Search This Blog

Friday, December 6, 2019

ئادەم بەدىنىدىكى يېشىلمىگەن تۆت چوڭ سىر

ئادەم بەدىنىدىكى يېشىلمىگەن تۆت چوڭ سىر



بىرىنچى، نېمىشقا بارماق ئىزىمىز بار؟
ھەر بىر ئادەم تۇغۇلغان چاغدىلا ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىكەن بارماق ئىزىغا ئىگە بولىدۇ. بارماق ئىزى دۇنيادا بىرلا، ھەتتا قوشكېزەكلەرنىڭ بارماق ئىزىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، ئوپمۇ-ئوخشاش بارماق ئىزىنىڭ تېپىلىش نىسبىتى 64 مىلياردتا بىر ئىكەن. ئەمما ھازىر دۇنيادىكى يەتتە مىلياردتىن ئارتۇقراق كىشىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك 10 دىن قول بارمىقى بار، شۇڭا ئوخشاش بارماق ئىزىنىڭ چىقىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
ئىلگىرى كىشىلەر بارماق ئىزىنى تەكرار ھەرىكەت قىلىشتىن كېلىپ چىققان ياكى كىشىلەرنىڭ نەرسىنى تۇتۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەدرىجىي شەكىللەنگەن دېگەن خاتا قاراشتا بولغانىدى. ئالىملار ھازىرمۇ بارماق ئىزى دېگەن نېمە، بارماق ئىزىنىڭ قانداق رولى بار، دېگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن بېشىنى قاتۇرماقتا.

ئىككىنچى، نېمىشقا سولخاي كىشىلەر بار؟
10 ئادەم ئىچىدە توققۇز ئادەم ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن، ئەمما ئالىملار نېمىشقا بۇنداق بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرەلمەيۋاتىدۇ. ئوڭ قولنى ئىشلىتىش تەبئىي تاللاشنىڭ نەتىجىسىدۇر دېگەن قاراش ھازىرچە كۆپرەك قوبۇل قىلىنىدۇ. سول مېڭە كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ گەپ قىلىشى ۋە ئوڭ قول ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ. ئەمما بۇ ئىشمۇ ئوڭ-سول قولنى ئىشلىتىش تەڭپۇل بولماسلىق ھادىسىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ شۇنداقلا نېمىشقا سولخاي كىشىلەر بار دېگەن سوئالغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ھەتتا بىز نېمىشقا ئوڭ قول ئارقىلىق ئىشارەت قىلىمىز، نېمىشقا ئىككى قولىمىزنى ئوخشاش ئىشلەتمەيمىز دېگەن مەسىلىنىمۇ بىلەلمەيۋاتىدۇ.

ئۈچىنچى، نېمىشقا قان تىپىمىز بار؟
ئىنسانلارنىڭ A、B 、AB、 O قان تىپلىرى بار، ئۆزىنىڭ قان تىپىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى قان تىپى ئوخشىمايدىغان قان بەدەنگە كىرسە، ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىشى مۇمكىن. 20 مىليون يىل ئىلگىرىكى سىرلىق ABO قان تىپى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى ۋە باشقا ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ بەدىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. ئالىملارنىڭ قىياسىچە، بۇ قان تىپلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پەيدا بولغان...ئەمما نېمىشقا ئىنسانلار ۋە ئادەمسىمان مايمۇنلارلا بۇنداق قان تىپىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ ھېلىھەم بىر سىر بولۇپ قالماقتا.

تۆتىنچى، ئۆزلۈك قانداق شەكىللەنگەن
ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ سىر شۇكى، بەدەندىكى مىلياردلىغان نېرۋونلار قانداق قىلىپ بىر يەرگە كېلىپ، بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزنى شەكىللەندۈرگەن؟ چوڭ مېڭە شۇنچە مۇرەككەپ ھەم سىرلىق نەرسە، ئادەمنى تەپەككۇر قىلدۇرۇش ئۇنىڭ ھەقىقىي رولىدۇر. ئىنسانلار ئەمەلىيەتتە چوڭ مېڭىنىڭ %100 ئىقتىدارىدىن پايدىلىنالايدۇ، بىراق بۇنداق ئىش ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يۈز بەرمەيدۇ. ئەمما چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر قىسىم ھادىسىلەر بار، مەسىلەن بەزلەش دورىسى ۋە ناركوز دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمىدىن چوڭ مېڭە قىلالايدىغان ئىشنىڭ تېخىمۇ كۆپلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

#bilimdan    #bilimzar 

No comments:

Post a Comment