ئالەمدىكى مەۋجۇداتلار بىلەن ماتېماتىكىلىق مودىل نىمە دەيدۇ؟
مولېكۇلا شارسىمان كالتەك مودېلى
پەن تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ماھىيەتلىك باغلىنىشىنى ئوبرازلىق تەسۋىرلەش ئۈچۈن ، ئالىملار ماددىي شەكىل ئارقىلىق بىر مودېل بەرپا قىلىدۇ . ئوتتۇرا مەكتەپتە خىمىيە دەرسى ئۆتكەندە ، مۇئەللىم كۆرسەتكەن خىمىيىلىك مولېكۇلا شارسىمان كالتەك مودېلى ئېسىڭلاردا بارمۇ ؟ ئۇ دەل ماددا شەكلىنىڭ مودېلى بولۇپ ، ئەگەر كونكرېت ماددىي مودېل ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ياكى يېزىق تەسۋىرىگە ئالماشتۇرۇلسا ، ئۇھالدا نەزەرىيە مودېلىغا ئايلىنىدۇ . مودېلنى بەرپا قىلىش ھازىرقى زامان ئىلىم - پېنى دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تەتقىقات ئۇسۇلى .ئىنسانلارنىڭ نەزەرىيە مودېلى بەرپا قىلىشى ئادەتتە تەجرىبىدىن كەلگەن تەسەۋۋۇردىن باشلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئىنسانلار ئاي ۋە قۇياشنىڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ، قۇياش ، ئاي ، يۇلتۇزلار يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان ئالەم مودېلىنى بەرپا قىلغان
ئاسمان ـ زېمىن ئالەم مودېلى
ماكرو دۇنيادىكى شەيئىلەرنى ئىنسانلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى بىۋاسىتە ياكى كۆزىتىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ كۆزىتەلەيدۇ ، نەزەرىيە مودېلى بىلەن پاكىتتىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ . لېكىن ، مىكرو دۇنيادىكى شەيئىلەرنى ئىنسانلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى بىۋاسىتە كۆزىتەلمەيدۇ . ئاتوم مودېلىنى ئېلىپ ئېيتساق ، ئەنگلىيەلىك تەبىئىي پەن ئالىمى جون دالتون ئاتومنىڭ ئۇيۇل شار مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، كىشىلەر ئاتومنى قايتا پارچىلىغىلى بولمايدىغان ئۇيۇل شارچە دەپ قارىغان ؛ . تومسون ئاتومنىڭ قۇرۇق دۈگىلەك ئۈزۈم بولكىسى مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، كىشىلەر ئاتوم خۇددى قۇرۇق دۈگىلەك ئۈزۈم بولكىغا ئوخشايدۇ ، دەپ قارىغان ؛
ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى رېزېرفورد ئالفا زەررىچە چېچىلىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن ، ئاتوم تۈزۈلۈشىنىڭ سەييارىلەر مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، كىشىلەر ئاتومنى قۇياش سېستىمىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نەشرى دەپ قارايدۇ ، تا ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر سەييارىلەر مودېلىغا ئىشىنىپ كىلىۋاتىدۇ . ئاتومنى قانداقلا بولمىسۇن يەنە بەزى ماكرولۇق ئېففېكتى ئارقىلىق كۆزەتكىلى بولىدۇ ، سۇب(ئىككىلەمچى) ئاتوم ئۆلچىمىگە كىرگەن ھامان ، بىز ئاساسەن ئاتومنى پەقەتلا ماتېماتىكىلىق مودېلغا تايىنىپ تەسەۋۋۇر قىلالايمىز ۋە ئىگىلىيەلەيمىز . مەسىلەن ، ۋاكۇئۇملۇق داۋالغۇش جەريانىدا ، مەۋھۇم زەررىچە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوقىلىدۇ . مەۋھۇم زەررىچىنىڭ ئۆزى بىر ئىلمىي نەزەرىيە مودېلى بولۇپ ، مەۋھۇم زەررىچىنىڭ زادى قانداقلىقىغا كەلسەك ، ھېچكىمنىڭ ئۇنى كۆزىتىشكە ئامالى يوق .
كىشىلەر بىر مەھەل ئاتومنى بىر كىچىكلىتىلگەن قۇياش سېستىمىسىنىڭ كۆپەيتمە نەشرى دەپ قارىغان
مىكرو زەررىچە دۇنياسىدا ماتېماتىكا مودېلى بولسا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قورال . ئىنسانلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن ، ماتېماتىكا مودېلىدىن پايدىلىنىپ ، ئادەتتىن تاشقىرى كىچىك بولغان مىكرو دۇنيانى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ . كۋانت نەزەرىيەسى شۈبھىسىزكى ، ئىنسانىيەتكە يېپيېڭى دۇنيا قاراش ئېلىپ كەلدى ، بۇ يېڭى تەپەككۇر ئەندىزىسىدە ، ئىلگىرىكى تەجرىبە ۋە ساۋاتلار تېخنىكا ئىنقىلابنىڭ قۇربانى بولۇپ قالدى ، ئەسلىدە ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغان بىلىش كومپاسىمىز ھېسابلىنىدىغان تۇيغۇ ۋە بىۋاستە سىزىمىمىزنىڭ سەزگۈرلۈكى كاردىن چىققاندەك قىلاتتى .ئىلمىي نەزەرىيە دۇنيانىڭ ئاساسىي مودېلى ، نۇرغۇن ئىلمىي ئاتالغۇلار ئەمەلىيەتنى ئەمەس ، بەلكى مودېلنى ئاساس قىلىپ بايان قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، قارا ئۆڭكۈرنى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان ، ئۇنىڭ سىرتقا قارىتا ئېنېرگىيە قويۇپ بىرىش-بەرمەسلىكىنى ،ئىنسانلار ھازىرچە ئۆلچىيەلمەيدۇ ، پەقەت ماتېماتىكىلىق دەلىللەشكىلا بولىدۇ .
ئىلمىي نەزەرىيە مودېلى چىنلىقنى تەسۋىرلەشنى مەقسەت قىلىدۇ ، لېكىن چىنلىقنى شەكىللەندۈرمەيدۇ . بىر نەزەرىيە مودېلى مەيلى ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى قانچىلىك توغرا تەسۋىرلەپ بەرگەن بولسۇن ، كەلگۈسىدە بىر يېپيېڭى بايقاشنىڭ بولىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . بىز ھازىر « يەر شارى - ئاي سىستېمىسى » دا ئاي شارى يەر شارىنىڭ سۈنئىي ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئاينىڭ يەر شارىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىشىنى روشەن پاكىت دەپ قارايمىز . ھالبۇكى ، بەزى ئالىملار كۆزىتىش ئارقىلىق ئاي شارىنىڭ يەر شارىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ ئەمەس ، بەلكى ئاي شارى بىلەن يەر شارىنىڭ باشقا بىر مەركەزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان ، بۇ مەركەز يەر شارىنىڭ مەركىزىدىن ناھايىتى يىراق ؛ ئاي شارى يەر شارىنىڭ ھەمراھ يۇلتۇزى بولۇپ ، ھەرگىزمۇ «سۈنئىي ھەمراھى» ئەمەس ،ئاي شارى يەر شارىنىڭ قېرىندىشى ، يەر شارىنىڭ بالىسى ئەمەس . ئەلۋەتتە ، يەر شارىنىڭ ماسسا مەركىزىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆزىمۇ تېخى بىر تەخمىنىي سان بولۇپ ، يۈزدە يۈز توغرا ئەمەس . ئاي شارى زادى يەر شارىنىڭ قېرىندىشىمۇ ياكى بالىسىمۇ ؟ بۇنى تېخىمۇ ئېنىق تەسۋېرلەش ئۈچۈن كۆزىتىش تېخنىكىسىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ .
ئىلىم - پەن ئادەتتىكى ساۋاتلاردىن قانچە يىراق بولسا ، نەزەرىيە مودېلى بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈش شۇنچە تەس بولىدۇ . خۇددى مەيدان نەزەرىيەسىگە ئوخشاش ، دەسلەپتە بۇ پەقەت بىر ساپ ماتېماتىكىلىق مودېل بولۇپ ، كۋانت مەيدان نەزەرىيەسىگە تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن ، « مەيدان » ۋاكۇئۇمنىڭ ئاساسىي ھالىتى ، ماددا بولسا « مەيدان » نىڭ قوزغىتىلما ھالىتى ، « مەيدان » غا ماددىنىڭ مەزمۇنى يۈكلەنگەن دەپ قارىلىدۇ . بۇ سىرلىق « مەيدان » نىڭ قانداقلىقىنى ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ .ئىلمىي نەزەرىيە مودېلى ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۆزىتىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تۈزىتىلىدۇ ياكى ئۆزگىرىدۇ . مەسىلەن ، يەر شارىنىڭ ئالەمدىكى ئورنىنى بىلىشتە ، دەسلەپتە كىشىلەر يەر شارىنى ئالەمنىڭ مەركىزى دەپ قارىغان ھەمدە « يەر مەركەز مودېلى » نى بەرپا قىلغان ،تېلېسكوپنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ، ئىنسانلار قۇياشنىڭ ئالەمنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى بايقىدى ھەمدە « قۇياش مەركىزى مودېلى » نى قۇردى ؛ ئىنسانلار ناھايىتى تېزلا قۇياشنىڭ ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەسلىكىنى بايقىدى ، ھەتتا ئالەمنىڭ ھېچقانداق بىر مەركىزى يوق دەپ قارىدى .
ئالەملىك چوڭ پارتىلاش مودېلى
بىر ئىلمىي نەزەرىيە ، ئۇ ھەرقانچە گۈزەل كۆرۈنسىمۇ ، ئۇنىڭ ياراتقۇچىلىرىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، كۆزىتىش ۋە تەجرىبىگە ئۇيغۇن بولمىسىلا ، ئۇنى چوقۇم ئىنكار قىلىش كېرەك .ئىلمىي نەزەرىيە مودېلى مۇقىم ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس ، ئۇ ئادەمنىڭ بىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ ياخشىلانغاندىن كىيىن بۇ مودېل كىشىلەرنى شۇ مۇناسىۋەتلىك ئوبيېكتقا نىسبەتەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشقا ئىگە قىلىدۇ .ئىلىم - پەن مودېلىمۇ بىردىنبىر مۇقىم بىرنەرسە ئەمەس . كىشىلەر ئوخشاش بىر مەسىلىنى ئوخشاش بولمىغان تەرەپتىن ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل بىلەن تونۇيدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئوخشاش بولمىغان قىياسلار ۋە نەزەرىيىلەرگە ئاساسەن ، ئوخشاش بولمىغان مودېللارنى بەرپا قىلىدۇ . ئىلمىي ئەمەلىيەت داۋامىدا ، ئۈزلۈكسىز سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئوبيېكتنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغان مودېللار تەدرىجىي شاللىنىپ كېتىدۇ .
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment