ئاچچىقلىنىش چوڭ مېڭىگە ئوڭشىغىلى بولمايدىغان ئۆزگىرىش ئەپ كېلىدۇ
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، غەزەپ بىلەن ئاچچىقلىنىش چوڭ مېڭىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، دائىم تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇم قىلىش كەيپىياتىنى ساقلاش چوڭ مېڭىدە يېڭى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى پەيدا قىلىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ قاتتىق غەزەپلىنىشكە تۈرتكە بولىدىكەن .
بۇ يەكۈنگە تەتقىقاتچىلار تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتكە ئىگە چاشقاننىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەھلىل قىلىپ ئېرىشكەن بولۇپ، بىر چاشقان ئېلىشىشتا غەلىبە قىلغاندا، ئۇ تېخىمۇ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، غەزەپلىنىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىدىكەن ھەمدە چوڭ مېڭىدە يېڭى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تەتقىقاتنىڭ غەزەپلىنىش ھەرىكىتى ۋە تەنھالىقنى خالاش كېسىلىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى تەھلىل قىلىشقا ياردىمى بولىدىكەن .
رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى موسكۋا فىزىكا تېخنىكا تەتقىقات ئورنى
( MIPI )
دىكى نېرۋا بىيولوگىيەشۇناسلىرى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل بولغان.ئۇلار تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە چاشقانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىدۇ، بۇ چاشقانلار باشقا چاشقانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ ھەم جەڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
جۈپ ـ جۈپ چاشقانلار قەپەس ئىچىگە قويۇلغان بولۇپ، بىر ئايرىش بۇيۇمى ئارقىلىق ئايرىپ تۇرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر ـ بىرىنى كۆرۈشى، ئاڭلىشى ۋە پۇرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن ئۆزارا ئۇچرىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئايرىپ قويۇشقا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئېلىۋېتىلىدۇ ، ئالىملار بۇ ئىككى چاشقاندا داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ئۇرۇش پارتىلىمىغانلىقىنى بايقىدى.ئىككى ـ ئۈچ قېتىملىق جەڭدىن كېيىن، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بىر تەرەپ پەيدا بولدى، بۇ چاغدا ئالىملار يەنە بىر قېتىم بۇ ئىككى دانە چاشقاننى ئايرىۋەتتى.
ئالىملار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن چاشقاننىڭ تېخىمۇ سوقۇشقاق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى سەقەنقۇر رايونىدا يېڭى نېرۋا ھۈجەيرىسى شەكىللەنگەنلىكىنى بايقىغان، سەقەنقۇر رايونى چوڭ مېڭىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەستە تۇتۇش، سىرلىق ئوردىدا يول باشلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن.قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تەتقىقاتچىلار غەزەپلەنگەن چاشقاننىڭ يېڭى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ جانلىنىشچانلىقىنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئاسان ھۇجۇم قوزغاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان .
تەتقىقات گۇرۇپپىسى
ئاقسىلىنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق، چاشقاننىڭ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسى قاتلىمىدىن ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلغان.چوڭ مېڭە غول ھۈجەيرىسىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش يېڭى بىر ئەۋلاد نېرۋا ھۈجەيرىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ قۇرۇلما ئەستە تۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان نېرۋا تورىدۇر.ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆگىنىش ياكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدىكى بىر قاتار مولېكۇلا ئۆزگىرىشى ئارقىلىق، چوڭ مېڭىدە ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولىدىكەن.
بۇ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار سەقەنقۇر رايونى ۋە ئۆرۈك مېغىزى يادروسى (قورقۇش، تاجاۋۇزچىلىق ۋە تەشۋىشنى كونترول قىلىشقا مەسئۇل چوڭ مېڭە رايونى)نى سېلىشتۇرۇپ، ئىككى ھالقىلىق قۇرۇلمىدا بۇ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك تەجرىبىدىن پەيدا بولغان تەسىرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەلىل ـ ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاجاۋۇزچىلىق ۋە توپ ـ توپ بولۇپ جانلىنىپ كەتكەن چاشقانلارنىڭ سەقەنقۇر رايونى تېخىمۇ كۆپ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.
بۇ ئەڭ يېڭى تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشقا قاتناشقان چاشقانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى سەقەنقۇر رايونىنىڭ
ئاقسىل كۆرسەتكۈچى ئۆرلەپ كەتكەن، ئەمما ئۆرۈك مېغىزى يادرو كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇ نۇقتا ئالىملارنى گاڭگىرىتىپ قويغان.ھالبۇكى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى شۇكى، ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئۆرۈك مېغىزى يادروسى نۇرغۇن كېسەللىك ئۆزگىرىش جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەنھالىقنى خالاش كېسىلىنىڭ شەكىللىنىشىمۇ بار.ئالىملار بۇ چاشقانلارنىڭ تېخىمۇ تەشۋىشلىنىدىغانلىقىنى، دائىم تەكرار ھەرىكەت قىلىش ۋە باشقا چاشقانلار بىلەن بولغان ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئىنسانلارنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
……………………………………………………………
#bilimdan #bilimzar
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment