2019-يىللىق ئەڭ نادىر ئىلىم-پەن سۈرەتلىرى تونۇردىن چىقتى
پەن-تېخنىكا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۈنسېرى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، 2019-يىلىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى، «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى بۇ بىر يىلدا ئەڭ قارشى ئېلىنغان، شۇنداقلا كۆرۈش سېزىمى كۈچلۈك بولغان سۈرەتلەرنى سايلاپ چىقتى. قېىنى بىللە ھوزۇر ئالايلى.
سۇ ئاستىدا ياشايدىغان سالمون بېلىقىنىڭ تۇخۇم تۇغۇشى، ساتۇرندىن ئۇچۇپ ئۆتكەن نۇر ھالقىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندە بىز 2019-يىلىدىكى ئاشۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىلمىي سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
رەسىم | Weather above ھاۋا رايى (مەنبەسى: SANTIAGORJA)
فوتوگراف ۋە ئۇچقۇچى Santiago Borja قولغا چۈشۈرگەن تىنچ ئوكيان ئاسمىنىدا شەكىللەنگەن چوڭ گۈلدۈرماما، ئۇ تەخمىنەن 18 كىلومېتىر كېلىدىغان تەكشى ئېقىم قاتلىمىنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. ئالىملار بۇ خىل غايەت زور يالغۇز بوران-چاپقۇن تەكشى ئېقىم قاتلىمىغا يەر شارىنىڭ ئوزون قاتلىمىنى زەخمىلەندۈرىدىغان بىرىكمە خىمىيىلىك ماددا كىرگۈزۋاتامدۇ يوق شۇنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
سۈرەت | Thinair شالاڭ ھاۋا (مەنبەسى: EXPEDITION 5300)
بىر كان ئىشچىسى تىك يار گىرۋىكىنى بويلاپ ماڭماقتا، ئۇ قورام تاشلارنى يۈدۈپ، كېيىن ئۇلارنى ئېزىپ ئارىسىدىن ئالتۇن ئىزدەيدىكەن. پېرۇغا جايلاشقان La Rinconada كان قېزىش كەنتى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئىنسانلار ئولتۇراقلاشلىشىش نۇقتىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 5100 مېتىر ئېگىز. ئالىملار شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئوكسىگېن سەۋىيىسىنىڭ بەدەنگە بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىرىنى چۈشىنىۋاتىدۇ.
رەسىم | Green lakes يېشىل كۆل (مەنبە:CAVANIMAGES / ALAMYSTOCKPHOTO)
بىر پاراخوت ئېرى كۆلى (Lake Erie)دىكى يۈسۈندىن ئۆتمەكتە. ئىنسانلار پائالىيەت جەريانىدا كۆپ مىقداردا ئازوت ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ سۇ ئاستىدىكى جانلىقلارنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. نۆۋەتتە، ئازوتنىڭ ئايلىنىشىدا زور كۆلەملىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئالىملار ئوخشاش بولمىغان مەھەللىلەردىكى زىيادە ئازوتنى قانداق باشقۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.
رەسىم | Shifting ice ئېرىگەن مۇز (مەنبەسى: ADAMLEWINR/REMOTESENSING GISCENTEFEXERTISE)
ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇلۇش ئەترىتى Greg Hanlonنىڭ كوللېكتىپى مۇزلۇق ئىچىدە بىر يىل داۋاملاشقان دالا خىزمىتى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، مۇزلۇقتىن ئېرىگەن سۇ بىلەن دېڭىز سۈيىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى قانداق قىلىپ دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى تەكشۈرۋاتىدۇ.
رەسىم | Salmon politics سالمون بېلىقى (مەنبەسى: JASONCHING)
قىزىل سالمون بېلىقى ئالياسكا ئىلئانا كۆلىنىڭ ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات پونكىتىنىڭ ئەتراپىدا تۇخۇم تۇغىدۇ، برىستول قولتۇقىدىكى %20 سالمون بېلىقى شۇ يەردە يېتىلىدۇ. بۇ رايوننىڭ تۇرمۇشى ۋە كۆچۈش ئۇسۇلىنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغۇچى خادىملار ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كان Peble Mine بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، بۇ كان كۆل يۇقىرى ئېقىمىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مۇھىتقا زور بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
رەسىم | Between therings ھالقا ئارىسىدا (مەنبەسى: NASA/JPL-CALTEC/SPACECEITE/TITUTE/TILMANDENK)
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ كاسىنى (Cassini) ناملىق ئالەم كېمىسى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەپسىلاتلار ئارقىلىق ساتۇرننىڭ ئۆزگىچە ھالقىسىنى كۆزەتكەن، تەتقىقاتچىلار سەييارىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ تەۋرىنىشىنىڭ ساتۇرن ھالقىسى ئىچىدە پەيدا بولغان دولقۇن شەكلىنى تەتقىق قىلغان. بۇ ئالاھىدە سۈرەت كاسىنى ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈرلۈك ۋەزىپىسىدە تارتىلغان رەسىملەرنىڭ بىرى. بۇ ئايلانما ئوربىتىلاردا ئالىملار ھالقىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ساتۇرننىڭ بەش دانە ھەمراھىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلدى.
رەسىم Elemental year ئېلېمېنتنىڭ يىلى (مەنبەسى: MIKEWALKER)
بۇ يىل، كىشىلەر ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 150 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىللىنوئىس شتاتى شاپېئىن Wolfram Research نىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى Theodore Gray ئۆزىنىڭ « يېزىق دەۋرىي جەدۋىلى»نىڭ ئۈستىگە ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئېلېمېنتلار توپلىمىنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى.
رەسىم | Underwater giants سۇ ئاستىدىكى گىگانت ئادەم (مەنبەسى: KARIMILYA)
بىر غايەت زور ئەركەك كىت تىنچ ئوكيان تونگا دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدا جورا ئىزدەش ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئالىملار بۇ ھايۋانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ، لېكىن تېخىمۇ چوڭ ئەمەسلىكىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
رەسىم | Fields of palm ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن پالما دەرىخى يېرى (ARROWHEADFILMS)
ھىندونېزىيىنىڭ غەربىي كالىمانداندا بىر مايلىق پالما ئېكىنزارلىقى بار، ئۇنىڭ مەركىزىي ئورنىغا تېخى تېرىلغۇ يەر جايلاشقان. بۇ يەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالىملار پالما مېيى سانائىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شۇ يەردە ياشايدىغان ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشقا باشلىدى.
رەسىم | Clawsonwings قاناتتىكى پەنجە (AMAZON-IMAGES/ALAMYSTOCKPOTO)
بىر يېڭى تۇغۇلغان چۈجىنىڭ قانىتىدا پەنجىسى بار، لېكىن ئۇ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. بۇ يىل، ئالىملار بالىلىق دەۋرىدىكى ئىپار قىرغاۋۇل (hoatzin)نىڭ تىرناقلىرىدىن پايدىلىنىپ يامىشىش ۋە ھەممە يەردە ھەرىكەت قىلىشنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەمدە قۇشلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن تىرنىقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ دېگەن گۇماننى ئوتتۇرىغا قويدى.
رەسىم | Bounty of potatoes رەڭدار بەرەڭگە (مەنبەسى: GUSTAVORAMREZ)
پېرۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاندىس تاغ تىزمىسىنىڭ ئېتىزلىقىدا، ئالىملار ھەر خىل ھەر ياڭزا «كۆندۈرۈلگەن» ياڭيۇ تېرىدى. بۇ بەرەڭگىلەر ئىنكا مەدەنىيىتىدىن كەلگەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن 4500 مېتىرغىچە كېلىدۇ. تەتقىقاتچىلار كۆزىتىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان بەرەڭگىلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، كېسەللىك ۋە كېلىمات ئۆزگۈرۈشىگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.
رەسىم | Protecting pangolins تاغتېشەرنى قوغداش (مەنبەسى: JENGUYTON /NPL/MINDENPICTURES)
بۇ بىر تارتىنچاق تاغتېشەر، ئۇ موزامبىك دۆلەت باغچىسىدا ياشايدۇ. بۇ خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئاچكۆز كىشىلەرنى جەلپ قىلغانلىقتىن، دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، ئۇلار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.
رەسىم | Treating health care داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش (مەنبەسى: RIJASOLO)
بىر كىچىك قىز ماداغاسقاردىكى Ifanadiana دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەش ئۆيىدە ئولتۇرماقتا، ئۇ، ئۇ يەردە ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلىنى داۋالىتىۋاتىدۇ. ھازىر تەتقىقاتچىلار پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر خىل يېڭى داۋالاش سىستېمىسىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ.
رەسىم | Brain mapper چوڭ مېڭنىڭ ئەكىس ئېتىشى (مەنبەسى: MATTHEWBER/JAMESBARTOZI)
پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا ئالىمى Danielle Bassett ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسى ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ تەجرىبىخانا چوڭ مېڭىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۇلاشنى نامايان قىلدى، بۇ يادرو ماگنىتلىق رېزونانس سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق ياسالغان. Bassett بولسا دەل فىزىكا ۋە ماتېماتىكا ئىشلىتىپ ئادەم مېڭىسىدىكى تورنى تەتقىق قىلىش پېشىۋاسى.
رەسىم | Breathing engineered نەپەسلىنىش قۇرۇلۇشى (مەنبەسى: DARSANZER/JEFFITLOW/JORDANILLER)
فوكۇسلاپ دەستىلەنگەن 3Dلىق بېسىش ئارقىلىق ياسالغان ئۆپكە پۈۋەكچىسى ياكى سۈنئىي ئۆپكىنىڭ رەسىمى. ئالىملار بۇ خىل نەپەسلەندۈرگۈچ لايىھىلەپ، جانلىقلار قۇرۇلۇشى ھۈجەيرە توقۇلمىسىنى تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلىشقا قولايلىق ياراتتى.
رەسىم | Flashing burst چاقنىما يېرىلىش (مەنبە: CSIRO/ALEXCHERNEY)
نۇرلۇق سامان يولى ئاۋسترالىيەنىڭ كۋادرات كىلومېترلىق سانلار گۇرۇپپىسىنى چارلىغۇچىلار رەسەتخانىسى (Australian Square Kilometre Array Pathfinder، ASKAP)نىڭ ئۈستىدە يالتىراپ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئالىملار 36 تال تەخسە شەكىللىك ئانتېنا ئارقىلىق «تېز سۈرئەتلىك سىمسىز تېلېگراف ئىمپۇلىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل رادىئو ئىمپۇلسىنى ئىز قوغلاۋاتىدۇ---ئۇ يىراق يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن كەلگەن.
يۇقىرىقىلار 2019-يىلىدىكى «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى رەتلەپ چىققان ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، شۇنداقلا كىشى قەلبىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان رەسىملەردۇر. سىز قايسىسىنى ياقتۇردىڭىز؟
No comments:
Post a Comment