مىكروسوفت ئەمدى يېڭى نەشردىكى سىستېما ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى، Win10 نىڭ ئاخىرقى سىستېما بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى
مىكروسوفت شىركىتى رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋىندوۋىس 10 دىن ئىبارەت بۇ مەشغۇلات سىستېما "نەشردىن توختىغان ئاخىرقى سىستېما"بولۇپ قالىدۇ، ئەمدى يېڭى نەشرى ئېلان قىلىنمايدۇ، دېدى. بۇ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ئادەتتە ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى كومپيۇتېرلارنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ، ئەمما شۇنچە كۆپ ئوخشاش بولمىغان كومپيۇتېرلار بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ بولسىمۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدۇ.
شۇنچە كۆپ يىللاردىن كېيىن، Windows دۇنيادىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرى، ئابونت سانى ئەڭ كۆپ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئايلاندى، شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ھېچقانداق بىر كارخانا مىكروسوفت شىركىتىگە ئازراقمۇ تەۋرىنىش ئېلىپ كېلەلمىدى، چۈنكى بۇ ساھەدە مىكروسوفت ھەقىقەتەن بەك چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، ھېچقانداق بىر كارخانىنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. (گەرچە ئالما شىركىتى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان، ئالما Mac كومپيۇتېرى بىلەن بىردەك ماڭىدىغان MacOS مەشغۇلات سىستېمىسى دۇنياغا داڭلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دۇنيا مەشغۇلات سىستېمىسى بازىرىدا ئاران %6.19 ئۈلۈشنى ئىگىلەيدۇ)
ئەينى ۋاقىتتىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، ئەڭ دەسلەپكى Windows 1.0 مەشغۇلات سىستېمىسى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى Windows 98، Windows XP، Windows 7، Windows 8 ۋە Windows 10 قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىغىچە بۇ سىستېمىلارنىڭ ھەممىسى ئابونتلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ كلاسسىك ۋە داڭلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن دەۋر سۈرگىنى ھەم داڭلىق بولغىنى Windows XP، Windows 7 ۋە Windows 10 سىستېمىسى بولۇپ، ئوخشاشلا بۇ ئۈچ سىستېمىمۇ نۆۋەتتە ئابونتلار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما مىكروسوفتنىڭ بۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا چوقۇم بىر سەۋەب بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر سەۋەب شۇكى، مىكروسوفت سىستېمىغا نىسبەتەن تولىمۇ ئەستايىدىل بولۇپ، دائىملىق ھالدا سىستېمىغا قارىتا ئىتېراتسىيەلىك يېڭىلاش ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭا ئۈزلۈكسىز ھالدا "دەۋر ئېقىمى" نى قوغلىشىدۇ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلگىرلەش چاقى ئىچىدە شاللىنىپ كەتمەيدۇ، بۇمۇ مىكروسوفتنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى بىر چوڭ سەۋەب. بىراق بۇ ئەھۋال Windows10 مەشغۇلات سىستېمىسىدىن كېيىن ئۆزگەرگەندەك قىلىدۇ، ئەمدى چوڭ نۇسخىدىكى سىستېما يېڭىلاش بولماستىن، بەلكى بۇ نۇسخىدا كۆپ قېتىم كىچىك تىپتىكى ئىتېراتسىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ياكى ئېلىپ بېرىلماقچى.
ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ ئەمەلىيەتتە مىكروسوفتنىڭ ئورگان تەرەپ ئىنكاسىدا، بىز ئېنىق خەۋەرگە ئېرىشتۇق. مىكروسوفت شىركىتى ئورگان تەرەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ Windows10 مەشغۇلات سىستېمىسى Windows سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسى بولىدۇ، كەلگۈسىدە يېڭى نۇسخىدىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئېلان قىلىنمايدۇ، دېدى. بۇمۇ Windows10 سىستېمىسىنىڭ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چوڭ نۇسخىدا يېڭىلانغان سىستېمىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، كېيىن چوڭ جەھەتتىن قايتا يېڭىلانمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. دېمەك بۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەشردىن توختىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ئەگىشىپ مېڭىش ئۈچۈن چىقارغان قارارى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىر 5G تورى دەۋرى، نەرسە تورى دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۈچلۈك باش كۆتۈرۈشى شۈبھىسىزكى، "كۆچمە ئالاقە تورى" ۋە بۇلۇت ھېسابلاشنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاساسلىق تەرەققىيات يۈزلىنىشىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى داۋاملىق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. مىكروسوفت تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە PC ساھەسىدە يەنىلا زور بۆسۈش بولمىدى، ئەكسىچە بۇلۇت ھېسابلاش دەۋرىنىڭ ھەقىقىي ھالدا يېتىپ كېلىشى بىلەن يەككە كومپيۇتېردىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئورنى بارغانسېرى "يېنىك" بولۇپ قالدى. شۇڭا مىكروسوفت بۇلۇت ھېسابلاشنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى 5G تور دەۋرى، نەرسە تورى دەۋرىنى ئاساس قىلىپ يېڭى "چوڭ بىرلىككە كەلگەن" مەشغۇلات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، PC مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىگە نىسبەتەن ھازىرقى Windows10 ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك قاندۇرۇپ بولدى ھەمدە مىكروسوفت تەرەپمۇ ئاللىقاچان ئۇنىڭ PC مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىدە ئاساسەن دېگۈدەك مونوپول ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ھېچكىممۇ يەنە مىكروسوفتنى مەغلۇپ قىلالمايدىغانلىقىنى رەسمىي مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شۇڭا مىكروسوفت تەرەپمۇ تەبىئىيلا چوڭ نۇسخىدىكى سىستېما يېڭىلاشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئېلان قىلمىغان.
مىكروسوفت ھازىر كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سۈنئىي ئىدراك، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلارغا بەكرەك زېھنىنى بېرىۋاتىدۇ.
#بىلىمدان #بىلىمزار
No comments:
Post a Comment