مىزاجىڭىز قانداق بولسا سىزمۇ شۇنداق ئىنسان، ئۆزىڭىزنى چۈشنىۋېلىڭ
كۈندىلىك تۇرمۇش ياكى خىزمەتتە بولسۇن ، مىزج بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . بىز كۆپىنچە ناھايىتى ئاسانلا كىشىلەردىكى ئوخشىمىغان مىزاج – خاراكتېرلەرنى ھېس قىلالايمىز. يەنى بەزىلەر ناھايىتى ئاسانلا ھاياجانلىنىدۇ -دە، ئىش بىجىرسىمۇ تەلۋىلەرچە پوزىتسىيە تۇتۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. بەزىلەر بولسا زىھنىي ئۆتكۈر ، ئەقىللىق كېلىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا ئىنكاسى تۇغما ئاستا كېلىدۇ. يەنە بەزىلەر ئىنتايىن ئاجىز ۋە نازۇك كېلىدۇ. بۇ خىل خاراكتېرلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى دەل كىشىلەردىكى مىزاجنىڭ ھەر خىل بولغانلىقىدىندۇر. پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ، ئادەمنىڭ ئىچكى خاراكتېرى ھېسسىيات ، ئىشەنچ ، ئىرادە قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . بىز ھەرقاچان مىزاجنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىمىز. بىزنىڭ مىزاجغا بولغان دەسلەپكى چۈشەنچىمىز مىزاجىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ ، كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشىمىزگە ، مۇئەييەن پىسخىكىلىق ئاساس ھازىرلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ئادەملەردە بولىدىغان قان ،سەپرا ، بەلغەم ، سەۋدا قاتارلىق 4 خىل ئاسالىق مىزاجنى ئەتىياز ، ياز ، كۈز ۋە قىشتىن ئىبارەت 4 پەسىلگە تەتبىقلاشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئوخشىمىغان مىزاجغا ئىگە كىشىلەر ئوخشىمىغان خاراكتېرگە ئىگە.
بىر ئادەمنىڭ قانداق خىزمەت ۋە تۇرمشقا ماسلىشىشى دەل ئۇلارنىڭ مىزاجى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ قارىشىمىزدا ، مىزاج كىشىلەرنىڭ تىلى ، ھىسسىياتى ، گەپ -سۆزى ، ئىش -ھەرىكىتى ۋە پىسخىكىسى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدىغان مۇئەييەن ھالەت .مىزاج كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى نىسپىي مۇقىم بولغان ئالاھىدىلىك بولۇپ ، پەقەت تاشقى ئامىل تۈپەيلىدىنلا ئىپادىلىنىپ چىقمايدۇ. بىز مىزاجنىڭ ئوخشىمىغان تىپلارغا بۆلۈنۈشىگە ئاساسەن ، ئۆزىمىزنى تەھلىل قىلىپ كۆرسەك بولىدۇ. شۇندىلا بىز ئۆزىمىزدىكى كەمتۈك تەرەپلەرنى ھېس قىلالايمىز.
1. كۈچلۈك ، ئەمما تۇراقسىز سەپرا ( قۇرۇق ئىسسىق ) مىزاجلىقلار :
بۇ خىل كشىلەردە ھېسسياتنىڭ شەكىللىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ، ئۇلاردا بۇ خىل تۇيغۇلارنىڭ شەكىللىنىش قانچە تېز بولسا ، غايىب ولۇشىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ. ئەقلىي پائالىيەتلەردە زېھنى ئۆتكۈر ، ئەمما ئىش قىلغاندا قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەپ قويىدۇ. ئۇلار يەنە مۇستەھكەم ئىرادىگە ئىگە بولۇپ ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشتىن قورقمايدۇ ، ئىشلارنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئەمما ئۇلار كۆپىنچە قېنى قىزىق بولغاچقا ، ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ. سەپرا مىزاجلىقلارنىڭ خىزمەتتە قىز قىزغىن بولۇپلا قالماستىن ، تۈز ، زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ قۇرىدىغان بولۇپ ، قەيسەر ھەم ئاكتىپ كېلىدۇ. ئەمما بۇخىل مىزاجلىقلارنىڭ كەيپىياتى ئازراق پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرىسىلا ، مىزاجى ئاسان چۇسلىشىپ كېتىدۇ. يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئۆزگىرىشچان كەيپىيات بىرلەشكەن سەپرا مىزاجلىقلار بىرەر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. شۇنىسى ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ئازراق پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرىسىلا ، ئاسانلا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ. بۇخىل مىزاجدىكى كىشىلەر ئىجادچانلىق تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىرەر ئىش بىلەن بىرلا مەشغۇل بولۇپ كەتسە ، كۆپ ھاللاردا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. شۇنىسى ، ئۇلاردىكى ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىق ، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى چوڭ توسالغۇ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ، تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلاش ئۇلارغا نىسبەتەن چوقۇم ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
2- كۈچلۈك ھەم تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىيالايدىغان زېرەك قان ( ھۆل ئىسسىق ) مىزاجلىقلار :
قان ( ھۆل ئىسسىق ) مىزاجلىقلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشى تېز بولۇپ ، ئۇلار ناھايىتى سەزگۈر ھەم زېرەك كېلىدۇ. ئۇلار جانلىق ۋە پائالىيەتچان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار تولۇق چۈشىنىشكە ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى ، باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلەيدۇ ، كىشىلىك ئالاقىگە ناھايىتى ماھىر كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشىمۇ ناھايىتى تېز بولۇپ ، تۇترۇقسىز كېلىدۇ.
قان ( ھۆل ئىسسىق ) مىزاجلىقلار نېرۋىنىڭ تەڭپۇڭ ھالىتىنى ساقلىيالايدىغان بولغاچقا ، خىزمەتتە جانلىق ، پائالىيەتچان ، ئالاقىگە ماھىر ، ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى ھالەتنى ساقلىيالايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ دىققىتى ئاسان چېچىلىدىغان بولغاچقا ، خىزمەتتە بۇخىل كەمچىلىكىنى تۈزىتەلمەيدۇ. ئۇلار رەڭدارلىقى كۈچلۈك خىزمەتلەرنى قىلىشقا ماس كېلىدۇ.
ئۇلاردا كۈچلۈك پائالىيەتچان بىر يۈرەك بولۇپ ، خىزمەتنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن بېرىلىپ ئىشلىيەلەيدۇ. ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرداشلىق بېرىپ كېتەلەيدۇ ، ئەمما كىچىككىنە توسالغۇغا ئۇچرىسىلا ياكى جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىپ قالسىلا ، ئاسانلا قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارغا ئاساسەن مۇخبىرلىق ، ئادۋوكاتلىق ، باشقۇرغۇچى ، مەمۇرىي خادىم قاتارلىق خىزمەتلەر ماس كېلىدۇ. ئۆزىدىكى تەڭپۇڭ ھالەتنى جارى قىلدۇرۇشتا قان ( ھۆل ئىسسىق ) مىزاجلىقلارنىڭ ئىپادىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولىدۇ.
3- كۈچلۈك ھەم تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىيالايدىغان بەلغەم ( ھۆل سوغۇق ) مىزاجلىقلار :
بەلغەم ( ھۆل سوغۇق ) مىزاجلىقلارنىڭ كەيپىياتى بىرقەدەر تۇراقلىق بولۇپ ، ئاسانلىقچە ھاياجانلانمايدۇ ۋە ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇلار ئىچ مىجەز بولۇپ ، خىيالنى كۆپرەك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپەككۈرى ۋە سۆز-ھەرىكىتى تۇراقلىق ۋە ئاستا ، سوغۇققان ھەم ئۆزىگە پۇختا كېلىدۇ. ئۇلار خىزمەتتە ناھايىتى ئىنچىكە بولۇپ ، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئۆز قارارى بوييچە ئىش قىلىش خاھىشى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. كۆنۈپ قالغان خىزمەت مۇھىتىدا يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلالىسىمۇ ، ئەمما يېڭى خىزمەت مۇھىتىغا دەماللىققا ماسلىشالمايدۇ.
خىزمەتتە بەلغەم ( ھۆل سوغۇق ) مىزاجلىقلارنىڭ نېرۋىسى زىيادە تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىيالىسىمۇ ، ئەمما ئۇلاردا جانلىقلىق كەمچىل. ئۇلار سەۋرچان ، ئېغىر -بېسىق ، ئەمما ئىنكاسى ناھايىتى ئاستا ۋە جانسىز كېلىدۇ. ئەلۋەتتە ، ئۇلار ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلىدۇ ، خىزمەت تۈزۈمىگە ئاكتىپ بويسۇنىدۇ. بەلغەم ( ھۆل سوغۇق ) مىزاجلىقلار ناھايىتى ياخشى ھەمكارلاشقۇچى بولۇپ ، ئۇلار يەنە ناھايىتى تېزلا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئادەتتە ئۇلار چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلمىسىمۇ ، ئەمما ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە قۇربان بېرىش روھى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇخىلدىكى كىشىلەر ئەستايىدىللىق ۋە ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەرنى قىلشقا ماس كېلىدۇ. يەنى كاتىپلىق ، سىياسىي باشقۇرغۇچى ، پىركازچىك ، كاسسىر قاتارلىقلار. ئۆزىنىڭ مىزاج خاراكتېرىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ، ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرالىسىلا ، بەلغەم ( ھۆل سوغۇق ) مىزاجلىق كىشىلەر ئوخشاشلا ناھايىتى مۇنەۋۋەر بولالايدۇ.
4- ئاجىز ، ئەمما سەزگۈرلۈكى يۇقىرى سەۋدا ( قۇرۇق سوغۇق ) مىزاجلىقلار :
سەۋدا ( قۇرۇق سوغۇق ) مىزاجلىقلارنىڭ ئادەتتە كۆڭلى ناھايىتى نازۇك كېلىدۇ. ئۇلار ئاسان تەسىرلەنسىمۇ ، ئەمما ئويلىغانلىرىنى ئاسانلىقچە سىرتقا چىقارمايدۇ. تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئۇلار يۇقىرى كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ، ئادەتتە باشقىلار ھېس قىلالمايدىغان نەرسىلەر ھېس قىلالايدۇ ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق بىلەلەيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى ئاستا كېلىدۇ ، بىرەر مەسىلە ئۈستىدە قارار چىقارسىمۇ ، كەسكىن بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ. خىزمەتتە ئۇلار ئۆزىگە تازا ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. كىشىلىك ئالاقە دائىرىسىمۇ ناھايىتى تار بولغاچقا ، دائىم غېرىبلىق ھېس قىلىدۇ.
خىزمەتتە سەۋدا ( قۇرۇق سوغۇق ) مىزاجلىقلار ئېھتىياتچان ، زىيادە ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە كېلىدۇ ، ئەمما قارار چىقىرالمايدۇ. ئۇلارنىڭ نېرۋىسىمۇ ئاجىزراق بولغاچقا ، زىيادە بېسىم ۋە زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئۇلار ئاسان تەسىرلىنىدىغان بولۇپ ، ئانچىكى ئىشلار ئۈچۈنمۇ تەسىرلىنىدۇ. ئۇلار باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندىمۇ ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ ، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەمما ئازراق خەتەرگە دۇچ كەلسىلا ئاسان جىددىيلىشىپ ، قورقۇپ كېتىدۇ. سەۋدا ( قۇرۇق سوغۇق ) مىزاجلىقلارنىڭ ئىچىدە سەنئەتكارلار كۆپ يېتىشىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئۇلاردىكى يۇقىرى كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقى ، ئۇلارنىڭ شۇ خىل كەسىپلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. سەۋدا ( قۇرۇق سوغۇق ) مىزاجلىقلارنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى ئۇلارنىڭ سىسترا ، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچى خادىم ، باغچە مۇئەللىمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىشقا بەكرەك ماس كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى ، يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن 4 خىل تىپتىكى مىزاجنى مەيلى خىزمەت ۋەياكى تۇرمۇشتا بولسۇن ، بىز دائىم ھېس قىلالايمىز. گەرچە ئۇلار ياخشى -يامان دەپ ئايرىلمىسىمۇ ، ئەمما مۇھىمى بىز پەقەت ئۆزىمىزدىكى كەمچىللىك ۋە نوقسانلارنى ھېس قىلىپ يېتەلىسەك ، ئۇنى تولۇقلىيالىساق ، ئارتۇقچىلىق تەرەپلەرنى دەل جايىدا ، داۋاملىق جارى قىلدۇرالىساقلا كۇپايە قىلىدۇ ، خالاس.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment