يەر شارىدىكى تاغ جىنسلىرى ئېرىپ لاۋىغا ئايلىنىدۇ، بۇ يەنە ماگما دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ماگما ئەتراپىدىكى تاغ جىنسلىرىغا قارىغاندا يېنىك بولغاچقا، ئاسانلا يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ. ماگما ئاخىرىدا يەر يۈزىگە يېتىپ بارغاندا، ئېتىلىپ چىقىپ يانار تاغنى شەكىللەندۈرىدۇ.
يەر شارىنىڭ ئۈستى قىسمى تۈزۈلمە بۆلەك دەپ ئاتىلىدىغان بەزى قاتتىق پارچىلەردىن ھاسىل قىلىنغان. ماگما ۋە يانار تاغ ئادەتتە بۆلەكلەر ئايرىلغان ياكى بىرلەشكەن جايدا شەكىللىنىدۇ، لېكىن، يەنە بەزى يانار تاغلار تۈزۈلمە بۆلەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان.
يانار تاغنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى بار، بەزىسى قارىماققا خۇددى تىك تاغ تىزمىسىغا ئوخشايدۇ (ستراتوسفېرا يانار تېغى)، باشقىلىرى قارىماققا خۇددى بۆرتۈپ چىققاندەك قىلىدۇ (قالقانسىمان يانار تاغ)، بەزىلىرى تۈپتۈز بولۇپ، مەركىزىدە بىر تۆشۈك (يانار تاغ ئېغىزى ياكى ۋولقان ئېغىزى) بولىدۇ، ئىچىگە دائىم سۇ تولۇپ تۇرىدۇ.
يانار تاغنىڭ شەكلى ۋە ئېتىلىپ چىقىش كۈچى ماگمىنىڭ «يېپىشقاقلىقى» ۋە «كۆپۈكچە» (قانچىلىك گاز بارلىقى) گە باغلىق.
مەسىلەن، ئەگەر سىز بىر تال نەيچە ئارقىلىق يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ماي تەركىبىدىكى گاز كۆپۈكچىسى چىقىرىپ تاشلىماقچى بولسىڭىز، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ماي ناھايىتى سۇيۇق بولغاچقا، بۇ كۆپۈكچىلەر ناھايىتى ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.
ئەگەر سىز مېۋە قىيامى تەركىبىدىكى كۆپۈكنى پۈۋلىسىڭىز، مېۋە قىيامى ناھايىتى يېپىشقاق بولغاچقا، ئۇنى قۇتىدىن باشقا قاچىغا قۇيسىڭىز، قۇتا ئىچىدىكى مېۋە قىيامى مىدىراپمۇ قويمايدۇ.
يانار تاغمۇ ھەم شۇنداق. ماگما يەر يۈزىگە ئۆرلىگەندە كۆپۈكچە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. ماگمىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قېچىپ چىقىش چىقالماسلىقى يانار تاغنىڭ پارتلاش دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
قەيەردىكى ماگما خۇددى سۇغا ئوخشاش سۇيۇق بولسا، ھېچقانچە كۆپۈكچە بولمىسا (مەسىلەن، ھاۋايغا ئوخشاش يەرلەر)، بىز نۇرغۇنلىغان ئاستا ئېقىۋاتقان لاۋا ئېقىمى ۋە قالقانسىمان يانار تاغلارنى كۆرەلەيمىز.
ئەمما، ماگما ناھايىتىمۇ يېپىشقاق ۋە قويۇق بولسا، ھەم ماگمىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كۆپۈكچە بولسا، بۇ كۆپۈكچىلەر قىسىلىپ قېلىپ، يانار تاغ ناھايىتى كۈچلۈك پارتلايدۇ.
يانار تاغنىڭ پارتلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيان
پارتلاشتا بۇلۇتسىمان ماگما يانار تاغ كۈلى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ كاۋاپ ياكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىنكى كۈل ئەمەس، ئۇنى بارماق ئارقىلىق سۇندۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇ ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، سۈمۈرۈش ناھايىتى خەتەرلىك.
بەزى يانار تاغلار پارتلىغاندا يانار تاغ كۈلى ئېگىز بوشلۇققا ئېتىلىپ چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى «ساياھەت» قىلىدۇ. ئەگەر ئايروپىلان يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان يانار تاغ كۈلى ئىچىدىن ئۇچۇپ ئۆتسە، موتور زور زىيانغا ئۇچرايدۇ.
باشقا يانار تاغلار پارتلىغاندا تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىدىغان ئىسسىق يانار تاغ كۈلى، گاز ۋە تاغ جىنسلىرى بۇلۇتى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ بۇلۇتلار يانار تاغنىڭ يېنىنى بويلاپ يۆتكىلىپ، بېسىپ ئۆتكەن جايدىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
يانار تاغنىڭ پايدىسى
گەرچە يانار تاغ غايەت زور بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلسىمۇ، لېكىن يانار تاغ ياشىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ. يانار تاغ كۈلى يانار تاغ ئەتراپىدىكى تۇپراقنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بەزى يانار تاغ پەيدا بولغان ئىسسىقلىق كىشىلەرنىڭ ئۆيىدىكى لامپۇچكا، توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور ۋە كومپيۇتېرلارنى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment