دىققەت! بۇ خىل ئادەتلەر كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋىتىدۇ
كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەنسېرى ئۆزلىكىدىن ئاستىلاپ كېتىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر مەسىلىنى مەلۇم ماركىدىكى كومپيۇتېر ناچاركەن ، ماۋۇ سىستېما ناچاركەن دەپ يىغىنچاقلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، نۇرغۇن كىشىلەر كومپىيۇتېر ئىشلەتكەندە ، ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېرىنى قانداق ئىشلىتىش ۋە ئاسراشنى بىلمەيدۇ . ئەكسىچە توردىكى ئېقىپ يۈرگەن بىر قىسىم ناتوغرا قۇرۇق گەپلەرگە ئىشىنىپ قالىدۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى قاچىلاپ بەرگەن كومپيۇتېر ساغلاملىق نومۇر سىستېمىسى ، ۋىرۇس تازىلاش دېتاللىرى قاتارلىقلارغا قارىغۇلارچە ئىشىنىدۇ . تۆۋەندە بىز قانداق ئادەتلەرنىڭ كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى قىسقارتىۋىتىدىغانلىقى توغرىسىدا يەكۈن چىقىرىپ باقايلى .(ئۈستەل كومپىيۇتېرى خاتىرە كومپىيۇتېر ھەممىسىگە ماس كىلىدۇ )
1.ھەر كۈنى كومپىيۇتېر قوزغالدىن كىيىنلا ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئەخلەت تازىلاش دېتاللىرىنىئىشلىتىپ كومپىيۇتېرنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش
نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرغا قارىتا تەكشۈرۈش ، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ، ئەخلەت تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ؟ ھەر كۈنى ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئەخلەت تازىلاش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ كومپىيۇتېرنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەكمۇ ؟ ئەخلەت ھۆججەتلەر كۆپ بولسا كومپيۇتېر ئاستىلاپ قالامدۇ ؟
جاۋابى :ئۇنداق ئەمەس ، كىرەكسىز ھۆججەتلەر سىستېمىنىڭ ئىشلەش سۈرئىتىنى ئاستىلتىۋىتىدۇ دەيدىغان گەپ - سۆزلەرگە خېلى يىللار بولدى ، ھازىرغىچە بەزىلەر چوڭقۇر ئىشەنمەكتە . كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلەش سۈرئىتى بىر تەرەپتىن قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە ، يەنە بىر تەرەپتىن يۇمشاق دېتالنى ئىجرا قىلغاندا يازغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇش مىقدارىغا قارايدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئەگەر ئەخلەت دەپ قارالغان بەزى ھۆججەتلەر سىستېمىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا قاتناشمىغان بولسا ، ئۇ سىستېمىنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . ئويلاپ بېقىڭ بىز كۈندە كومپىيۇتېر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مەشخۇلاتلارنى قىلىمىز ، ھەر بىر مەشخۇلاتىمىز كومپىيۇتېردا خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ ، بىز لازىملىق خاتىرىنى تەكشۈرمەكچى بولساق ئاندىن بۇ ساقلانما ھۆججەتلەر ئىجرا بولىدۇ ، ئەگەر ئەخلەت ھۆججەتلەر سېستىمىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزسە سىزنىڭچە كومپىيۇتېر بىر ئىككى ئايدىن كىيىن ئاندىن ئاستىلاپ قالامدۇ ؟ نېمېشقا ئەتىسىلا سۈرئەت ئاستىلىمايدۇ ؟ (بەزى شىركەت ئىدارە ئورگانلاردا كومپىيۇتېرغا خىزمەت ماتىرىيالىدىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنى قاچىلاشقا يول قويۇلمايدۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېرى ئىككى ئۈچ يىلدىن كىيىنمۇ نورمال ئىشلەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە ۋىرۇس تازىلاش دېتاللىرىنىڭ ئۇنچە چوڭ رولى يوق ، سېستىما ئۆزى ئېلىپ يۈرىدىغان بىخەتەرلىك دېتالى بولسىلا كۇپايە )
ئۇنداقتا بىز نېمە ئۈچۈن زېرىكمەي كۈندە ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئەخلەت تازىلاش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ كومپىيۇتېرنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز ؟ بىر تەرەپتىن ، بۇنداق مەشغۇلات بىزگە پىسخىكا جەھەتتە كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلەش سۈرئىتىگە پايدىلىق ھېس قىلدۇرىدۇ (چۈنكى سىز كومپىيۇتېر ئىشلەتكەن ۋاقىتتىلا مۇشۇ خىل خاتا قاراش كاللىڭىزغا ئورناپ كەتكەن)، يەنە بىر تەرەپتىن ، كومپيۇتېر ساغلاملىق نومۇر سىستېمىسى بىزنىڭ ھۆكۈمىمىزگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . نومۇر قىممىتى پەقەت 40-50نومۇر بولغاندىلا قىزىل ياكى سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ ، سىز بولسىڭىز بۇنى كۆرۈپ كاللىڭىزدا بىر خىل ئەندىشە ھېس قىلىسىز ، شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ دېتالنى ئىشلەپچىقارغان شىركەتنىڭ يولىغا كىرىۋالىسىز
.
ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش، ئەخلەتلەرنى تازىلاشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە رولى بولىدۇ ، لېكىن كەلسە - كەلمەس ئىشلىتىش دەل ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغىنى دەل قاتتىق دېسكا ، تەكرار ئوقۇش - يېزىش مەشخۇلاتى قاتتىق دېتالنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ ، ئۆمرى قىسقىرايدۇ . (ئالدىنقى مەزمۇنىمىزدا بىز قاتتىق دېسكىنىڭ بەلگىلىك ئوقۇش يېزىش ئۆمرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ) شۇڭا ئەگەر سىزدە بۇنداق ئادەت بولسا ئۆزگەرتىڭ ، كومپىيۇتېرنى تەكشۈرۈش ، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ، ئەخلەتلەرنى تازىلاش دېگەنلەرنى بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىر قېتىم مەشغۇلات قىلسىڭىزلا كۇپايە، ھەر كۈنى تەكرار مەشخۇلات ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق ، يۇقىرىقى بىز دېگەن نومۇرغىمۇ ئاقىلانىلىك بىلەن قاراش كېرەك .
ناچار ئىشلىتىش ئادەتلىرى كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلەش ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
2. سىستېما مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولسىلا قايتا سىستېما قاچىلاش
ھازىر زاۋۇتلار سىستېما قاچىلاشنى بارغانسېرى ئاددى قىلىۋەتتى (بىر كۇنۇپكا بىلەن سېستىما قاچىلاش، بارماق دېسكا بىلەن سېستىما قاچىلاش )، بۇنىڭ بىلەن سىستېمىنى قايتا قاچىلاش ناھايىتى ئاسان ئىش بولۇپ قالدى . ئەسلىدە سېستىما قاچىلاشتا ھېچقانداق مەسىلە يوق ، مەسىلە دەل مۇشۇ قاچىلاش ئاسان بولغانلىقىدا ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر سىستېمىدا مەسىلىگە يولۇقسىلا سىستېمىنى قايتا قاچىلايدۇ ، بەزىدە ناھايىتى ئاددىي مەسلىگە ئۇچرىسىمۇ سېستىمىنى بىراقلا قايتا قاچىلايدۇ . (تەكلىپىم ئاۋال مەسىلە نەدىن چىقتى ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن توردىن ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەڭ ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن مەسلىلەر ناھايىتى ئاسانلا ئوڭشىلىدۇ ،قايتا سېستىما قاچىلاشنىڭ ئەسلا زۆرۈرىيىتى يوق )
سىستېمىنى قايتا قاچىلاش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەس
ئەمەلىيەتتە سىستېمىسىنى قايتا كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ، بەلكى ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىدۇ ، چۈنكى سىستېمىنى قايتا قاچىلاش ئىنتايىن ئاددىي ، تېز ،ئاۋارىچىلىق بولغىنى بىز دائىم ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتالنى قاچىلاش . سىستېمىنى قايتا قاچىلاش جەريانى بىر قەدەر مەركەزلىك ھالدا يېزىش مەشغۇلاتىغا تەۋە بولۇپ ، ئۇ بىۋاسىتە قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . مەسىلىگە يولۇققاندا ئاۋۋال توردىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ ، ئاندىن قايتا قاچىلاش - قاچىلىماسلىقنى قارار قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئەلۋەتتە بەزىلىرىمىز ئىككى خىل سىستېما قاچىلاشنى ياخشى كۆرىمىز(بىر كومپىيۇتېرغا ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى خىل سېستىما قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ)، شەخسەن بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق ئىدىم ، ئەگەر خىزمەت ئېھتىياجى بولسا قوش سىستېما ئورنىتىشقا بولىدۇ ، ئەگەر پەقەت شەخسىي ھالدا يېڭىلىقنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز مېنىڭچە يەنىلا يەككە سىستېما ئىشلىتىش بىر قەدەر ياخشى ، ئاۋارىچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، مەسىلە كۆرۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.(بەزىدە ئىككى سېسستىمىنىڭ ھۆججەتلىرىدە ئۆز ئارا توقۇنۇشۇپ قېلىش يۈز بېرىپ قالسا قايتا سېستىما قاچىلىماقتىن باشقا ئامال يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوش سېستىما كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتىگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ )
3.باشقا بەزى خاتا مەشغۇلاتلار
ئىلگىرى توردا كومپىيۇتېرنى ئاسراش توغرىسىدىكى بىر پارچە ماقالىنى كۆرگەن ئىدىم، ئىچىدە تىلغا ئالغىنى بولسا كومپىيۇتېرنى ئېتىشتىن بۇرۇن قاتتىق دېسكىغا قارىتا قالدۇق ھۆججەتنى رەتلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپتۇ ، پۈتۈن ماقالىدە خاتا سۆز- ئىبارىلەر تارقىتىپتۇ . نېمە ئۈچۈن قاتتىق دېسكىنى رەتلەش كېرەك ؟ بۇنى ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرنى قايتا - قايتا ئوقۇش - يېزىشتىن كېلىپ چىققان قالدۇق ھۆججەت دەپ ئاددىي چۈشىنىشكە بولىدۇ ، قاتتىق دېسكىنى رەتلەش ئارقىلىق ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . ئۇنداقتا كومپىيۇتېر بىر كۈن خىزمەت قىلسا بىر كۈندە قانچىلىك قالدۇق ھۆججەت پەيدا بولىدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە نورمال ئىشلىتىش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان قالدۇق ھۆججەتلەر ئىنتايىن ئاز بولۇپ ، قاتتىق دېسكىنى رەتلەشكە تېگىشلىك مىقدار دەرىجىسىگە تامامەن يەتمەيدۇ . ئۈچ ئاي ياكى يېرىم يىلدا بىر قېتىم رەتلەپ قويسىڭىزلا كۇپايە
يەنە بەزى دوستلار سىستېمىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ھەمدە مەجبۇرى ھالدا كومپىيۇتېرنى ئېتىۋىتىدۇ ،بۇنداق بولغاندا مەيلى قاتتىق دېتال بولسۇن ياكى سىستېما بولسۇن ئوخشاشلا زىيان يەتكۈزىدۇ . بۇ جەريان ئەمەلىيەتتە ئوقۇش- يېزىش جەريانى بولۇپ ، كومپىيۇتېرنى مەجبۇرى ئېتىۋەتكەندە سانلىق مەلۇماتلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ، ئېغىر بولغاندا قاتتىق دېسكىدا بىنورمال يول پەيدا بولىشى مۇمكىن (بۇ ئورۇنغا سانلىق مەلۇمات يازالمايدۇ ياكى يازغان سانلىق مەلۇماتلار ئۆزلىكىدىن بۇزۇلۇپ كىتىدۇ ) . سىستېمىنى يېڭىلاش جەريانىدا يېڭىلاش ۋاقتىنى بېكىتىپ قويۇش ياكى بوش ۋاقىتنى تاللاپ يېڭىلاش تەكلىپىنى بېرىمەن .
ۋاقىت مۇناسىۋىتى سەۋەپلىك كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىكى ناچار ئادەتلەرنى بىر - بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ بولالمىدىم ، بىراق كۆپچىلىك بىر نۇقتىنى ئەستە تۇتىۋېلىڭلار ، ھەرقانداق خاتا مەشخۇلات بىلىنمىگەندەك قىلغان بىلەن ئاخىرىدا چوقۇم مانا دەپلا بىلىنىپ چىقىپ قالىدۇ ، ئەگەر سىز كومپىيۇتېرىڭىزنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز ، بىۋاستە ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ ، ئۇنى بۇنچە قىيناشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئالماشتۇرغۇم يوق دېسىڭىز ، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ خالاس.
bilimdan #bilimzar#
#بىلىمدان #بىلىمزار
No comments:
Post a Comment