مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئالەم : چۆچۆرە نەزەرىيەسى
بۇ سۈرەت ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئېكسپوزىتسىيە ئاستىدا تارتىلغان قوش ماياتنىك ئاخىرقى ئۇچ يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسى بولۇپ، چۆچۈرە نەزەرىيەسىنى ناھايىتى ياخشى نامايان قىلغان
ھاۋارايىدىن توغرا مەلۇمات بېرىش ئىنتايىن قىيىن ئىش، بۇ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن ئەمەس ( نۇرغۇن مەسىلىلەر بۇنىڭدىن كۆپ مۇرەككەپ بولسىمۇ ، ئالىملار ئاسانلا ھەل قىلالايدۇ )، بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن: ئالىملار 20ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىز تۇرۇۋاتقان بۇ ئالەمنىڭ ئىنتايىن قالايمىقان ئىكەنلىكىنى بايقىغان، نۇرغۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ قالايمىقانچىلىقلارنى پۈتۈنلەي مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.ئەمما، بۇ خىل تۇتۇقلۇقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بەزى قانۇنىيەتلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ.ئەگەر بىز بۇ قانۇنىيەتلەرنى تولۇق چۈشىنەلىسەك، بەلكىم تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېچىپ تاشلىيالىشىمىز مۇمكىن.
چۆچۈرە»نى چۈشىنىش»
فىزىكىدىكى ئەڭ گۈزەل نۇقتا بولسا ئۇنىڭ مۇتلەقچانلىقىدا بولۇپ، ئەگەر سىز مەلۇم بىر سىستېمىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنسىڭىز ( بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سىستېما يەككە زەررىچە بولسىمۇ، يەر شارىدىكى ھاۋارايى قانۇنىيىتى بولسىمۇ، ھەتتا پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى بولسىمۇ بولىدۇ )، شۇنداقلا فىزىكا قائىدىلىرىنى چۈشەنسىڭىز، بۇ سىستېمىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيسىز.بۇ دەل ئاتالمىش دېتېرمىنىزىم بولۇپ ،فىزىكا ئالىملىرى دەل مۇشۇ نۇقتىدىن پايدىلىنىپ زەررىچە، ھاۋارايى ۋە پۈتكۈل ئالەمنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىش جەريانىنى مۆلچەرلىگەن.لېكىن بىز تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھەم مۇتلەقلىق خاراكتېرگە ھەم مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق.
بىز ئەڭ بۇرۇن 19ـ ئەسىردىلا بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن.ئەينى چاغدىكى شىۋېتسىيە پادىشاھى «ئۈچ گەۋدە مەسىلىسى» گە قارىتا ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى، كىم بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالىسا، مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.ئۈچ جىسىم مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشتا ئاساسلىقى نيۇتون قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ جىسىمنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى مۆلچەرلەش كېرەك.
ئەگەر قۇياش سىستېمىسىدا ئىككى ئاسمان جىسىمى پەقەت تارتىش كۈچىگە تايىنىپ ئۆزارا تەسىر كۆرسەتسە، نيۇتوننىڭ فىزىكا قائىدىسى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ.لېكىن ئەگەر بۇ تارتىش كۈچى سىستېمىسىغا ئۈچىنچى ئاسمان جىسىمى كىرگۈزۈلسە، بۇ سىستېمىنىڭ كەلگۈسىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.
تالاش ـ تارتىش خاراكتېرىگە ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى تالانت ئىگىسى، فرانسىيە ماتېماتىكا ئالىمى ھېنرى پېڭجيالەي بۇ قېتىمقى ئىنئامغا ئېرىشتى، لېكىن ئۇ ئۈچ گەۋدە مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلالمىدى.ئەكسىچە، ئۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ، بۇ مەسىلىنىڭ يېشىلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.بۇنىڭدىكى بىر ھالقىلىق سەۋەب شۇكى، سىستېما باشلانغاندا ئازراقلا پەرق بولسىمۇ،لېكىن ئاخىرلاشقاندا ئاسمان ـ زېمىن پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ قاراش ئېتىبارغا ئېلىنمىغاندا، فىزىكا ئالىملىرى يەنىلا ئالەمنى ھەل قىلغۇچ دەپ قارايدۇ.20ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئېدۋارد لورېنتس دەسلەپكى كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ يەر شارىنىڭ ھاۋا رايىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاددىي مودېلنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئالىملار ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.لورېنتس ھەر قېتىم مودىلنى قايتا قوزغاتقاندا، ئېرىشكەن نەتىجىسىنىڭ خېلىلا پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى.بۇ ئۇنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى، چۈنكى ئۇ ھەر قېتىم كىرگۈزگەن سانلىق مەلۇماتلار پۈتۈنلەي ئوخشاش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىشلەتكىنى كومپيۇتېر بولغاچقا، تەكرارلىنىشچان خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل تەقلىدىي سىستېمىنىڭ دەسلەپكى شەرتى ئىنتايىن يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە.دەسلەپتە پەقەت ئازراقلا خاتالىق پەرقى بولغان ھەتتا بۇ پەرق بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ سىستېمىدا تەقلىد قىلىنغان ھاۋا رايى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.لورېنتس بايقىغان بۇ خىل ھادىسە دەل ئاتالمىش چۆچۈرە» دۇر».
غۇۋالىق ئىچىدە ئىزدەنمەك
خۇددى پومېراي ئەڭ بۇرۇن بايقىغانغا ئوخشاش، بۇ دەل چۆچۈرە(غۇۋالىشىش) سىستېمىسىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكى.ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر سىستېمىنىڭ دەسلەپكى شەرتىگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە، ئەڭ ئاخىرقى كىلىپ چىققان نەتىجىسى ئازراقلا ئوخشىماسلىقى كېرەك لېكىن ھاۋا رايى سىستېمىسى بۇنداق ئەمەس.بىر قېتىملىق تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئۆزگىرىش( مەسىلەن، بىر كېپىنەك جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە قانىتىنى قېقىپ قويسا) ھاۋادا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن ( مەسىلەن، ئاتلانتىك ئوكياندا بىر مەيدان يېڭى قارا بوران شەكىللىنىشى مۇمكىن ).
ئەمەلىيەتتە، چۆچۆرە سىستېمىسى ھەممە يەردە بار، ھەتتا پۈتۈن ئالەمگە تارقالغان.بىر يەككە ماياتنىكنى يەنە بىر يەككە ماياتنىكنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا تۇتاشتۇرغاندا ئىنتايىن ئاددىي، ئەمما ئىنتايىن تۇتۇق بولغان سىستېمىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ،پاڭ جيالەينىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئۈچ گەۋدە مەسىلىسىمۇ بىر تۇتۇقلۇق سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ ،تۈرلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشىمۇ بىر تۇتۇقلۇق سىستېمىسى ...... توغرا، تۇتۇقلۇق ھەقىقەتەن ھەممە يەردە مەۋجۇت.
دەسلەپكى شارائىتنىڭ سەزگۈرلۈكى بولسا بىزنىڭ مەڭگۈ چۆچۆرە(تۇتۇقلۇق) سىستېمىسىغا قارىتا توغرا پەرەز قىلالمايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ بۇ سىستېمىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان ئېنىق يۆنىلىشنى بىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.بۇ جەرياندا ئازراقلا چەتنەپ كەتسىڭىز، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن،بۇ سىستېمىنىڭ ھالىتىنى ئاڭقىرالماي قالىسىز.بۇ دەل ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتنىڭ يۈزدە يۈز توغرا بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى.
شەكىلگە ئايرىشنىڭ سىرى
بۇ خىل ئېنىقسىزلىق ۋە تۇتۇقلۇقنىڭ ئارقىسىغا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر يوشۇرۇنغان.بۇ ئالاھىدىلىكلەر «فازا بوشلۇقى» دا تولۇق ئىپادىلەنگەن.فازا بوشلۇقىدا بىر سىستېمىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىت نۇقتىسىدا تۇرغان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن.ئەگەر سىز بىر سىستېمىنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قايسى خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز، مۇناسىپ بوشلۇقتا مۇناسىپ نۇقتىلارنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيسىز.
سىستېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھالىتى ۋە خۇسۇسىيىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.سىز يەنە بىر ۋاقىت نۇقتىسىنى تاللاپ، مۇناسىپ بوشلۇقتا شۇ ۋاقىت نۇقتىسىغا ماس كېلىدىغان نۇقتىنى تەسۋىرلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، فازا بوشلۇقىدا تەسۋىرلەنگەن نۇقتىلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.يېتەرلىك كۆپ نۇقتا بولغاندا، سىز سىستېمىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ھەرىكەت ئۆزگىرىشىنى كۆزىتەلەيسىز.
بەزى سىستېمىلاردا «جەلپ قىلغۇچى تەركىب » دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قانۇنىيەت پەيدا بولىدۇ: مەيلى سىز سىستېمىنى قەيەردىن قوزغىتىڭ، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ خاھىشىدىكى مەلۇم ئالاھىدە ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ.مەسىلەن، مەيلى سىز تاغ جىلغىسىدىكى قايسىلا ئورۇنغا بىر توپنى تاشلىماڭ، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا دومىلاپ جىلغا ئاستىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.شۇڭا جىلغا تېگى دەل مۇشۇ سىستېمىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى رايونىدۇر.
لورېنتس يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاددىي ھاۋا رايى سىستېمىسىنىڭ فازا بوشلۇقىنى تەتقىق قىلغاندىمۇ، بىر جەلپ قىلىش كۈچىنى بايقىغان.لېكىن بۇ جەلپ قىلىش كۈچى ئۇ ئىلگىرى كۆرگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئوخشىمايدۇ.ئۇنىڭ ھاۋا رايى سىستېمىسىدىمۇ بەلگىلىك قانۇنىيەت بار، لېكىن ئوخشاش بىر خىل ھالەت ئەزەلدىن تەكرارلىنىپ باقمىغان.دېمەك، فازا بوشلۇقىدا مەڭگۈ ئۆزارا قاتلانغان ئىككى نۇقتا پەيدا بولمايدۇ.
زىددىيەتلىك جايلىرى
بۇ قارىماققا ناھايىتى زىددىيەتلىك كۆرۈنىدۇ: سىستېمىدا بىر جەلپ قىلىش تەركىبى بار، يەنى سىستېما مەلۇم بىر قاتار ھالەتكە ئۆزگىرىشكە مايىل بولىدۇ،لېكىن ئوخشاش بىر خىل ھالەت ئەزەلدىن ئىككى قېتىم كۆرۈلۈپ باقمىغان.بۇنداق ئالاھىدە تۈزۈلۈشنى بىردىنبىر تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغىنى پەقەت ئاتالمىش تارماق شەكىللىك تۈزۈلۈشلا ئىدى.
ئەگەر لورېنتس ھاۋا رايى سىستېمىسىنىڭ فازا بوشلۇقىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى چوڭايتىپ كۆزەتكەندە، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن پۈتكۈل فازا بوشلۇقىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، پەقەت ئازراقلا كىچىكلەپ قالغان خالاس ،ئەگەر بۇ بىر قىسمىدىن يەنە بىر قىسمىنى كېسىپ ئېلىپ چوڭايتىپ كۆزەتكەندە، يەنە ئوخشاش بىر جەلپ قىلغۇچى تەركىبنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ ...... مۇشۇ بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا بۇ خىل ھالەتتە قانداقلا چوڭايتىشتىن قەتئىينەزەر، قارىماققا ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش بولغان بۇ قۇرۇلما «بۆلۈنمە شەكىللىك قۇرۇلما»دەپ ئاتىلىدۇ.
شۇڭا، بۇ ھاۋا رايى سىستېمىسىدا ھەقىقەتەن بىر جەلپ قىلىش تەركىبى بار بولۇپ، پەقەت ئۇ ناھايىتى غەلىتە خالاس.شۇڭا ئالىملار خەت مەنىسى بويىچە ئۇنىڭغا «غەلىتە جەلبكار» دەپ نام بەرگەن.ئەمەلىيەتتە، ھاۋارايى سىستېمىسىدا بۇخىل ئەھۋال مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، ھەر قانداق تۈردىكى تۇتۇقلۇق سىستېمىسىدا غەلىتە جەلبكار نۇقتا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.
بىز غەلىتە جەلپ قىلىش تەركىبلىرىنىڭ ماھىيىتىنى، ئۇلارنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان چۆچۆرە(تۇتۇقلۇق) سىستېمىسىدا قانداق ئىشلىتىشنى تېخى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولالمىدۇق.ماتېماتىكا ساھەسى ۋە ئىلىم ـ پەن ساھەسىدە، بۇ يەنىلا يېپيېڭى ساھە ھېسابلىنىدۇ . تۇتۇقلۇق سىستېمىسى مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرگە ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، پەقەت بىز ھازىرچە بۇھەقتە ئانچە چوڭقۇر بىلىپ كەتمەيمىز.ھازىرچە بىز يەنىلا تىرىشىپ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلايلى.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment