ئىچىڭىزدە زەررىچىلىك كىبىر بولسا قانداق بولىدۇ ؟
گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان بىر خانقىز بار ئىكەن . بىر كۈنى كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى تاماملاپ ئادەت بۇيىچە توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا كىرىپ ئايلىنىپ تەكشۈرۈشكە باشلاپتۇ . ئويلىمىغان يەردىن قانداق بولغان توڭلىتىش ئىسكىلاتىنىڭ ئىشىكى ئىتىلىپ قىلىپ خانقىز ئىچىدە سولىنىپ قاپتۇ.خانقىز ۋاقىراپتۇ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشكىنى ئۇرۇپتۇ ، يىغلاپتۇ . ئەمما ئۇنىڭئاۋازىنى ئاڭلايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقماپتۇ . چۈنكى بۇ چاغدا زاۋۇتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن . توڭلىتىش ئىسكلاتى ئىچىدە ئادەمبارلىقى كىمنىڭ خىيالىغا كەلسۇن ؟ ۋاقت ئۆتىۋىرىپتۇ ، خانقىز بارغانسىرى ھالسىزلىنىپتۇ ، جېنى ھەلقۇمغا كېلەي دىگەندە مۆجىزە يۈز بېرىپتۇ ، ئەسلىدە زاۋۇتنىڭ قاراۋۇلى ئىشكنى ئېچىپ كىرىپ ، ئۇنى قۇتقۇزۋاپتۇ .
بۇ قىز ھوشىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى دائىرىسىدە بولمىسىمۇ قانداق قىلىپ ئىشكنى ئېچىپ كىرگەنلىكىنى سوراپتۇ . قاراۋۇل خانقىزغا چۈشەندۈرۈپ دەپتۇ : مەن بۇ زاۋۇتتا ئىشلىگىلى 35 يىل بولدى ، ھەر كۈنى نەچچە
يۈز ئىشچى كىرىدۇ ، چىقىدۇ . ئەمما پەقەت سىزلا ئەتىسى ئەتىگەندە ۋە ئىشتىن چۈشكەندە مەن بىلەن سالاملىشىسىز . باشقا نۇرغۇن ئادەملەر مېنى پەس كۆرۈپ كۆزگە ئىلمايدۇ . بۈگۈن ئەتىگەن سىز ئادىتىڭىز بۇيىچە ھەر كۈنىدىكىدەكلا " ياخشىمۇسىز " دەپ سالاملاشقان ئىدىڭىز . ئەمما ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن مەن سىزنىڭ "خەير خوش ئەتە كۆرىشەيلى " دىگەن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىمىدىم . مەن سىزنىڭ شۇ سالىمىڭىزنى كۈتتۈم . ئەمما سىز چىقمىدىڭىز . شۇڭا مەن بىر ئىش بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ سىزنى ئىزدىدىم . ئىزدەپ ئىزدەپ ئاخىرى توڭلىتىش ئىسكىلاتى ئىچىدىن تاپتىم .
--------------بۇ ۋەقەدىن تەسىرات : كەمتەر ،سەمىمىي بۇلۇڭ ، ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر ئادەمنى ھۆرمەتلەڭ ، ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ . ھەر كۈنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ياخشى تەسىر قالدۇرۇڭ ، چۈنكى سىز ئەتە نىمە ئىش بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز ...
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment