ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بوشلۇقتا تەرىتىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟
ھەممەيلەنگە ئايان، ئالەم بوشلۇقىدا ئېغىرلىق كۈچى يوق. شۇڭا بەدەن ئېغىرلىقنى يوقاتقان ھالەتتە ئالەم بوشلۇقىدا ھاجەتخانىغا كىرىش ئەلۋەتتە بىزنىڭ كۈندە كىرگىنىمىزدىكىدەك ئۇنداق ئوڭاي بولمايدۇ. يەنى بوشلۇقتا ھەرقانداق بۇيۇمنى قاتتىقلاشتۇرمىغاندا ھەممىلا يەرگە تارىلىپ قالايمىقان لەيلەپ قالىدۇ. ئەڭ دەسلەپ پەن-تېخنىكا تېخى ھازىرقىدەك بۇنچە تەرەققىي قىلمىغان چاغدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ھاجىتىنى خالتا ئارقىلىق ھەل قىلغان بولۇپ خالتىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى بوشلۇق پونكىتىغا قويۇپ تۇرۇپ ئۇلار يەر شارىغا قايتقاندا بىللە قايتۇرۇپ كەلگەن.
بۇ ئۇسۇل تولىمۇ قولايسىز، بولۇپمۇ شۇنچە قېلىن ئالەم كىيىمى كىيىۋالغان ھالەتتە تېخىمۇ شۇنداق بولغاچقا كېيىن تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى زاكا ئىشلىتىدىغان بولغان. بۇ خىل ئۇسۇل ئاددىي ۋە قوپال بولسىمۇ لېكىن تەننەرخى بەك تۆۋەن ئىدى.
نۆۋەتتە ھەر بىر ئالەم كېمىسى ياكى بوشلۇق پونكىتىغا ئەر-ئاياللار ئورتاق ئىشلىتىدىغان ھاجەتخانا ئورنىتىلغان. خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىكى ھاجەتخانىنى 2007-يىلى NASA رۇسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن سېتىۋالغان بولۇپ، باھاسى 19 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.
بۇ ھاجەتخانىنىڭ تەرەت قاچىسى ھاۋا سۈمۈرىدىغان تىپلىق بولۇپ، چايقىغاندا سۇ ئىشلەتمەستىن بەلكى ھاۋا ئىشلىتىدۇ. شۇڭا تەرەت قىلىشتىن بۇرۇن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۆزىنى تەرەت قاچىسىغا مۇقىملاشتۇرۇپ ساغرىسىنى تەرەت قاچىسىنىڭ چېتىگە ھىم جايلاشتۇرۇشى لازىم. بولمىسا ھاۋا ئېقىمى تەرەت قاچىسىنى پاكىز چايقىيالمايدۇ.
قاتتىق چىقىرىندىلار بىلەن سۇيۇق چىقىرىندىلار ئايرىم ساقلىنىدۇ. ئاندىن قاتتىق چىقىرىندىلار سۇسىزلاندۇرۇپ بېسىم بىلەن بىر ئالاھىدە ساقلاش ئەسۋابىنىڭ ئىچىگە ساقلىنىدۇ. ھەمدە ئالەم كېمىسىدە ۋاقىتلىق قويۇپ تۇرۇلۇپ ئۇچقۇچىلار يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندە بىللە ياندۇرۇپ كېلىدۇ. سۇيۇق چىقىرىندىلاردىن بەزىدە تەكرار پايدىلىنىلىدۇ. يەنى مەخسۇس سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ئىچىملىك سۇغا ئايلاندۇرۇلىدۇ ياكى توك چىقىرىشقا ئىشلىتىدۇ.
ئۇندىن باشقا، ھاجەتخانىنىڭ ئىچىدىكى تازىلىق قەغىزى شۇنداقلا ئەتراپلىق لايىھەلەپ ياسىغان ئۇندىن باشقا، بوشلۇق پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان تازىلىق قەغىزىمۇ ئىنتايىن ئىنچىكە لايىھەلەنگەن. شۇنىڭدەك بوشلۇق پونكىتىدا يەنە جىددىي ئەھۋالدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا مەخسۇس زاكىمۇ قويۇپ قويۇلغان.
بۇلتۇ NASA «ئالەم بوشلۇقى تەرەت رىقابىتى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتى 15 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ مۇكاپاتقا ساچىر كاردان ThatcherCardon ئېرىشكەن.
ئۇ كەشىپ قىلغان بۇ ئۈسكۈنە مەخسۇس ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشىگە ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، M-PATS دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ لايىھەلەش ئىلھامى تېبابەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قورساق بوشلۇقى ئەينىكىدىن كەلگەن. ئالەم كىيىمىنىڭ ئاستى تەرىپىدە بىر ئېغىز بار بولۇپ، بۇ كىچىك ئېغىز ئادەم بەدىنىنىڭ ئاجراتمىلىرىنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ كىچىك ئۈسكۈنىنى ئالەم كىيىمىدىكى تۇرۇبىغا كىرگۈزۈۋەتكەندىن كېيىن يەل پومپىسى ئارقىلىق بېسىم بېرىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇلانغان تەرەت قاچىسىدىكى گاز كۆپىدۇ، بۇ چاغدا تەرەت قىلىشقا بولىدۇ.
دېمەك ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇرمۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.
bilimdan #bilimzar#
No comments:
Post a Comment