Search This Blog

Saturday, November 30, 2019

گۇگولنىڭ باش مۇدىرى: ئىنتېرنېت ھامان يوقاپ كېتىدۇ


يېقىندا، گۇگول شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئېرىك شىمىد بىر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: ئىنتېرنېت، يەنى ئالاقە تورى يوقىلىدۇ، يۈكسەك خاسلىققا ئىگە ۋە ھەمتۈرتكە بولىدىغان قىزىقارلىق دۇنيا، نەرسە تورى پات ئارىدا بارلىققا كېلىدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، گۇگول شىركىتى ئىنتېرنېت ئىزدەشنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ھەم شۇنىڭغا بېقىنىپ ئۆسۈپ يېتىلگەن شىركەت. كۆچمە ئىنتېرنېت دەۋرىدە، ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چىڭ تۇتقان ھەمدە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق نۇرغۇن يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. شۇڭا ئىزچىل تۈردە يەر شارى پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. باش مۇدىرنىڭ بۇ سۆزى نەرسە تورىنىڭ ئىنتېرنېتنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دېمەك گۇگول شىركىتى بۇرۇنلا سەگەك تونۇشقا ئىگە بولغان.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-، 80-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە ئىلىم-پەن ئاپپاراتلىرى بىر قىسىم كومپيۇتېرلارنى تۇتاشتۇرۇپ، كېلىشىم ئارقىلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىنتېرنېت، يەنى ئالاقە تورىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ماھىيىتى كومپيۇتېرنى تورلاشتۇرۇش بولۇپ، كۆڭۈل بۆلىدىغان يادروسى تېخىمۇ كۆپ كومپيۇتېرلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، ماسلىشىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش ئىدى. كېيىن ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان خۇسۇسىي كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ كومپيۇتېر ئۇلىنىش تورى (كومپيۇتېر تورغا ئۇلانغان ھالەت)نىڭ خۇسۇسىيىتى يۇقىرى پەللىگە چىقتى.


ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون دەۋرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئىنتېرنېت تورىغا كۆچمە ئىنتېرنېت دەپ سۆز قوشتى. ئەمەلىيەتتە، كۆچمە ئىنتېرنېت بىلەن ئالدىنقى مەزگىلدىكى "كومپيۇتېر ئۇلىنىش تورى" نىڭ خۇسۇسىيىتىدە ماھىيەتلىك پەرق بار. ئۇ پەقەت مۇقىملاشتۇرۇش ۋە يۆتكەش (كۆچمە) نىڭ پەرقىلا ئەمەس، كۆچمە ئىنتېرنېتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېر سانى ياكى كۆچمە ئۈسكۈنە سانى بولماستىن، بەلكى تورغا ئۇلانغان ئادەم. شۇڭا بىز ھازىر تۇرۇۋاتقان ئىنتېرنېت دەۋرى ئالدىنقى ئەۋلادقا سېلىشتۇرغاندا، "ئادەم ئۇلىنىش تورى" دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يادروسى 3 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇس بىر-بىرىگە باغلانغان ياكى ئۇلانغان (دېمەك نۆۋەتتە ئۈچ مىلياردتىن ئارتۇق ئادەم ئىنتېرنېت تورىغا چىقىغلىق دېگەن گەپ) ھالەت.  يەر شارىدا يەتتە مىليارد نوپۇس بار، ئادەملەر تورغا ئۇلانغان (ئادەم ئۇلىنىش تورى) دەۋرمۇ ناھايىتى تېزلا يۇقىرى پەللىگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


نېمە ئۈچۈن گۇگولنىڭ باش مۇدىرى ئىنتېرنېت تورى يوقاپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ؟ چۈنكى ئىنتېرنېت نەچچە يۈز مىليون كومپيۇتېرنىڭ كومپيۇتېر ئۇلىنىش تورىدىن نەچچە مىليارد ئادەم تورغا ئۇلانغان ئادەم ئۇلىنىش تورىغا تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم يېپيېڭى نەرسە تورى دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ، بۇ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكى. ئۇلانغان ئۈسكۈنىلەر 100 مىليارد سان بىلەن كۆپىيىدۇ، پۈتكۈل تور ۋە جەمئىيەتكە يېڭىچە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىنتېرنېت پۈتۈنلەي يۇقاپ كەتمەيدۇ، پەقەت رول ئېلىش شەكلى ئوخشىمايدۇ خالاس، نەرسە تورى دېگەن ئاتالغۇ ئەمەلىيەتتە كېيىنكى ئىنتېرنېت دەل شۇ. 

بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: 4G تورى تۇرمۇشنى ئۆزگەرتتى، ئەمدى 5G تورى جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدۇ، بۇنى نەرسە تورى نۇقتىسىدىن تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ. 2G تورىدىن 3G تورىغا، ئاندىن يەنە 4G تورىغىچە بولغان جەريان ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بولۇپ، مىقدار ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. 4G دىن 5G غىچە بولغان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بولسا ئۇلۇغ ئىنقىلاب بولۇپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى جەھەتتىكى سەكرەش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى 5G تېخنىكىسى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆزارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى، ئۇ ئالاقە تورىنى بەرپا قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي يېڭى نەرسە تورى دەۋرىنى يارىتالايدۇ. دېمەك 5G تېخنىكىسى نەرسە تورىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىلىرىنىڭ بىرى. 


خۇددى 19-ئەسىردە توك ئىشلەتكەنگە ئوخشاش، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كۆزگە ئىلمىغان، شۇنداقلا جىن چىراغنى لامپۇچكىغا ئايلاندۇرۇش ھېچقانچە ئىش ئەمەس دەپ قارىغان. ھېچكىم ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن ئىشلار، نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەر ئارقا-ئارقدىن مەيدانغا كەلدى. توك بولغاندىن كېيىن توڭلاتقۇ، رەڭلىك تېلېۋىزور، كىرالغۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، شامالدۇرۇغۇچ قاتارلىق بىر تالاي توكلۇق ئۈسكۈنىلەر بارلىققا كەلدى، بۈگۈنكى كومپيۇتېر، يان تېلېفون، ئالاقە تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىدى.


نۇرغۇن كىشىلەر نەرسە تورى پەقەت يان تېلېفون ئارقىلىق ئۆيدىكى تېلېۋۇزۇر، توڭلاتقۇ، دېرىزە پەردىسى، ئىشىك قۇلۇپى، توك قازىنى قاتارلىقلارنى كونترول قىلىدۇ، بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس دېيىشىدۇ. لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، نەرسە تورى ئېلىپ كەلگەن ئىنقىلاب ھەممە ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بەلكىم خۇددى ئالدىدا دەپ ئۆتكەندەك، خۇددى 19-ئەسىردىكىگە ئوخشاش بىز ئويلاپمۇ باقمىغان يېڭى شەيئىلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن.  لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخى ئەمدىلا باشلاندى.


بىز ئىنتېرنېت تورىنى ئىشلەتكەندە، قارشى تەرەپنىڭ ھەممىسى ئادەم ھېسابلىنىدۇ. لېكىن نەرسە تورىدا ئوخشىمايدۇ. نەچچە يۈز مىليون، ھەتتا ئۈچ مىلياردتىن ئارتۇق ئابونت بىر قانچە چوڭ ئىنتېرنېت سۇپىسى تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغاندا، نەچچە يۈز مىليارد بازار قىممىتىگە ئىگە شىركەتنى بارلىققا كەلتۈرگەندە، بىز قاتتىق ھەسرەت چەكتۇق. لېكىن كېيىنكى نەرسە تورى دەۋرىدە، نەچچە يۈز مىليارد ئۈسكۈنە تورغا قوشۇلۇپ، ئادەمنىلا ئەمەس، يەنە شەھەر، قۇرۇلۇش، قاتناش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، تەبىئەت قاتارلىقلارنى تۇتاشتۇرۇپ، نەچچە ئون مىڭلىغان يېڭى قوللىنىش (يۇمشاق دېتال ياكى ئەپ) نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نەچچە تىرىليون بازار قىممىتىگە ئىگە شىركەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىشكە بولىدۇ، چوڭ بازار ۋە شامال ئېغىزى تېخى ئالدىمىزدا.  
ئۇ بىر يېپيېڭى دەۋر، پۇرسەت ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىغان كىشىلەرگە مەنسۇپ.

#بىلىمدان     #بىلمزار 

No comments:

Post a Comment