كۋانت چىرمىشىشى قانداق قىلىپ ۋاقىت بوشلۇقتىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ؟
كۋانت چىرمىشىشى قانداق قىلىپ ۋاقىت بوشلۇقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئىندۇكسىيەگە يېتىدۇ
كۋانت چىرمىشىشى كۋانتنىڭ ئىككى مۇھىم خاسلىقى ئىچىدىكى ئەڭ سىرلىق بىرى. ئالىملار تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ سىرىنى يىشەلمەيۋاتىدۇ. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ھادىسە كۋانت مېخانىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
كۋانت چىرمىشىش ھادىسىسى ئالۋاستى كەبى ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىر دەپ ئاتىلىدۇ، "ئارىلىقتىن ھالقىغان" دېگەن سۆزنى كۆپ ساندىكى فىزىكا ئالىملىرى ئانچە ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىلىم-پەن كاتېگورىيەسىدىن ھالقىغان ئۇقۇم. ئەڭ دەسلەپتە نيۇتون ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى بايقىغان، ئۇنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى شۇكى، كىلاسسىك فىزىكا ئالىملىرى نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى چىقىش قىلىپ تارتىش كۈچىنىڭ ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. تاكى ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانغا قەدەر، ئاندىن تارتىش كۈچىنىڭ رولى ماھىيەت جەھەتتىن چۈشەندۈرۈلۈپ، تارتىش كۈچىنىڭ رولى تېزلىكنى يورۇقلۇق تېزلىكىگە تەڭ قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ دەپ قارالغان.
كۋانت چىرمىشىش ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغىمۇ ئېينىشتىيىن سەۋەبچى بولغان، بۇ كۋانت مېخانىكىسى كوپېنھاگېن ئېقىمىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇنازىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كۋانت مېخانىكىسى بىلەن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى 20-ئەسىر فىزىكىسىنىڭ ئىككى چوڭ تۈۋرۈكى دەپ قارالدى، ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى يالغۇز ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۋانت مېخانىكىسىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشتى. ئەمما كۋانت مېخانىكىسىنىڭ تەرەققىيات لىنىيەسى بارغانسېرى قىڭغىر بولۇپ كەتتى، بولۇپمۇ كوپېنھاگېن ئېقىمىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەزەرىيۋى قاراشلارنى پېشقەدەم فىزىكا ئالىملىرى قوبۇل قىلالمىدى. ئەمما ئامال يوق ئىدى، چۈنكى ئىلىم-پەن چوقۇم خاتالىقلارنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان روھ بىلەن داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرلىشى كېرەكتە.
بولۇپمۇ كۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى ئېينىشتېيننى تازا جىلە قىلدى ھەمدە ئۇنى "تەبئىيەت دۇنياسى شىشىخال تاشلامدۇ؟" دېگەن مەشھۇر گەپنى قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. شرۇدىنگېر بولسا بۇ پرىنسىپقا قارىتا "شرۇدىنگېر مۈشۈكى" تەپەككۇرتەجرىبىسى (ئىدىيال تەجرىبە) نى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق كۋانت مېخانىكىسى كوپېنھاگېن ئېقىمىنىڭ ئېنىقسىزلىق پرىنسىپىنى مەسخىرە قىلدى. تەرەققىيات بەس-مۇنازىرىسىنىڭ ئوتتەك قىزىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، 1935-يىلى 5-ئايدا ئېينىشتىيىن بىلەن باشقا ئىككى فىزىكا ئالىمى پودولسكىي ۋە روسېن «كۋانت مېخانىكىسىنىڭ فىزىكىلىق چىنلىققا بولغان تەسۋىرىنى مۇكەممەل دەپ قاراشقا بولامدۇ؟» دېگەن تېمىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى، بۇ تەپەككۇر تەجرىبىسىگە ئۈچ ئاپتورنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرپى ئېلىنىپ "ERP تەجرىبىسى" دەپ ئاتالدى.
بۇ تەپەككۇر تەجرىبىسى دەل كۋانت چىرمىشىشىنى چۈشەندۈرگەن بولۇپ، ئەگەر بىر ئاساسىي زەررىچە بۆلۈنۈپ A زەررىچە بىلەن B زەررىچىگە ئايلانسا ھەمدە بۇ ئىككى زەررىچە ئايرىلىپ يېتەرلىك يىراق ئورۇنغا يېتىپ بارسا، ئەگەر A زەررىچىگە قارىتا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ سولغا ئايلىنىدىغانلىقى مۇقىملانسا، ئۇنداقتا B زەررىچە چوقۇم ئوڭغا ئايلىنىدۇ. ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپى بويىچە، A زەررىچە بىلەن B زەررىچىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش (سپىن) خۇسۇسىيىتى ئېنىقسىز بولىدۇ، پەقەت شۇ دەقىقىنى كۆزەتكەندىلا ئاندىن بۇنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا مۇنداق بىر خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، يەنى A زەررىچە سولغا ئايلىنىش دەپ بېكىتىلسە، ئۇنداقتا B زەررىچە ئوڭغا ئايلىنىشنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى قانداق "بىلىدۇ"؟ بۇ دەل ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىر ئەمەسمۇ، ئۇنداقتا ئەگەر بۇ A زەررىچە بىلەن B زەررىچىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ئۇلار ئايرىلغان دەقىقىدە بېكىتىلسە، ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ.
بور بۇ تەپەككۇر تەجرىبىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر نەچچە كۈن قاتتىق باش قاتتۇرۇپ، ئاخىرىدا "بۇ ئىككى زەررىچە گەرچە بىر-بىرىدىن يېراقتا تۇرغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ماھىيەتتە يەنىلا بىر زەررىچە، ئۇلار چىرمىشىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، مانا بۇ كۋانت چىرمىشىشى" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئەگەر ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا يەنە ھېچكىم بۇنداق مېخانىزمنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. يەنە بىر خىل قاراشتا كۋانت چىرمىشىشى يۇقىرى ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى پرويېكسىيىسى بولۇپ، بۇ خىل ئاتالمىش ئالۋاستى كەبى ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىرنى ئىپادىلەشتە تۆتىنچى بوشلۇق ئۆلچىمى رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.
ئەگەر ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇق جانلىقلىرى مەۋجۇت بولسا، ئۇلارنىڭ A نۇقتىدىن B نۇقتىغا بېرىشى ئۈچۈن ئۇزۇن يول يۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ، مىسال بىر بۈرگە دەيلى. ئۇنداقتا ئەگەر ئۈچىنچى ئۆلچەمدىن چىقىش قىلساق، ياكى ئۈچىنچى ئۆلچەمدىن بىرى قوشۇلسا ئۇ A نۇقتىدىن B نۇقتىغا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان پەيتتە يېتىپ بارالايدۇ، بۇ دەل ئارتۇق كۆپەيتىلگەن بىر بوشلۇق ئۆلچىمىنىڭ "مۆجىزە" گە ئوخشايدىغانلىقىنى ياكى مۆجىزىلەرچە رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا كۋانت چىرمىشىشىنىڭ ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىرىمۇ ئۇنداق ئاتالمىش جىن-ئالۋاستىغا ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ.
كۋانت مېخانىكىسى كوپېنھاگېن ئېقىمىدىكى ئالىملار ۋە ئېينىشتىيىن ھەم باشقا ئالىملار
كۋانت چىرمىشىش ھادىسىسىنىڭ ئارلىقتىن ھالقىغان تەسىر جەھەتتىكى ئاجايىپ كۈچىنىڭ تەسەۋۋۇر رەسىمى
ئارلىقتىن ھالقىغان تەسىرنىڭ تارتىش كۈچى جەھەتتىكى ئىپادىلىنىشى
bilimdan #bilimzar#
No comments:
Post a Comment