Search This Blog

Tuesday, January 14, 2020

نېمە ئۈچۈن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەممىسى شار شەكىللىك بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەممىسى شار شەكىللىك بولىدۇ؟

بۇ دۇنيادىكى ھەربىر يەككە شەيئىدە پەرق مەۋجۇت، مەيلى ئىنسانلار بولسۇن ياكى باشقا جانلىقلار بولسۇن، ئاساسىي جەھەتتىن ئوپئوخشاش شەيئىنى تاپقىلى بولمايدۇ. كائىناتتىكى بارلىق ئاسمان جىسىملىرىمۇ ھەم شۇنداق، ئوخشاش پىرىنسىپ ئاستىدا، ھەر بىر ئاسمان جىسمىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىراق، كائىناتتىكى بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بىر ئوخشاشلىقى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ شەكلى يۇمىلاق شارسىمان ھالەتكە يېقىنلىشىدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن كائىناتتىكى جىسىملىرىنىڭ ھەممىسى شار شەكىللىك بولىدۇ؟

ئالىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەييارىلەر شەكىللەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپلا مەلۇم بىر چوڭ ماسسىلىق ئاسمان جىسمىنى ئايلىنىپ ھەم ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئايلىنىش جەريانىدا ئېكۋاتور ئۇچرايدىغان مەركەزدىن قېچىش كۈچى ئەڭ چوڭ بولىدىكەن، ئايلىنىش سۈرئىتىمۇ ئەڭ تېز بولىدىكەن، شۇڭا سەييارىدىكى ماددىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئېكۋاتورغا يىغىلىپ، ئېكۋاتورنىڭ كۆپۈپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئېكۋاتورنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ماددىلار بىلەن يەر يادروسى ئارىسىدىكى ئارىلىق بارغانسېرى كىچىكلەپ، يەر شارىدىكى ماددىلارمۇ ئىككى تەرەپكە قاراپ تەدرىجىي كېمىيىش قانۇنىيىتىنى نامايان قىلىدىكەن، شۇڭا بىز كۆرگەن سەييارىلەرنىڭ ھەممىسى يۇمىلاق شارسىمان شەكىلگە يېقىنلىشىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، تارتىشىش كۈچى قانۇنىغا ئاساسەن بىلگىلى بولىدۇكى، سەييارىنىڭ ھەر بىر نۇقتىسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن سەييارىنىڭ شارسىمان ھالەتنى ساقلاپ قالالىشىنىڭ سەۋەبى. ئۇنداقتا ئەگەر كائىناتتىكى بارلىق سەييارىلەرنىڭ ھەممىسى چاسا شەكىلگە ئايلىنىپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ مەسىلەن، يەر شارى؟

بۇنىڭغا قارىتا ئالىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر يەر شارى تۆت چاسا شەكىللىك بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا يەر شارىنىڭ سەككىز بۇلۇڭىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، سەككىز بۇلۇڭدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىردىن چوققا بار بولىدىكەن، سەۋەبى يەر شارىنىڭ سەككىز چوققىسى يەر مەركىزىدىن ئەڭ يىراق بولغاچقا، بۇ يەر ئۇچرايدىغان تارتىش كۈچى ئەڭ كىچىك بولىدىكەن. بۇ چاغدا بىر تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ، باشقا ئۈچ ئېگىز تاغ چوققىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىنىڭ تىك بۇلۇڭىدىن ھالقىغان ۋاقىتتا، يەر يۈزىنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى ناھايىتى چوڭ بولغاچقا، تىك بۇلۇڭلۇق چوققىغا يامىشىش ناھايىتى قىيىنغا توختايدىكەن، لېكىن يەر شارىنىڭ تىك بۇلۇڭىدىن چۈشكەندە، بىر خىل پەلەك پويىزىغا ئولتۇرغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يانتۇ تەكشىلىك بار بولغاچقا، دېڭىزدا تاشقىن قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى كۆپىيىپ كېتىدىكەن.

يەر شارىنىڭ ئالتە يۈزى مەركىزى يەر مەركىزىگە ئەڭ يېقىن بولغاچقا، تارتىشىش كۈچىمۇ ئەڭ چوڭ بولىدىكەن، شۇ سەۋەبلىك بۇ رايونلاردىكى مەيلى ھۆل-يېغىن ياكى يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى بولسۇن، ھەممىسى ناھايىتى مول بولىدىكەن، قانداقلا بولمىسۇن سۇ پەسكە قاراپ ئاقىدىغان تۇرسا.
بىراق، ئالىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر شارى چاسا شەكىللىك بولغان تەقدىردىمۇ، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ۋە قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا بۇلۇڭلىرى تەدرىجىي ئۇپراپ، يەنە يۇمىلاق شارسىمان ھالەتكە قايتىپ قالىدىكەن.

bilimdan   #bilimzar#

No comments:

Post a Comment