كومپيۇتېر قېتىۋېلىش بىلەن سېستىما دىسكىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟
بۇ قېتىمقى مەزمۇنىمىزدا ئاساسلىقى كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان C دېسكىغا قارىتا بىر كەسپىي چۈشەندۈرۈش بەرمەكچى ، كۆپچىلىككە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
C دىسكىغا بەك كۆپ نەرسە قاچىلىسا سىستېما قېتىۋالامدۇ؟
شۇنداق ! سىستېما قېتىۋېلىش بىلەن C دىسكا قالدۇق سىغىمى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك باشلىنىش مۇناسىۋىتى بار . بىز C دىسكىنىڭ سىغىمىنىڭ سىستېمىسى 1G دىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، ئەگەر سىغىمى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە ، قېتىۋېلىش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ ،ھەتتا سىستېما پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ ، چۈنكى سىستېمىنىڭ ئايلىنىشى ساقلاش بوشلۇقىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ ، شۇڭا بۇ1G بوشلۇق تەلىپى بولىدۇ ، قالدۇق سىغىمى بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ ئەمەلىيەتتە ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ . (ئەگەر بارلىق يۇمشاق دېتالنى C دېسكىغا قاچىلىسىڭىز كۆپرەك بوشلۇق ئېلىپ قويۇڭ ، ساقلانمىنىڭ ھەممىسى يۇمشاق دېتال قاچىلىغان دېسكىدا ساقلىنىدۇ ، ئەتە ئۆگۈن مېنى تىللاپ يۈرمەڭ يەنە )
كومپيۇتېر قېتىۋېلىش بىلەن C دىسكا ئېشىپ قالغان بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟
مۇناسىۋىتى يوق( C دېسكىنىڭ قالدۇق سىغىمى 1G دىن يۇقىرى ئەھۋال ئاستىدا) . كومپىيۇتېر قېتىۋېلىش مەسىلىسىنى ئەمەلىيەتتە كومپىيۇتېر ئىجرا قىلىش سۈرئىتى تەرەپتىن تەھلىل قىلساق بولىدۇ،بۇ ئىجرا قىلىش سۈرئىتىنى بولسا ئاساسى ماشىنىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى كۆپ خىل قاتتىق دېتاللار بەلگىلەيدۇ ، ھەل قىلغۇچ ئامىل بولسا CPU ( ئىجرا قىلىش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ ) ، ئىچكى ساقلىغۇچ (كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ،پروگراممىنىڭ ئىجرا بولۇش راۋانلىقىنى بەلگىلەيدۇ ) ، كۆرسىتىش كارتىسى ( ئويۇننىڭ كۆرۈنۈش ئۈنۈمى ۋە راۋانلىقىنى بەلگىلەيدۇ ) ، قاتتىق دېسكا ( قاتتىق دېسكىنىڭ ئوقۇش يېزىش سۈرئىتى كومپىيۇتېرنىڭ راۋانلىق دەرىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ) شۇڭا، ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئاساسلىق زاپچاسلىرىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا ، C دىسكىنىڭ تەقسىملىنىش سىغىمى ھەرقانچە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ ، ھەر كۈنى سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ ، ھەر كۈنى قاتتىق دىسكا بوشلۇقىنى تازىلىسىمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق ، ئىلگىرى قانداق قېتىۋالغان بولسا كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداق قېتىۋالىدۇ .
قاتتىق دېسكىنى قانداق رايونلارغا ئايرىش مۇۋاپىق ؟
قاتتىق دېسكىنى بىر قانچە رايونغا ئايرىش قاتتىق دېسكىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى ۋە ئىقتىدارىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بىز كومپىيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا كومپىيۇتېر سېستىمىسى بۇزۇلۇپ كىتىش ، ۋىرۇسلىنىش ئەھۋالىدىن ساقلىنىپ بولالمايمىز ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا سېستىما ئۈچۈن ئايرىم بىر رايون ئايرىپ قويساق ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ ماتېرىياللارنى باشقا رايونغا ساقلاپ قويساق قايتا سېستىما قاچىلىغان ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ ماتېرىياللىرى ئۆچۈپ كېتىش خەۋپىدىن ساقلىنالايمىز ، ئەگەر قاتتىق دېسكىنىڭ سىغىمى چوڭ بولسا ئىككىدىن تۆتكىچە رايونغا ئايرىساق بولىدۇ ، بىراق قاتتىق دېسكىنىڭ سىغىمى كىچىك ئەھۋال ئاستىدا كۆپ بولغاندا ئىككى تال رايونغا ئايرىساقلا كۇپايە ، ئەمما بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا بار .
بىرىنچى: بەك كۆپ رايونغا بۆلىۋېتىشكە بولمايدۇ ،ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن ئىككىدىن تۆتكىچە بۆلسەكلا يېتەرلىك ، سەۋەبى بولسا قانچە كۆپ رايونغا بۆلگەنسېرى ئىسراپ بولىدىغان بوشلۇقمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك كۆپ رايۇنغا بۆلگەندە بۆلگەن رايوننىڭ ئورنى خاتا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ،بۇنداق بولغاندا قاتتىق دېسكىنىڭ نورمال ئىشلەش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ .
ئىككىنچى : ھەر بىر بۆلۈنگەن رايوندىكى سانلىق مەلۇماتلار توشۇپ كەتسە ئۇنىڭ ئىقتىدارىدا چېكىنىش كۆرۈلىدۇ ، كىچىك سىغىمدىكى قاتتىق دېسكىنى بەك كۆپ رايونغا بۆلىۋەتكەندە بۇ رايونلار تېخىمۇ ئىتتىك توشۇپ قالىدۇ ، مەلۇم رايوننىڭ ئىشلىتىش مىقدارى 90% تىن ئېشىپ كەتكەندە قاتتىق دېسكىدا سانلىق مەلۇماتلار يوقاپ كېتىش ياكى سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىش قاتارلىق مەسلىلەر كۆرۈلىدۇ ،شۇڭا قاتىق دېسكا سىغىمى كىچىك بولسا ئادەتتە ئىككى رايونغا ئايرىساقلا بولىدۇ.
يۇمشاق دېتالنى قايسى دېسكىغا قاچىلىساق بىر قەدەر مۇۋاپىق ؟
ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدىكى قاتتىق دېسكا يېڭى چىققان بولسا، يۇمشاق دېتالنى C دىسكىغا ئورنىتىپ ، كومپيۇتېرنىڭ ئىجرا سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، بىۋاسىتە Cدىسكىغا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ .
ئەگەر ئەنئەنىۋى قاتتىق دېسكا بولسا ،C دىسكا ( سىستېما دىسكىسى) غا ئورناتماسلىق كېرەك. بۇنداق بولغاندا يۇمشاق دېتالنىڭ ئىجرا بولۇش راۋانلىقىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .
مۇھىم نۇقتا :
1. C دىسكىنىڭ قالدۇق بوشلۇقى قانچە كۆپ بولسا كومپيۇتېرنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىمۇ شۇنچە تىز بولمايدۇ ، پەقەت C دىسكىنىڭ قالدۇق بوشلۇقى 1G دىن چوڭ بولسىلا ، كومپيۇتېرنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى كومپيۇتېر سەپلىمىسى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ، C دىسكىنىڭ قالدۇق بوشلۇقى 1G دىن كىچىك بولسا ، سىستېمىنىڭ ئىجرا بولۇش راۋانلىقىغا تەسىر يېتىدۇ .
2. بەك كۆپ رايونغا بۆلۈشكە تەۋسىيە قىلىنمايدۇ ، ئادەتتە ئىككى رايون بولسىلا بولىدۇ ، بىرى سىستېما دىسكىسى يەنە بىرى مۇھىم ماتېرىيال ساقلايدىغان دىسكا بولسىلا بولىدۇ .
3. يۇمشاق دېتالنى قاچىلايدىغاندا سىستېما دىسكىسىدىن باشقا دېسكىغا قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن ، دېتالنى بىۋاستە سېستىما دېسكىسىغا ئورنىتىشقىمۇ بولىدۇ ئىشقىلىپ خالىغان بىر دېسكىغا ئورناتسىڭىزمۇ كومپىيۇتېر راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
bilimdan #bilimzar#
No comments:
Post a Comment