قاراڭغۇ ئۆڭكۈر، يورۇق ئۆڭكۈر!
بۈگۈنكى ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسىدا كىشىنى ئويغا سالىدىغان بۇ ئىككى ئاسمان جىسىمى سىرلىق بولۇپلا قالماي ئىنتايىن سىرلىق! قاراڭغۇ ئۆڭكۈر توغرىسىدىكى پەرەزلەر خىلمۇخىل بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئاجايىپ ـ غارايىپ دېگەن سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەش مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىزىقارلىقى مۇنداق قاراش: قاراڭغۇ ئۆڭكۈر يەنە بىر ئالەمنىڭ كىرىش ئېغىزىغا تۇتىشىدۇ، يورۇق ئۆڭكۈر بولسا چىقىش ئېغىزىغا تۇتىشىدۇ. يەنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر تەرەپتىن كىرگەندە قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ يەنە بىر تەرىپى يورۇق ئۆڭكۈر بولىدۇ، ئاندىن يورۇق ئۆڭكۈردىن چىقىدۇ! بۇ ناھايىتى قىزىقارلىق پەرەز، ئەمەلىيەتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ تولىمۇ ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەرەز ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا قاراڭغۇ ئۆڭكۈر دېگەن نېمە؟
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا قاراڭغۇ ئۆڭكۈر يۇقىرى زىچلىقتىكى ماددىلارنىڭ بىرىكمىسى. قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىشىگە نىسبەتەن ئورگان تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان جاۋاب بولسا، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ھازىرقى زامان كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدە، ئالەم بوشلۇقىدا مەۋجۇت بولغان بىر خىل ئاسمان جىسىمى. قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدىكى قېچىش سۈرىتىنى يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ. قاراڭغۇ ئۆڭكۈرمۇ ۋاقىت بوشلۇقىنىڭ ئەگرىلىكىدىن نۇرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئاسمان جىسىمى. قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنى بايقىغۇچى كارل سۋس 1916-يىلى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنى بايقىغان. كارل سۋس گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاسترونوم، فىزىكا ئالىمىدۇر. 2016-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكىنىڭ خۇببل تېلېسكوپىدا غايەت زور بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بايقالغان.
قاراڭغۇ ئۆڭكۈر قانداق شەكىللەنگەن؟
قاراڭغۇ ئۆڭكۈر پولىمېرلىنىش ئەندىزىسى ئاستىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىش جەريانى نېيترون يۇلتۇزىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە ئەگەر بىر دانە دەرىجىدىن تاشقىرى تۇرغۇن يۇلتۇز ھالاك بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يادروسى تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە تېز سۈرەتتە ئىچىگە ئۆرۈلۈش ۋە تارىيىش پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا بىر قىسىم تېپىش كۈچىگە ئىگە ماددىلارنى قويۇپ بېرىدۇ.
يادرولۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىش ئۆزگىرىش ئەندىزىسى ئاستىدا نېيترونغا ئايلانغان چاغدا، ئەگەر يىغىلىشىپ ئۆزگىرىش ھاسىل بولغان تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى چوڭ بولۇپ، پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئۈزلۈكسىز تارىيىشىنى يېتەرلىك ساقلىغاندا، بۇ چاغدا نېيترونلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرگەن تارتىش كۈچى بېسىمىنىڭ داۋاملىق تارىيىشىغا ئەگىشىپ، بىر زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئاسمان جىسىمى شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تارتىش كۈچى ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ھەرقانداق جىسىمنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. ھەتتا يورۇقلۇقمۇ ئۇنىڭ تارتىش كۈچىدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ. مانا بۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىشى. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر دەپ ئاتايمىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ نۇرنى سۈمۈرەلەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن قايتقان نۇرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ (چۈنكى ئۇ نۇرنى سۈمۈرۈۋالغان). شۇڭا كۆزەتكۈچىنىڭ كۆرۈش سېزىمى جەھەتتە بىر رەڭسىز رايوننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، شۇڭا ئۇنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر دەپ ئاتايمىز.
يورۇق ئۆڭكۈر دېگەن نېمە؟
يورۇق ئۆڭكۈر ئالەمدىكى پۈركۈش مەنبەسى بولۇپ، سىرتقى رايوننى ماددا ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، لېكىن سىرتقى رايوندىكى ھەرقانداق ماددا ۋە رادىياتسىيەنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭا يورۇق ئۆڭكۈر پەقەت قويۇپ بېرىدىغان، قوبۇل قىلمايدىغان ئالاھىدە ئالەم بوشلۇقى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بىلەن قارىمۇ ـ قارشى. يورۇق ئۆڭكۈرمۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ئالدىن ھۆكۈم قىلغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئەكسىچە بولغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان ئالاھىدە ئاسمان جىسىمى. يورۇق ئۆڭكۈر ھازىر تېخى بىر خىل نەزەرىيەۋى مودېل بولۇپ، كۆزىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلانغىنى يوق. يورۇق ئۆڭكۈر نەزەرىيەسى بويىچە ئېيتقاندا، يورۇق ئۆڭكۈر بىلەن قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئوخشاش، يەنە بىر يېپىق چېگراسى بار. يورۇق ئۆڭكۈرگە توپلانغان ماددىلار پەقەت چېگرا ئارقىلىق سىرتقا ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەكس يۆنىلىشلىك ھەرىكەت قىلمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئىچىگە سىرتىدىكى ماددىلار كىرىشكە بولمايدۇ.
يورۇق ئۆڭكۈر قانداق شەكىللەنگەن؟
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يورۇق ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىش ئەندىزىسى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى تارتىش كۈچى يېتەكچىلىك قىلىدىغان پولىمېر ئۆزگىرىش ئەندىزىسى ئاستىدا شەكىللەنگەن. لېكىن بىردىنبىر پەرقى شۇكى، يورۇق ئۆڭكۈرنىڭ ھامان بىر پارتلاش مېخانىزمى ۋە قۇرۇلمىسى بولىدۇ. يورۇق ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىش جەريانى بولسا پولىمېرلىنىش ئەندىزىسى ئاستىدا ماددىلار تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە بىرىكىش، ئۆزگىرىش ۋە توپلىنىش ئارقىلىق ماددىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ، ئاندىن ماددىلارنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن زور بولغان بىر رايون (قاراڭغۇ ئۆڭكۈر) نى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ چاغدا جىسىمنىڭ تارتىش كۈچى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، پوليارىزاتسىيە ئەندىزىسى ئاستىدىكى تارتىش كۈچى ماددىدىكى تېپىشىش كۈچىگە تاقابىل تۇرالمايدىغان بولۇپ، بۇ چاغدا ماددىدىكى تېپىشىش كۈچى يېتەكچىلىك قىلغان يادرونىڭ ئۆزگىرىشى تارتىش كۈچىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تېپىشىش كۈچى تەسىرىدىن شەكىللەنگەن يادرو ئۆزگىرىشى تارتىش كۈچىنى بۆسۈپ ئۆتكەن ماددىلارنى كۈچلۈك يادروغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇنى يورۇق ئۆڭكۈر دەيمىز؟
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، يورۇق ئۆڭكۈر پەيدا بولغاندا زور مىقداردا يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ماددىلار پەيدا بولىدۇ. بۇ ماددىلارنىڭ تېپىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، كۈچلۈكلىكىدىن تارتىش كۈچىنىڭ ئاسارىتىنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدۇ. ئاندىن كۆزەتكۈچىلەر كۆزىتىش جەريانىدا ئاپئاق بىر رايوننى كۆرىدۇ. مانا بۇ يورۇق ئۆڭكۈردۇر.
قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بىلەن يورۇق ئۆڭكۈر بىر ئورتاق گەۋدە بولۇپ، ئەگەر بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ تېپىش كۈچىنى كونترول قىلالمىسا، بۇ چاغدا قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ تېپىش كۈچى كۈچلۈك يادروغا ئۆزگىرىدۇ. دەل بۇ چاغدا يورۇق ئۆڭكۈر شەكىللىنىدۇ، ياكى بىز بىلىدىغان ئېلېكتىروماگنىت ئىمپۇلسى مۇشۇ ئەندىزە ئاستىدا پەيدا بولىدۇ. ماددىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى نەتىجىسىدە، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بىلەن يورۇق ئۆڭكۈر پەقەت بىز بىلىدىغان ئالەم دائىرىسى ئىچىدە يۈز بېرىدۇ.
شۇڭا قاراڭغۇ ئۆڭكۈر باشقا بىر ئالەمنىڭ كىرىش ئېغىزى ئەمەس، يورۇق ئۆڭكۈرمۇ باشقا بىر ئالەمنىڭ چىقىش ئېغىزى ئەمەس. ئەگەر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە كىرىدىغان بولساق، ئۇنداقتا پەقەت بىرلا ئېھتىماللىق بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆلۈم. چۈنكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە ئاتوممۇ مەۋجۇت بولمايدىغان تۇرسا، باشقا بىر ئالەمنى قانداقمۇ تىلغا ئالغىلى بولسۇن؟
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment