Search This Blog

Tuesday, October 15, 2019

كىيىنچە ئادەملەرمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا پەيدا بولالامدۇ؟

كىيىنچە ئادەملەرمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا پەيدا بولالامدۇ؟



كۋانت مېخانىكا دۇنياسىدىكى زەررىچىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يىراقتا بولسىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، بۇ بىزدەك كلاسسىك فىزىكا ئىلمى بىلەن كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان ماكرو دۇنيادىكى كىشلەرنى ۋەھىمىگە سالىدۇ، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئېنىق بولغان بىر چەك-چىگرانىڭ بار يوقلىقى يەنىلا ئېچىلمىغان بىر سىر پېتى تۇرماقتا .ھازىر فىزىكا ئالىملىرى بۇ چىگرا سىزىقىنى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك غۇۋالاشتۇرۇۋەتتى، بىر تۈرلۈك يېڭى «قوش يوچۇق تەجرىبىسى»دە 2000 دىن ئارتۇق ئاتومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ مولېكۇلانىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقى ئېنىقلاندى .

تەجرىبە ئاڭلىماققا ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، نۇر بىر يۈزگە چۈشكەن، بۇ يۈزدە ئىككى يوچۇق بار، نۇر بۇ يوچۇقلاردىن ئۆتۈپ ئاخىردا ئۇنىڭ كەينىدىكى يەنە بىر يۈزگە چۈشكەن. ئەگەر نۇر پەقەت ئادەتتىكى زەرىچىدىنلا تۈزۈلگەن بولسا، كېيىنكى يۈزدىكى نەقىش پەقەت تار يېرىقنىڭ شەكلى ۋە چوڭ ـ كىچىكلىكىچىلىك ھالەتتە پەيدا بولىدۇ. لېكىن، نەتىجىدە نۇر دولقۇنىدا سۇ يۈزىدىكى مەيىن دولقۇنغا ئوخشاش ئۆزئارا رېفلېكس(قايتىش) يۈز بېرىپ ، بۇ يۈزدە يولۋاس بەدىنىدىكى سىزىقچىلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن.ئەڭ غەلىتە يېرى شۇكى، يەككە فوتون ( ياكى يورۇقلۇق زەررىچىسى ) ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان تەقدىردىمۇ، ئوخشاش سىزىقچىلار پەيدا بولغان ،نېمە ئۈچۈندۇر بۇ فوتونلار مۆلچەرىمىزدىكىدەك مۇقىم بىر يولدا ماڭماي ئەكسىچە بارلىق فوتونلار بىر ـ بىرىگە كاشىلا قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى .
بۇ خىل ھادىسە كۋانتنىڭ قاتلىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇجەھەتتە ئەڭ داڭلىقى شرۇدىنگېرنىڭ مۈشۈكى.ئوخشاشلا ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەجرىبىنىڭ تار يوچۇقلىرىغا تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىپ، ئۇلارغا نۇرنىڭ ماڭغان يولىنى ئۆلچەشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىلسە، سىزىقچىلار يوقاپ كېتىدۇ، ئۆلچەش نەتىجىسىنىڭ مۈجمەل بولۇشى باھالاشقا ئېرىشكەندىن كېيىن دەرھال يوقىلىدۇ.لېكىن قاتلىنىش پەقەت كۋانت ساھەسىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ ،جىسىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ، ماكرو ئۆلچەمگە يەتكەندە، بۇ غەلىتە ئەھۋال پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدۇ. ھەتتا شرۇدىنگېرنىڭ «مۈشۈك» تەجرىبىسىدىمۇ كۋانت ساھەسىدىن تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ـ رىۋايەتلەردىكى قۇتىنىڭ ئىچىدىمۇ بىر رادىيوئاكتىپلىق ئاتوم بار بولۇپ ، ھالبۇكى مۈشۈكنىڭ ھايات قېلىشى ئاتومنىڭ يىمىرىلىش ـ يىمىرىلمەسلىكىگە باغلىق بولىدۇ .ئۇنداقتا بۇ يەردىكى چەك -چېگرا زادى قەيەردە؟بىر قېتىمدىلا ئىككى جايغا ئورتاق ھالدا قويغىلى بولىدىغان ئەڭ چوڭ جىسىم زادى نېمە؟



ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بازېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى بۈگۈنگە قەدەر سىناق قىلىنغان ئەڭ چوڭ مولېكۇلا ئۈستىدە قوش يوچۇق تەجرىبىسى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى.ئىلگىرىكى خاتىرىلەردە 800 دىن ئارتۇق ئاتومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مولېكولا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا پەيدا بولالايدۇ دەپ قارالغان ئىدى ، لېكىن ئەڭ يېڭى تەتقىقات گۇرۇپپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇنى 2000 ئاتومدىن تۈزۈلگەن مولېكولا دەرىجىسىگە كېڭەيتتى. تەتقىقاتچىلار ماسسىسى چوڭ، ئەمما يەنىلا يېتەرلىك دەرىجىدە تۇراقلىق بولغان مولېكۇلانى مەخسۇس لايىھەلەپ، قوش يوچۇقتىن قويۇپ بېرىپ، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ۋاكۇئۇمدا مولېكۇلا دەستىسىنى شەكىللەندۈرگەن.ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئاساسىي سىزىقى 2 مېتىر بولغان يېڭى لايىھىلەنگەن ماددا دولقۇنى ئىنتېرفېرېنسىيە ئەسۋابىنى ئىشلىتىش كېرەك.
دەرۋەقە، تەجرىبە ئارقىلىق بۇ مولېكۇلالارنىڭ كۋانتنىڭ قاتلىنىش ھالىتىدە مەۋجۇت بولىدىغانلىقى ھەمدە دولقۇن سىزىقچىلىرىغا ئوخشاش بىر ـ بىرىگە كاشىلا قىلىدىغانلىقى بايقالدى،ھەمدە ھەر قېتىملىق كاشىلا ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7 مىللىسېكۇنتقا يېتىدىكەن.بۇ ھادىسە ماكرو ۋە مىكرو دۇنيا ئارىسىدىكى چېگرانى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ماكرو دۇنيارىمىزغا يېقىنلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق كۋانت فىزىكىسى بىلەن كىلاسسىك فىزىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدىكى چېگرا سىزىقىنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويدى.تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى 
Yaakov Fein
 مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىزنىڭ تەجرىبىمىز شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۋانت مېخانىكىسى ۋە ئۇنىڭ بارلىق غەلىتە ئالاھىدىلىكلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك جەلپ قىلىش سېھرىگە ئىگە ، بىز ناھايىتى ئۈمىدۋار، كەلگۈسىدىكى تەجرىبىلەر بۇ ئەرۋاھ زەررىچىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە سىنايدۇ.

#bilimdan    #bilimzar  

No comments:

Post a Comment