Search This Blog

Wednesday, December 4, 2019

تۇرمۇشىمىزدىكى 25 خىل قىزىقارلىق قانۇنىيەت

 تۇرمۇشىمىزدىكى 25 خىل قىزىقارلىق قانۇنىيەت



1. ئالما قانۇنىيىتى: ئەگەر بىر دۆۋە ئالما بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ياخشىسىمۇ، ناچىرىمۇ بولسا، سىز ياخشىسىنى يەپ، ناچىرىنى تاشلىۋېتىسىز، ئەگەر سىز ئالدى بىلەن ناچىرىنى يېگەن بولسىڭىز ياخشىمۇ ناچار بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ ياخشىسىنى يېيەلمەيسىز، كىشىلىك ھاياتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.
2. خۇشاللىق قانۇنىيىتى: مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ياخشى تەرىپىنى ئويلىسىڭىزلا خۇشال بولىسىز، خۇددى ئېرىققا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ، چۈشكەندىن كېيىن يانچۇقىڭىزغا بىر تال بېلىق كىرىپ قالغان ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلغاندەك.

3. بەخت قانۇنىيىتى: سىز ھەمىشە ئۆزىڭىزدىن مەن بەختلىكمۇ؟ دەپ سورىمايدىغان بولغان ۋاقىت دەل بەختكە ئېرىشكەن ۋاقتىڭىز.
4. ئورۇن قانۇنىيىتى: بەزىلەر تاغنىڭ باغرىدا تۇرىدۇ، يەنە بەزىلەر تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرىدۇ، گەرچە ئورنى ئوخشاش بولمىغان بىلەن، ئىككىسىنىڭ نەزىرىدە قارشى تەرەپ ئۆزىگە ئوخشاش.
5. سۈكۈت قىلىش قانۇنىيىتى: تالاش-تارتىش بولغان ۋاقىتتا، ياقلاش ئەڭ قىيىن بولغان قاراش دەل سۈكۈت قىلىشتۇر.
6. ھەرىكەت كۈچى قانۇنىيىتى: ھەرىكەت كۈچى ھەمىشە ئىككى خىل سەۋەبتىن كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۈمىد ياكى ئۈمىدسىزلىك.
7. ھاقارەتلىنىش قانۇنىيىتى: ھاقارەتلەنگەن ۋاقىتتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىق، ئۇنى كەمسىتىش، ئەگەر سىز ئۇنى كەمسىتىشكىمۇ يارىمسىڭىز ھاقارەتلەنگىنىڭىزگە خوپ بوپتۇ دېمەكتىن باشقا ئامال يوق.
8. ھاماقەتلىك قانۇنىيىتى: ھاماقەتلىك كۆپىنچە پۇت-قول ياكى ئېغىز مېڭە ئىنكاسىدىنمۇ تېز بولۇپ كەتكەندە كۆرۈلىدۇ.
9. قىممەت قانۇنىيىتى: سىز مەلۇم نەرسىگە ئىگە بولغان ۋاقىتتا، بۇ نەرسە ھەرگىزمۇ سىز ئەسلىدە ئارزۇلىغان نەرسىدەك قىممەتلىك ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.

10. ئۇيقۇسىزلىق قانۇنىيىتى: تېلېۋىزورنى ئېچىپ قويسىڭىز ئۇخلىيالايسىز، ئېتىۋەتسىڭىز ئەكسىچە ئۇخلىيالمايسىز.
11. كىشىلىك ھايات قانۇنىيىتى: كىشىلىك ھايات بىر تاختا شاھماتقا ئوخشايدۇ، ھەر بىر قەدەمنى ئۆزىڭىز ماڭىسىز.
12. سۆھبەت قانۇنىيىتى: ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان سۆھبەت ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى توختاپ ئويلانماسلىق، يەنە بىرى توختاشنى ئويلىماسلىق.

13. نەتىجە قانۇنىيىتى: بىر قورقۇنچلۇق نەتىجە ھېچقانداق نەتىجە بولمىغاندىن كۆپ ياخشى.
14. ئازاب قانۇنىيىتى: ئۆلۈم ئەلۋەتتە ئازابلىق، ئەمما ئۆلۈمدىنمۇ ئازابلىق ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆلۈمنى كۈتۈش.
15. ئادەتلىنىش قانۇنىيىتى: سىز ھەر قانداق بىر ئىشنى توختىماستىن كۈچەيتسىڭىز، ئۇ ئاخىرىدا بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىدۇ.

16. ئويۇن قانۇنىيىتى: سىز دومىلاتما توپنى قانچىلىك ناچار ئويناڭ، ھەر قېتىم ھېچ بولمىغاندا بىر-ئىككى قېتىمدا ھەممىنى يىقىتالىشىڭىز مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن سىز خۇشال بولۇپ، يەنە قايتا كېلىسىز.
17. ئەيىبلەش قانۇنىيىتى: بارمىقىڭىزنى چىقىرىپ باشقىلارنى ئەيىبلىگەن ۋاقتىڭىزدا، قالغان ئۈچ بارمىقىڭىز ئۆزىڭىزگە قارىتىلىپ تۇرغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.
18. ساياھەت قانۇنىيىتى: ئەسلىمىڭىزدە ئەڭ ياخشى مەنزىرىلەر بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كونا جاينى قايتا ساياھەت قىلىپ يۈرمەڭ.
19. پۇل قانۇنىيىتى: ئۇ ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەمما ئۇ بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ.
20. قىيىنچىلىق قانۇنىيىتى: مەسىلە قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ۋاقىت شۇنچە قىسقا بولىدۇ.

21. زاپاسلاش قانۇنىيىتى: سول قولىڭىزدا ئىش قىلىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ، چۈنكى ئوڭ قولىڭىز سىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولۇشى ناتايىن.
22. ۋاقىت قانۇنىيىتى: بىر مىنۇت قانچىلىك ئۇزۇن؟ بۇ سىزنىڭ ھاجەتخانا ئىچىدە ئولتۇرغىنىڭىز ياكى ھاجەتخانىنىڭ سىرتىدا ساقلىنىڭىزغا باغلىق.

23. ئىزدەش قانۇنىيىتى: بەزىدە يانفوننى قانچە جىددىيلىك ئىچىدە ئىزدىسىڭىز پۈتكۈل ئۆينى ئىزدەپمۇ تاپالمايسىز، ئەمما ئۆزىڭىزنى بىردەم بېسىۋالسىڭىز يانفوننىڭ ئىزچىل تۈردە سول قولىڭىزدا تۇرغانلىقىنى بايقايسىز.
24. ھەمكارلىق قانۇنىيىتى: ئىككى ئادەم بىر سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ قىلىپ بولىدىغان ئىشنى ئىككى ئادەم قىلىش ئۈچۈن ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

25. قالايمىقانچىلىق قانۇنىيىتى: ئەگەر سىز ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا يەنىلا بۇرۇنقىدەك زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ كەتسىڭىز ئۇ چاغدا ئاۋارىچىلىق قالايمىقانچىلىققا ئايلىنىدۇ.

#بىلىمدان   #بىلىمزار 

    1 comment: