Search This Blog

Friday, December 6, 2019

يېڭى ئېقىم : دوپامىن پەرھىزى

يېڭى ئېقىم : دوپامىن پەرھىزى


يېقىندا كىرىمنىي جىلغىسىدا مۇنداق بىر ئەڭ يېڭى ئېقىم تارقالدى: چوڭ مېڭىدىكى ئادەمگە ياخشى تۇيغۇ بېرىدىغان خىمىيەلىك ماددا دوپامىننى ئازايتىش ئارقىلىق، يېمەكلىك، جىنسىيەت، ئىسپىرت، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ھەمدە پەن ـ تېخنىكىغا بولغان ئېھتىياجنى ئازايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
بۇ ئېقىمنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى دوپامىننى ئازايتىش بولسا ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى قايتا رەتلەپ، ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلالايدىغانلىقىغا، ئاددىي شەيئىلەردىن تېخىمۇ ئاسان ھۇزۇرلىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.بەزى كىشىلەر بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىدىن ساقلىنىدۇ، ھەتتا باشقىلار بىلەن كۆز ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ساقلىنىدۇ.

ھازىر خەلقارانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بۇ پائالىيەتنى سان فىرانسىسكولۇق پىسخولوگ كامېرون سېپاخ دوپامىن پەرھىزى» دەپ ئاتىغان».
لېكىن ئۇ زادى نېمە؟ئۇنىڭ راستتىنلا پايدىسى بارمۇ؟

 ئوڭ تەرەپ : مېتىل فېنىل پروپىل ئامىن ( مەركىزىي نېرۋىنى روھلاندۇرۇش دورىسى)نى قالايمىقان ئىشلىتىش چوڭ مېڭىدىكى دوپامىن يۆتكەپ توشۇغۇچى تەنچىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

1

دوپامىن بىر خىل نېرۋا ئۇچۇرى يەتكۈزگۈچى ماددا بولۇپ، ئۇ چوڭ مېڭىدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل خىمىيىۋى ئالاقىچى.ئۇ چوڭ مېڭىدە ھەرىكەتنى كونترول قىلىش، ئەستە ساقلاش، ئويغىتىش ھەمدە «مۇكاپات»نى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا مۇناسىۋەتلىك سىگناللارنى يەتكۈزىدۇ.مەسىلەن، دوپامىن زىيادە ئاز بولغاندا، پاركىنسون كېسىلىگە ئوخشاش كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، مۇسكۇل قېتىشىش، تىترەش، شۇنداقلا گەپ قىلىش ۋە قەدەم ئېلىش ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
پاركىنسون كېسىلىنى داۋالايدىغان بىر خىل دورا 
 L-DOPA
 بولۇپ، ئۇ مېڭە قان توسۇقىنى تېشىپ ئۆتۈپ، ئاندىن دوپامىنغا ئايلىنىپ، كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

دوپامىن چوڭ مېڭىنىڭ مۇكاپاتلاش سىستېمىسىدا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇ يېمەكلىك، جىنسىيەت ۋە زەھەر قاتارلىق ئەسلىي مۇكاپاتلار تەرىپىدىن ئاكتىپلاشتۇرۇلىدۇ.مۇھىمى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ مۇكاپاتلاش سىستېمىسى بۇ جەرياندا ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدۇ ـ ناۋادا بىز تۇرۇۋاتقان مۇھىتتا يوشۇرۇن مۇكاپاتنىڭ ئەسكەرتمىسى پەيدا بولغاندا، دوپامىن پائالىيىتىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمەلىي بولغان مۇكاپات پەيدا بولمىغان ئەھۋالدىمۇ شۇنداق بولىدۇ.شۇڭا بىز پەقەت بىر قەنت ـ گېزەك دۇكىنىدا تۇرساقلا، قەنت ـ گېزەكنىڭ چوڭ مېڭىمىزدىكى خىمىيىلىك ماددا بولغان دوپامىننى ئاكتىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ خىل جاۋابقا بولغان ئۈمىد ۋە ئالدىن پەرەز نېرۋا ئىلمىدا ئىنتىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بىر ئاساسلىق ئالامىتى خۇشاللىق تۇيغۇسى كەمچىل بولۇش بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى مۇكاپات كەچۈرمىشىگە بولغان ئىنتىلىش، قىزىقىش ۋە خۇشاللىق كەمچىل بولۇشنى كۆرسىتىدۇ، دوپامىننىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىمۇ بۇ خىل كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالايدىغان بەزى دورىلار ( مەسىلەن: ئامفېتاكېتون ) چوڭ مېڭىدىكى دوپامىن مىقدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

2

ئۇنداقتا دوپامىن ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە مۇشۇنداق مۇھىم ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەن، نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئۇنىڭدىن پەرھىز تۇتماقچى بولىدۇ؟
دوپامىندىن پەرھىز تۇتۇش ئويى دوپامىننىڭ بىر قىسىم ساغلام بولمىغان خۇمار بولۇش قىلمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىملەر ئۈستىگە قۇرۇلغان.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، دوپامىن ئىنتىلىشنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ.مەسىلەن، بىر زەھەر چەككۈچىنىڭ بەلكىم يەنە زەھەر چەككۈسى كەلمەسلىكى مۇمكىن.
لېكىن بەزى سورۇنلاردا زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلەر كۆرۈلگەندە، چوڭ مېڭىنىڭ ئىنتىلىش سىستېمىسى قوزغىلىپ كېتىدۇ، بۇچاغدا زەھەر چەككۈچى كۈچلۈك زەھەر چېكىش قىزغىنلىقىنى يېڭىشى كېرەك.شۇڭا دوپامىندىن پەرھىز تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەر دوپامىننى ئازايتىش ئارقىلىق، ساغلام بولمىغان ھەرىكەتلەرگە بولغان ئېھتىياج ۋە ئىنتىلىشنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ خىل ئۇسۇل راستتىنلا ئۈنۈملۈكمۇ؟

ئالدى بىلەن شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، چوڭ مېڭىدىكى دوپامىننىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ئارقىلىق كۈندىلىك نورمال ئىقتىدارىمىزنى ساقلاپ قالالىساقمۇ، لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، مەلۇم ئالاھىدە بەلگىلەنگەن مۇكاپات ( مەسىلەن، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى) نى ئاددىي، قوپال ھالدا مەنئى قىلىش دوپامىننىڭ ئاكىتىپچانلىقىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇ دوپامىننىڭ ئىقتىدارىنى نۇرمال جارىي قىلدۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان غىدىقلىنىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق بولىدۇ

شۇڭا دوپامىننىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىش مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بولسا بىز ئېرىشمەكچى بولغان مۇكاپاتقا مۇناسىۋەتلىك قوزغىتىش ئامىللىرى ئىچىدىكى ئىنتىلىشىمىزنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى ئازايتىدۇ، بۇ قوزغىتىش ئامىللىرى بىزنىڭ مۇكاپاتقا بولغان تەشنالىقىمىزنى ئەڭ دەسلەپتە قوزغايدۇ.قانداقلا بولمىسۇن، دەل مۇشۇ بېشارەتلەر بىزدە ئارزۇ ۋە ئىنتىلىش پەيدا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىزدە جاۋابقا ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدىغان قىلمىشلار پەيدا بولدى.شۇڭا، مۇكاپاتنى توختىتىش بىلەنلا چوڭ مېڭىنىڭ مۇكاپاتقا ئىنتىلىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ ياكى چوڭ مېڭىنىڭ دوپامىننى قوزغىتىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

بۇ «چوڭ مېڭىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش» تىن تېخىمۇ دېرەك بەرمەيدۇ، بىز ھەتتا «زاۋۇتتىن چىقما ھالەتكە قايتۇرۇش» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان تۇرساق يەنە قانداق قايتا ئورۇنلاشتۇرىمىز؟شۇڭا نېرۋا ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ھازىرچە قۇرۇق گەپتەك قىلىدۇ.

3

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر قىسىم ساغلام بولمىغان ھەرىكەتلەرنى ئازايتماقچى بولغانلىقىڭىزنى ھېس قىلسىڭىز، مەسىلەن، بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بەك كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلسىڭىز  ياكى ھەددىدىن زىيادە يەپ ـ ئىچسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئىشنى ساغلام بولمىغان ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىت ئامىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ.

مەسىلەن، ئەگەر سىزنىڭ كەچتە يانفون ئوينايدىغان ۋاقتىڭىز بەك ئۇزۇن بولسا، يانفوننىڭ ئەسكەرتىش ئاۋازىنى ئېتىۋېتىشنى سىناپ بېقىڭ.بۇنداق بولغاندا دوپامىن يانفون سىگنالى تەرىپىدىن قوزغىتىلمايدۇ، شۇڭا تېلېفوننى قوبۇل قىلغۇڭىز بارلىقى توغرىسىدىكى سىگنال مېڭىڭىزدە پەيدا بولمايدۇ .

ساغلام بولمىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئالامەتلىرى دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇ بەلكىم سىزنى كۆپ قىسىم ۋاقتىڭىزنى بۇ ھەرىكەتلەرگە سەرپ قىلىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنىڭىزغا قارىماي بۇ ھەرىكەتلەرنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن، توختىتاي دېسىڭىزمۇ قىلالىشىڭىز تەس ، شۇ سەۋەبتىن خىزمەت، ئۆگىنىش، ئائىلە قاتارلىقلارغا سەل قاراپ قويىسىز .سىز توختىتىشقا ئۇرۇنغاندا، سىزدە ھەتتا زەھەر تاشلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن خامۇشلۇق ۋە ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىقلار.

بۇنداق ئەھۋالدا، سىز بەلكىم دوپامىن نېرۋا ھۈجەيرىڭىزنى غىدىقلايدىغان بېشارەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاشنى ئويلىشىپ بېقىشىڭىز مۇمكىن، بۇمۇ بىر خىل دوپامىندىن پەرھىز تۇتۇش ھېسابلىنىدۇ.

ئەسلى يازمىنىڭ تېمىسى 
“Dopamine fasting: an expert reviews the latest craze in Silicon Valley”
بولۇپ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇنجى قېتىم 
The Conversation
دا ئېلان قىلىنغان، ئەسلى ئادرېسى https://theconversation.com/profiles/ciara-mccabe-601563

بارلىق مەزمۇنلار ئەسلى يازمىنى ئاساس قىلىدۇ 

#bilimdan    #bilimzar 

No comments:

Post a Comment