ئېينىشتىيىننىڭ ئىككىنچى بىشارىتى ئىسپاتلانسا …
ئالدىنقى ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق ئالىم تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئېينىشتىيىننى ئويلايدۇ، شۇڭا ئېينىشتىيىننى ئويلىغان چاغدا ، نۇرغۇن كىشىلەر يەنە ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى بولغان كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى ئويلايدۇ، كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى تىلغا ئېلىنغاندا، كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا بۇ نەزەرىيەدە بايان قىلىنغان بىر قانچە چوڭ بىشارەتنىڭ ئىسپاتلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ ـ يوق؟ دەپ ئويلاپ قالىدۇ
كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسى بولسا ئېينىشتېيننىڭ تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىدىن كېيىن، پۈتۈن ھاياتىدىكى بارلىق ھېس ـ تۇيغۇلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىجاد قىلغان ئىلىم ـ پەن قامۇسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنسانلار، يەر شارى ۋە ئالەم ھەققىدە ئالدىن بىشارەتلەر بىرىلگەن ، بۈگۈنگە قەدەر، بۇ داڭلىق بىشارەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئىسپاتلانغان، مەسىلەن، تارتىش كۈچى دولقۇنى ، بۇ ئالدىنقى يىللىرى ئالىملار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان، يەنە بىر بىشارەت بولسا تېخى ھازىرغىچە ئىسپاتلانمىغان قۇرت ئۆڭكۈرى نەزەرىيىسى بولۇپ ،بۇ نەزەرىيە ئالىملار تەرىپىدىن ئەڭ ئاخىرقى خىرىس دەپ قارالدى، ھەمدە ئالىملار ناۋادا بۇ بىشارەت ئىسپاتلانسا بىز ۋاقىت -بوشلۇقنى كېسىپ ئۆتەلەيمىز، دېدى.بۇ خىل قاراش ئەمەلىيەتتە توغرا ئەمەس.گەرچە بۇ قۇرۇت ئۆڭكۈرى نەزەرىيىسىنى ئېينىشتېين ئەتراپلىق شەرھلىگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ نەزەرىيەنىڭ ھەقىقىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقتى 1916ـ يىلى بولۇپ، ئاۋسترىيەلىك ئالىم لۇدۋىك فرام قارا ئۆڭكۈرنى تەتقىق قىلغان چاغلاردىلا باشلانغان ، كېيىن ئېينىشتېين پەقەت مۇشۇ تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىنى ئەتراپلىق مۆلچەرلىگەن، شۇڭا ئېينىشتىيىنمۇ قۇرۇت ئۆڭكۈرىدىن ئىبارەت بۇ شەكىلنىڭ راستىنلا مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلمەيتتى.
ئىككىنچىدىن، بۇ قۇرت ئۆڭكۈرى مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ، بىز دەرھال زامان ھالقىپ ئۆتۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز، قۇرت ئۆڭكۈرىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ زادى قارا ئۆڭكۈر بىلەن ئاق ئۆڭكۈرنى تۇتاشتۇرىدىغان يول ئىكەنلىكىنى ياكى پاراللېل ئالەملەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان يول ئىكەنلىكىنى ۋە ياكى ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى تۇتاشتۇرىدىغان يول ئىكەنلىكىنى بىزمۇ ئىسپاتلىيالمايمىز.
ئۈچىنچىدىن، ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ، بۇ قۇرت ئۆڭكۈرى ئالەمنىڭ كۈچى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ بىزنىڭ كونتروللۇقىمىزغا بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا قۇرت ئۆڭكۈرى بۇ قېتىم پەيدا بولغان بولسا كېلەر قېتىم نەچچە مىڭ يىل ھەتتا مىليون يىلدىن كېيىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن، قانداقلا بولمىسۇن ئالەم غايەت زور، بىز بولساق ئىنتايىن كىچىك.
تۆتىنچىدىن: شۇڭا بىز ھازىرچە پەقەتلا شۇنى بىلدۇقكى، قۇرت ئۆڭكۈرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ قۇرت ئۆڭكۈرىگە ئىگە بولغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، بىز سۈنئىي قۇرت ئۆڭكۈرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقالىساقلا، ئاندىن خالىغانچە كېسىپ ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ، ئەمما بىزنىڭ سۈنئىي قۇرت ئۆڭكۈرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشىمىزغا يەنە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، چۈنكى بىر تال سۈنئىي ھالەتتە ياسالغان قۇرت ئۆڭكۈرى تەتقىق قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئېنېرگىيە كېتىدۇ، شۇڭا بىز بۇ يەردە ئاتالمىش قۇرت ئۆڭكۈرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ، ماكان ۋە زاماندىن ھالقىپ ئۆتۈش ئەمەلىيەتتە يەنىلا بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى يىراقتا دەپ قارايمىز.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment