Search This Blog

Friday, January 17, 2020

يەرشارىمۇ تېلىسكوپقا ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن

يەرشارىمۇ تېلىسكوپقا ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن

تېلىسكوپلار چوڭايغانسېرى باھاسىمۇ شۇنچە قىممەتلەپ بارماقتا. ئۇنداقتا بۇنى ھەل قىلىدىغان ياخشىراق ئامال بارمۇ؟ ئامېرىكا «ئىلىم پەن خەۋەرلىرى» قوش ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ تورىدا ئېيتىلىشىچە ئامېرىكىدىكى بىر ئاسترونوم يەرشارى ئاتموسفىراسىنىڭ ئېگىشى ۋە نۇر يىغىشىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن يەرشارىنى «تېلىسكوپ»قا ئايلاندۇرىدىغان ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يەرشارى تېلىسكوپى ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر خىل تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق سۇنغان نۇرنى قوبۇل قىلالايدىكەن.
تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى يەرشارى ئاتموسفىراسىغا كىرگەندە سۇنىدۇ. بۇ خىل ئېگىلىش ئارقىلىق نۇر يەرشارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى بوشلۇقنىڭ مەلۇم رايونىغا يىغىلىدۇ. مەسىلەن يەرشارىدىن بىر مىليون 500 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان ئوربىتىدا بىر ئالەم ئۇچقۇرى قويۇپ قويغاندا يىغىلغان نۇرنى تۇتۇۋالغىلى بولىدىكەن.

ھازىرقى يەرشارىدىكى تېلېسكوپلارغا سېلىشتۇرغاندا ئالەم ئۇچقۇرىدىكى ئۈسكۈنە بەلكىم تېخىمۇ كۆپلىگەن يورۇق بولمىغان جايلاردىكى نۇرنى يىغىۋالالىشى مۇمكىن. دېمەك بۇ خىل يەرشارى تېلېسكوپى تېخىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن تەكشۈرۈپ، قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى پىلانېتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بېرەلەيدىكەن.
بىراق بەزى ئالىملار بۇنىڭغا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ناسا پۈركۈپ سىلجىتىش تەجرىبىخانىسىدىكى ئاستروفىزىكاشۇناس سىلاۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ئۇقۇم ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. مەسىلەن يەرشارىدىن كەلگەن قالايمىقان نۇرلارنى توسۇش بەك قىيىنكەن. ئوخشىمىغان ئېگىزلىكتىن ئاتموسفىراغا كىرگەن نۇرلار غۇۋا كۆرۈنۈشى مۇمكىن.

#bilimdan   #bilimzar 

No comments:

Post a Comment