Search This Blog

Thursday, December 26, 2019

فوربېس: 2020-يىلىدىكى يەتتە چوڭ تېخنىكا يۈزلىنىشىنى رەتكە تىزدى

فوربېس: 2020-يىلىدىكى يەتتە چوڭ تېخنىكا يۈزلىنىشىنى رەتكە تىزدى




بىز 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز، تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېز بولدى. بەزى ئاساسلىق تېخنىكا يۈزلىنىشىگە يېتىشەلمىگەن شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئارقىدا قېلىش خەۋپى پەيدا بولدى.



ھالقىلىق يۈزلىنىشنى چۈشىنىش كىشىلەر ۋە كارخانىلارنى پۇرسەتكە تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 2020-يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، فوربېس ژورنىلى باھالاپ چىققان تۆۋەندىكى ساھەلەر بىزنىڭ كەلگۈسى بىر يىلدىكى، يەنى 2020-يىلىدىكى يېڭى جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشىمىزنىڭ يەتتە چوڭ تېخنىكا يۈزلىنىشىنى يارىتىدۇ.

1. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مۇلازىمىتى
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھازىرقى دەۋردىكى ئەڭ ئىسلاھات خاراكتېرلىك تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بىرى. كۆپ ساندىكى شىركەتلەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى قانداق قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ خېرىدارلارنىڭ تەسىراتىنى ياخشىلاش ھەمدە كەسپىي تىجارەتنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ 2020-يىلى داۋاملىق ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، گەرچە كىشىلەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە سىستېمىلار بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشقا بارغانسېرى كۆنۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنى لايىھەلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كۆپ ساندىكى كارخانىلارغا نىسبەتەن يەنىلا زور تەننەرختىن دېرەك بېرىدۇ.


شۇڭا، نۇرغۇن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوللىنىشچان پىروگراممىلار داۋاملىق مۇلازىمەت سۇپىسىنى تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ بىزنى ئاددىي ھالدا ئۆزىمىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى كىرگۈزۈش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالگۇرىزمى (ھېسابلاش ئۇسۇلى)نى ئىشلىتىش ياكى بايلىقنى ھېسابلاش ئۈچۈن ھەق تۆلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيادىكى بىر قانچە چوڭ ئىنتېرنېت كارخانىلىرى تەمىنلىگەن بۇ سۇپىلارنىڭ دائىرىسى كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇيرۇتما قۇرۇلۇشلار ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن بولغان ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى تەشكىللەشتە قوللىنىلىدۇ. بۇ 2020-يىلى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر (كارخانىلار) بارلىققا كېلىدۇ، بۇ تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ئالاھىدە ۋەزىپىگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئۆلچەپ بۇيرۇتىلغان قوللىنىشچان پىروگرامما ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. بۇ نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىشلەتمسە بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


2. 5G سانلىق مەلۇمات تورى
5-ئەۋلاد كۆچمە ئىنتېرنېت ئۇلىنىشى بىزنى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز چۈشۈرۈش ۋە يوللاش سۈرئىتى ھەمدە تېخىمۇ مۇقىم ئۇلىنىش بىلەن تەمىنلەيدۇ. 2020-يىلى 5G ھەقىقىي پەرۋاز قىلىشقا باشلىغان بىر يىل بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ يۈكلىگىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇمات پىلانى ھەمدە قاپلاش دائىرىسى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ، بۇ ھەربىر ئادەمنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئادەتتىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك سانلىق مەلۇمات تورى بىزنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېقىم شەكلىدە كىنو ۋە مۇزىكا يوللاش ھەم چۈشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. سۈرئەتنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى كۆچمە تورنىڭ بىزنىڭ ھازىر ئائىلە ۋە كارخانىلاردا ئىشلىتىۋاتقان سىملىق تورغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىشلىتىلىشچان بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىركەتلەر ھەرقانداق جايدا ئادەتتىن تاشقىرى تېز ۋە مۇقىم ئالاقە تورى زىيارىتىگە ئىگە بولۇشنىڭ كەسىپكە بولغان تەسىرىنى ئويلىشىشى كېرەك. بەلباغ كەڭلىكىنىڭ ئېشىشى ماشىنا، ماشىنا ئادەم ۋە ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىللارنى بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىش ۋە يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نەرسە تورى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.


3. ئاپتوماتىك ھەيدەش
2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك يول يۈرەلەيدىغان، ھەتتا بەلكىم ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقىي ئەمەلىلىشى تەسكە توختىشى مۇمكىن، لېكىن شۈبھىسىزكى، ئۇلار داۋاملىق غايەت زور رىقابەت ساھەسى بولۇپ قالىدۇ.
تېسلا توكلۇق ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ لىدىرى ئېلون ماسك شىركەتنىڭ كېلەر يىلى ھەقىقىي مۇكەممەل ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ھەمدە نىسبەتەن ئاز دەرىجىدە ئاپتوماتىك ھەرىكەتلىنەلەيدىغان (مەسىلەن، ئاپتوماتىك تورمۇزلاش ۋە يول ئالماشتۇرۇش) كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىلنى ياساپ چىقىشىنى پىلانلىدى. شۇنداقلا بۇنداق ئاپتوموبىل سانىنىڭ بارغانسېرى زورىيىپ، بار-بارا كۆپ ئۇچرايدىغان مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، بىۋاسىتە ھەيدەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىغان ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان باشقا سىستېمىلار (مەسىلەن، بىخەتەرلىك ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارى) بارغانسېرى ئاپتوماتلىشىدۇ ھەمدە بارغانسېرى سانلىق مەلۇماتلارنى تۇتۇش ۋە تەھلىل قىلىشقا تايىنىدۇ.

ئەلۋەتتە، كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىللا ئەمەس، يۈك ئاپتوموبىلى ۋە تىرانسپورت قاتارلىقلار تېخىمۇ ئاپتوماتلىشىدۇ، بۇ ساھەدىكى بۆسۈش پۈتكۈل 2020-يىلى داۋاملىق قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، قانۇن چىقىرىش دائىرىلىرى قوللانغان تەدبىرلەر بارلىققا كېلىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاپتوماتىك ھەيدەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن بۇرۇن، قانۇن، ھازىرقى ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىجتىمائىي پوزىتسىيەنى يېڭىلاشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. 2020-يىلى مەزگىلىدە، ئاپتوماتىك ھەيدەشنى "يولغا قويۇشقا بولامدۇ-يوق" دېگەن مەسىلە ئەمەس، بەلكى "قاچان ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ"دېگەن رېئال مەسىلە ئاساسىي يۈنىلىش بولىدۇ.


4. خاسلاشتۇرۇش ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش خاراكتېرلىك داۋالاش
تېخنىكا مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەت بىلەن داۋالاش ھەم ساقلىقنى ساقلاشنى ياخشىلىماقتا. ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى قاتارلىق بەدەنگە تاقىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەردىن سانلىق مەلۇماتلارنى تۇتۇش ئىقتىدارى بىزنى ھەتتا كىشىلەردە ھەرقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىنى بارغانسېرى كۆپ مۆلچەرلەش ۋە داۋالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. داۋالاش جەھەتتە، تېخىمۇ كۆپ خاسلىققا ئىگە ئۇسۇللار بارلىققا كېلىدۇ. بۇ ئېنىق دىياگنۇزلۇق مېدىتسىنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى قوزغىتىش چۈشەنچىسى بولغاچقا، دوختۇرلار ئالاھىدە بەلگىلەنگەن بىمارلارغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ توغرا دورا يېزىپ بېرەلەيدۇ ھەمدە داۋالاش ئېلىپ بارالايدۇ.

گەرچە بۇ بىر يېڭى پىكىر بولمىسىمۇ، ئەمما يېڭى تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، بولۇپمۇ گېن گۇرۇپپىسى ئىلمى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش سەۋەبىدىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىنىڭ قانداق قىلغاندا ئالاھىدە كېسەلگە تېخىمۇ ياخشى ياكى تېخىمۇ يامان ھالدا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى دورا ياكى داۋالاشقا قارىتا بولغان ئىنكاسقا قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پۈتكۈل 2020-يىلدا، بىز بەلكىم ئالدىن مۆلچەرلەش خاراكتېرلىك داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاشنىڭ يېڭىدىن قوللىنىلىدىغانلىقىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ خاسلاشقان ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرىنى كىرگۈزۈپ، ھەر قايسى بىمارلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.


5. كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمى
كومپيۇتېر ئاتالغۇسى بويىچە ئېيتقاندا، كۆرۈش سېزىمى كۆرۈش سېزىمى سۈرىتى (فوتو ئاپپارات ياكى سېنزور يىغقان سۈرەت) دىن بۇيۇم، ئورۇن، جىسىم ياكى شەخسنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان سىستېمىغا چېتىلىدۇ. بۇ تېخنىكا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئاپپاراتى ئارقىلىق تارتىلغان ئادەم سۈرىتىنىڭ قايسى قىسمى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ھەمدە گىرافىك ئىزدەش دېگەندەك تېخنىكىلارنى قوللايدۇ. 2020-يىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمىغا سەپلەنگەن قورال ۋە تېخنىكىنىڭ بارغانسېرى كۆپ قوللىنىش ئورنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ توسالغۇلارنى "كۆرۈش" ھەم ئايلىنىپ ئۆتۈشىنىڭ ئاساسى. ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە كومپيۇتېرنىڭ كۆرۈش سېزىمى تېلېكامېراسى ئارقىلىق نۇقسان بار مەھسۇلات ياكى ئۈسكۈنىلەردىكى كاشىلىلار كۆزىتىلىدۇ، بىخەتەر تېلېكامېرا بىزگە ھەرقانداق نورمالسىز ئەھۋالغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ، بەلكى ھەپتىدە 24 سائەت پۈتۈن كۈنلۈك ئادەم كۈچى ئارقىلىق نازارەت قىلىش ھاجەتسىز بولىدۇ.


كومپيۇتېرنىڭ كۆرۈش سېزىمى يەنە ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. 2020-يىلى تېخىمۇ كۆپ مۇشۇنداق قوللىنىشچان ئەپلەر بارلىققا كېلىدۇ. بىز بۇ تېخنىكىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونغا بولغان زىيارەتنى كونترول قىلىش جەھەتتىكى قوللىنىشچانلىقىنى، شۇنداقلا ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىپ تېخىمۇ راۋان بولغان يولۇچىلار سەپىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق. لېكىن، قوللىنىش دائىرىسىنىڭ 2020-يىلى يەنىمۇ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىز يەنە بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشىمىز مۇمكىن، چۈنكى بۇ تېخنىكا خۇسۇسىي مەخپىيەتلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مونوپول ھالەتنى كونترول قىلىشقا چېتىلىدۇ.


6. كېڭەيتىلگەن رېئاللىق
بىز ئىلگىرى كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR)، مەۋھۇم رېئاللىق (VR) ۋە ئارىلاشما رېئاللىق تېخنىكىسى (MR) دەپ ئاڭلاپ باققان، ئەمدى كېڭەيتىلگەن رېئاللىق، قىسقارتىلىپ XR دەپ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر خىل تېخنىكا ئۇقۇمى بارلىققا كەلدى. بۇ تېخىمۇ كۆپ ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈش ياكى سىناپ بېقىش تەسىراتىغا ئىشلىتىلىدىغان، شۇنداقلا رەقەملىك ھېس قىلىشقا چېتىلىدىغان يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكا ساھەسىنى كۆرسىتىدۇ. تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ مەۋھۇم رېئاللىق، كۈچەيتىلگەن رېئاللىق ۋە ئارىلاشما رېئاللىق تېخنىكىلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەۋھۇم رېئاللىق تولۇق رەقەملىك چۆكتۈرۈش شەكلىدىكى تەسىرات بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ھەقىقىي دۇنيانى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئالاھىدە كۆز ئەينەك ۋە تىڭشىغۇچ قاتارلىق تاقالما ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ كومپيۇتېردا ھاسىل بولغان مەۋھۇم دۇنياغا كىرگىلى بولىدۇ. كۈچەيتىلگەن رېئاللىق بولسا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئېكرانى ياكى كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق رەقەملىك ئوبيېكتنى رېئال دۇنياغا قاتلاپ، شەيئىلەرنى كۈچەيتىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئارىلاشما رېئاللىق بولسا كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تېخنىكىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى بولۇپ، بۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ رېئال دۇنياغا قويۇلغان رەقەملىك ئوبيېكتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مەسىلەن بېشىغا تاقايدىغان AR لىق تىڭشىغۇچ ئارقىلىق ئۆيگە قويۇلغان ھولوگرافلىق پىئانىنونى چېلىش.


بۇ تېخنىكىلار بارلىققا كەلگىلى نەچچە يىل بولدى، لېكىن ئاساسىي جەھەتتىن كۆڭۈل ئېچىش دۇنياسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. 2020-يىلىدىن باشلاپ، كارخانىلارنىڭ نۆۋەتتىكى كېڭەيتىلگەن رېئاللىق (XR) تەمىنلىگەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىككى خىل شەكىلدىكى ئېھتىماللىقنى تەدرىجىي ئىگىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىدۇ. مەۋھۇم رېئاللىق ۋە كۈچەيتىلگەن رېئاللىق بارغانسېرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەربىيىلەش  (مائارىپ)  ۋە تەقلىد قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا خېرىدارلار بىلەن ئۆزارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان يېڭى ئۇسۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ.


7. بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسى
بۆلەكلەر زەنجىرى بۇ يىل كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېخنىكا يۈزلىنىشى، لېكىن ئەگەر تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىدىن باشقىلار ئۇنى تىلغا ئالسا، يەنىلا ئازراق بوشلۇق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق، 2020-يىلى يىل ئاخىرىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. بۆلەكلەر زەنجىرى ماھىيەتتە سودىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلىدىغان بىرخىل رەقەملىك تۈرگە ئايرىش ھېساباتى، لېكىن ئۇنىڭ شىفىرلاشتۇرۇش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش خاراكتېرى تۈپەيلىدىن، ئۇ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا ۋە ئالاقىشقا ئېرىشمەكتە. بەزى ھۆكۈمەتلەر بىلەن دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەر بۇ تېخنىكىغا ئىزچىل مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، 2020-يىلىدىن باشلاپ ئەمەلىي نەتىجىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەگەر خېلى ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ياكى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ تېخنىكىنى بىر قەدەر كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


bilimdan    #bilimzar#  


No comments:

Post a Comment