Search This Blog

Monday, January 6, 2020

بۈركۈت بىلەن توخۇنىڭ ھېكايىسى

 بۈركۈت بىلەن توخۇنىڭ ھېكايىسى
 بۈركۈت بىلەن توۇنىڭ ھېك
 بۈركۈت بىلەن توخۇنىڭ ھېكايىسى


زىمىستان قىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى تۇنجى باھارنىڭ ئىللىق بىر كۈنى، بۈركۈت كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، بىر تاغلىق رايوندىن ئۆتكەندە، مېكياننىڭ چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بەخىرامان ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئۇچۇپ بېرىپ، مېكياننىڭ ئالدىدىكى بىر شاخقا قوندى ۋە ئۇنىڭدىن: «مېكيان ئانا، سىزنىڭمۇ قانىتىڭىز بار ئىكەن، نېمىشقا ئەجدادلىرىڭىزغا ئوخشاش ئاسماندا ئۇچالمايسىز؟ ئاسمان بەك گۈزەل ھەم خۇشال!
— ھە، رەھمەت سىزگە، —دېدى مېكيان ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ بالىلىرىغا قاراپ، بۈركۈتكە، —قاراڭ، شۇنچە كۆپ بالا ماڭا قاراشلىق، چۈجىلىرىمنى باقمىسام بولمايدۇ، ئۇچۇپ يۈرۈشكە نەدىكى ۋاقىت دەيسىز، چوڭ بولغاندا ئۇلارنى ئۇچۇرۇۋېتەيلى، ھەي! مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدە ئۇچۇشتىن ئۈمىد قالمىدى!
بۈركۈت ئامالسىز ئۇچۇپ كەتتى.
ئىككىنچى يىلى باھاردا، بۈركۈت يەنە بىر قېتىم تاغلىق رايوندىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، بىر چوڭ چىپار توخۇنىڭ بالىلىرىنى باشلاپ سەيلە قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ئۇ بۇلتۇر بۈركۈت كۆرگەن مېكياننىڭ بىر چۈجىسى بولۇپ، ھازىر قاۋۇل، مۇسكۇللىرى تولغان مېكيانغا ئىدى.
بۈركۈت ئۇنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ كېلىپ: —مېكيان ئانا، سېنىڭمۇ قانىتىڭ بار ئىكەن، نېمىشقا ئاتا ـ بوۋاڭغا ئوخشاش ئاسماندا ئۇچالمايسەن؟ ئاسمان بەك پەيزى! —دەپ سورىدى.
—رەھمەت سىزگە، —دەپ جاۋاب بەردى مېكيان.
—قاراڭ، مەن قېرىپ قالدىم، ئۇچالمىدىم، يەنىلا بالىلىرىم چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۇچسۇن! ھەي! مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدە ئۇچۇشتىن ئۈمىد قالمىدى.
بۈركۈت ئامالسىز ئۇچۇپ كەتتى.


ئۈچىنچى يىلى، بۈركۈت تاغلىق رايوندىن ئۆتكەندە، يەنە بىر مېكياننىڭ چۈجىلىرىنى باشلاپ تاغ باغرىدا دان ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ، چۈشۈپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلمىدى.
ئاخىرى بىر كۈنى بىر توخۇ پەرۋاز قىلىشنى ئارزۇ قىلدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئ‍ۇچۇش ئئىقتىدارىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ توختىماي پەرۋاز قىلىشنى ئۆگەندى، مەشىق قىلدى، ئەمما باشقا توخۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: —مەن ئەزەلدىن توخۇنىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان، سەن قانداقسىگە ئۇچالايسەن، ئەڭ ياخشىسى توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىن! —دېدى.
ئۇ مەسخىرە قىلىندى، ئىزا ـ ئاھانەتكە قالدى، شۇنىڭ بىلەن توخۇ دۇنياسىدا ئۇچۇشنى مەشىق قىلىدىغانلار قالمىدى، ھەتتا بىرەر توخۇمۇ ئۇچۇشنى ئويلىشىپ باقمىدى.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇچالمايدۇ، لېكىن نېمىشقا ئۇلارغا يەنە قانات چىقىدۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ.
تەسىرات: ئۇچالمىسىڭىز، يۈگرەڭ؛ يۈگۈرەلمىسىڭىز، مېڭىڭ؛ ئەگەر ماڭالمىسىڭىز، ئۆمىلەڭ؛ نېمە ئىش قىلىشىڭىزدىن قەتىينەزەر، چوقۇم ئالغا ئىلگىرلەڭ! سىزدىن مۇنەۋۋەر كىشىلەر داۋاملىق تىرىشىۋاتىدۇ، ئۆز ئورنىڭىزدا مىدىرلىماي تۇرىۋېلىشىڭىزغا ھېچقانداق باھانە يوق!
نۇرغۇن كىشىلەر «قىلغۇدەك ۋاقتىم يوق» دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ۋاقتى يوق ئەمەس، بەلكى شۇ ئىشنى قىلغۇسى يوق، خالاس. ۋاقىتنى ئارزۇيىڭىز ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بىرەر ئىشنى قىلىشقا ھەقىقىي بەل باغلىغاندا، ھامان ۋاقىت چىقىرىسىز.
 نۇرغۇن ئىشلارنى كەلگۈسىدە ياكى كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈندە قىلىمىز دەپ ئاخىرىدا بۇ ئىشلارنى قىلمىدۇق. ھايات ئەمەلىيەتتە بالىنىڭ قولىدىكى قېرىنداشقا ئوخشايدۇ، قارىماققا بەك ئۇزۇندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئىشلەتكەنسېرى بىلىپ ـ بىلمەي قىسقىراپ كېتىدۇ.
بۇ ئۆمرىمىزدە، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي ئۆتۈپ كېتىمىز، شۇڭا قىلماقچى بولغان ئىشنى دەرھال قىلايلى! ئامال بار ئۇنى ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشايلى، شۇندىلا ئۆتكەن ئ‍ۆمرۈمىزگە ئەپسۇسلىنىش ۋە پۇشايمان قىلىش كەتمەيدۇ.

bilimdan   #bilimzar# 

No comments:

Post a Comment