مۇۋاپىق ئىپادىلەش ۋە كونترول قىلىشنى بىلىش. 

ئادەمدە خۇشاللىق ۋە قايغۇ قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كەيپىيات كەچۈرمىشى بولىدۇ. كۆڭۈلسىز كەيپىياتنى قويۇپ بېرىپ، پىسخىكا جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. لېكىن ئاچچىقنى ھەددىدىن زىيادە چىقىرىۋېلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىپلا قالماي، يەنە كىشىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ. 

10.ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە قىزىقىشىنى مۇۋاپىق جارى قىلدۇرۇش.

قابىلىيەت ۋە قىزىقىشنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، لېكىن باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ماجرا پەيدا بولۇپ، بىھۇدە باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە. جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ.

ئەڭ ئەقەللىي بولغان شەخسىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش.


ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولمىغان ئۆلچەم ئاستىدا، شەخسنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرۇلۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، چوقۇم قانۇنلۇق بولۇش كېرەك، بولمىسا ۋىجداننىڭ ئەيىبلىشى، جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى، ھەتتا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. 

ئۆزىنىڭ پىسخىكا ئەھۋالىدىكى مەلۇم بىر قانچە تەرەپنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق ئۆلچىمىدە مەلۇم ئارىلىق پەرق بارلىقىنى بايقىغاندا، پىسخىكىلىق چېنىقىشنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ، پىسخىك ساغلاملىق سەۋىيىسىگە يېتىش كېرەك. 

#bilimdan   #bilimzar

No comments:

Post a Comment