يوشۇرۇن ئېنېرگىيە دىگەن نىمە؟ بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنالامدۇق؟
بۈگۈنكى ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يوشۇرۇن ئېنېرگىيەدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بىر خىرىس ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يوشۇرۇن ئېنېرگىيە بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىلمىي تونۇشىمىزدىن ئېشىپ كەتتى. بىز يوشۇرۇن ئېنېرگىيەنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز، ئۇنىڭ ئالەمگە بولغان تەسىرىنىمۇ بىلىمىز، ئەمما ئالىملارنىڭ قىينىلىۋاتقىنى بولسا بىز بۇ خىل سىرلىق كۈچنى كۆرۈشكە ئامالسىز قالماقتىمىز
ئالەمدە يوشۇرۇن ئېنېرگىيەنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭىزدە ئالىملار ئۇنى ئاسانلا ئىز قوغلاپ بىلەلەيدۇ ، دەپ قارايسىز. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئالەمنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئاسترونوملار يوشۇرۇن ئېنېرگىيەنىڭ ئېغىرلىق كۈچىگە قارشى تۇرىدىغان كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ
يوشۇرۇن ئېنېرگىيە بىلەن يوشۇرۇن ماددىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
گەرچە ئۇلارنىڭ نامى بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما يوشۇرۇن ئېنېرگىيە بىلەن يوشۇرۇن ماددا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. چوڭ پارتلاش بولغاندىن بۇيان، يوشۇرۇن ئېنېرگىيە ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى تېزلىتىدىغان كۈچ بولۇپ كەلدى
يەنە بىر تەرەپتىن، يوشۇرۇن ماددا كۆرگىلى بولمايدىغان زەررىچىلەردىن تەركىب تاپىدۇ، بۇ زەررىچىلەر بىزنىڭ ئالەمنى، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىنى بىرلەشتۈرۈپ تەشكىل قىلىدۇ . گەرچە ئاسترونوملار تېلېسكوپ ئارقىلىق يوشۇرۇن ماددىلارنى كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتقا بولغان تارتىش كۈچى ئېففېكتى ھەمدە ئۇ چىقارغان تەكشۈرگىلى بولىدىغان رېنتىگىن نۇرى ئارقىلىق يوشۇرۇن ماددىلارنىڭ ئورنىنى بەلگىلىيەلەيدۇ
يوشۇرۇن ماددا ئالەمنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى ساقلاپ قالىدىغان كۈچ ھەمدە تۇرغۇن يۇلتۇز، يۇلتۇزلار سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ قانداق ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ . بىزنىڭ ئەمەلىي كۆرىۋاتقىنىمىز يەنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان بارلىق ماددىلار كائىناتنىڭ ئاران 4% نى ئىگىلەيدۇ
بىز يوشۇرۇن ئېنېرگىيىنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟
ھالبۇكى 1998ـ يىلىدىن بۇرۇن، ئىككى رىقابەت ئەترىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، ئالەمنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەندە، ئالىملار بۇ خىل كېڭىيىشىنىڭ چوقۇم ئاستىلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ بايقاش ئالىملارنى ئېغىرلىق كۈچىگە قارشى تۇرۇش ئېھتىمالى بولغان كۈچ ھەققىدىكى پەرەزنى ئويلاپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى
يوشۇرۇن ئېنېرگىيە ئەڭ دەسلەپتە ئالبېرت ئېينىشتىيىن تەرىپىدىن ئالەمدىكى بىر خىل ئالەم تۇراقلىق سانى دەپ مۆلچەرلەنگەن. ئالىملار بۇ يىل 4ـ ئايدا، تۆت مىليونغا يېقىن يۇلتۇزلار سىستېمىسى سانلىق مەلۇماتىنىڭ 7 مىليارد يىلغا يېقىن ۋاقىت سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغان تۆت يىللىق سانلىق مەلۇماتىنى توپلىغان بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتتا يوشۇرۇن ئېنېرگىيە خۇددى ئېينىشتىيىننىڭ مۆلچەرلىگىنىدەك بىزنىڭ يېنىمىزدىلا دەپ يەكۈن چىقىرىلغان
بىز يوشۇرۇن ئېنېرگىيىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى قىلساق بولامدۇ؟
ئالىملار يوشۇرۇن ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەنبەسى ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇنى چوقۇم تېپىشىمىز كېرەك. ھالبۇكى، ئەگەر بىز يوشۇرۇن ئېنېرگىيەنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنالىساق، ئۇچاغدا ئۇنى پەقەت يانفۇنىمىزنى توك بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلتىپلا قالماستىن يەنە يوشۇرۇن ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچىدىغان يېپيېڭى دەۋرنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ
نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، يوشۇرۇن ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇسىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 2008ـ يىلى arXiv.org
دا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىگە ئاساسلانغاندا، يوشۇرۇن ئېنېرگىيەلىك ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلىكىدىن تېز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئالەم كېمىسى ئەمەلىيەتتە ئەسلىي ئورنىدا قېلىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋاقىت ـ بوشلۇق تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن
فانتازىيە مەستانىلىرى بۇنى «شەكلى ئۆزگەرگەن قوزغاتقۇچ» نىڭ ئاساسىي ئۇقۇمى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىر ئالىم ھەتتا بۇ خىل قېيىپ كېتىش سۈرئىتىدىكى ئالەم كېمىسىنى ھەيدىگىلى بولىدىغان بىر لايىھە تۈزۈپ چىققان
ھالبۇكى، بۇ بىز ھايات چېغىمىزدا كۆرەلمەيدىغان قوللىنىشچان پروگرامما بولۇشى مۇمكىن. يوشۇرۇن ئېنېرگىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، ئاپتوموبىل ياكى ئىمارەتلەرمۇ تېزلا پەيدا بولمايدۇ،بۇلارنىڭ پەيدا بولىشىغا يەنە نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلار شۇنداقلا خېلى كۆپ ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment