Search This Blog

Thursday, October 10, 2019

دايتىر رامىز ۋە لايىھەلەشنىڭ ئون پىرىنسىپى


دايتېر رامىز(Dieter Rams، 1932-يىلى تۇغۇلغان) گېرمانىيەلىك سانائەت لايىھەچىسى. ئۇنىڭ لايىھەلەشتە تۇتقان يولى «ئاز ھەم ساز(less but better)»بولۇش. ئۇنىڭ مەھسۇلات لايىھەلىرى ۋاقتى ئۆتمەيدىغان دەرىجىدە دەۋىرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ لايىھەلەشكە قوشقان تۆھپىسىگە پۈتۈن دۇنيا قايىل.



ديتېر رامىز 1948-يىلى ۋىسبودون سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئارخىتېكتورلۇق ۋە ئىچكى بىزەك كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن ۋە 1953- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 1955-يىلى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ياسايدىغان بىرائۇن(Braun) شىركىتىگە خىزمەتكە كىرىپ لايىھەلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1961-يىلى شىركەتنىڭ باش لايىھەلىگۈچى ئەمەلدارى بولغان ۋە 1995-يىلى پىنسىيەگە چىققۇچە 35 يىل مۇشۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان.

دايتىر رامىز كىچىكىدىنلا ياغاچچى بوۋىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. «ئاز ھەم ساز» دېگەن ئىددىيەمۇ ئۇنىڭغا بوۋىسى تەرىپىدىن سىڭدۈرۈلگەن. بۇ ئىددىيە ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر لايىھەلىگەن مەھسۇلاتلىرىدا ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ لايىھەلىرى ئاددىي، قوللىنىشچان، ئىشلىتىشكە قولاي، يېقىشلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ لايىھەلىگەن فاتىفون، رادىئو، توكلۇق ساقال ئالغۇچ، ھىساپلىغۇچ،ئاۋاز ياڭراتقۇ، تام ئىشكاپى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا ۋە كېيىنكى ئەۋلات لايىھەچىلەرگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ھەتتا بىر قىسىم لايىھەلىگۈچىلەر ھازىر ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ لايىھەسىنى دايتىر رامىزنىڭ 50 يىل بۇرۇنقى لايىھەلىرىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى تەكرارلىنىشى دەپ قارايدۇ. ئۇ لايىھەلىگەن ئۇنۋىرسال ئىشكاپ قاتارلىق مەھسۇلاتلار ھېلىھەم بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ سېتىلماقتا.


ئۇ مەھسۇلات لايىھەسى ئىشلەش جەريانىدا ئۆزىدىن «مېنىڭ لايىھەلىرىم ياخشى لايىھەمۇ؟» دەپ سورىغان ۋە بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ ئون تۈرلۈك ياخشى لايىھە پىرىنسىپىنى يەكۈنلەپ چىققان.


ياخشى لايىھەنىڭ ئون پىرىنسىپى

1.ياخشى لايىھە  ئىجادىي بولىدۇ. ئىجادىيلىقنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەرگىز تۈگەپ كەتمەيدۇ. تېخنىكا تەرەققىياتى لايىھەدىكى ئىجادىيلىققا دائىم پۇرسەت يارىتىدۇ. شۇنداقلا ئىجادىي لايىھە ئۈزلۈكسىز ھالدا تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ھەم ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.


2. ياخشى لايىھە مەھسۇلاتنى قوللىنىشچان قىلىدۇ. كىشىلەر مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋالىدۇ. ئۇ ئىستىمالچىنى پەقەت ئىقتىدار جەھەتتىنلا ئەمەس پىسخىكا ۋە گۈزەللىك نوقتىسىدىنمۇ قانائەتلەندۈرىشى كېرەك. ياخشى لايىھە مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قوللىنىشچانلىققا زىيان سېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق نەرسىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىش كېرەك.



3.ياخشى لايىھە گۈزەل بولىدۇ. گۈزەللىك مەھسۇلاتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى. چۈنكى بىز ئىشلەتكەن مەھسۇلاتلار ھەر كۈنى بىزگە ۋە بىزنىڭ رازىمەنلىك تۇيغۇمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇنىسى مۇھىمكى پەقەت ياخشى ئىشلەيدىغان نەرسىلەرلا گۈزەل بولالايدۇ.




4. ياخشى لايىھە مەھسۇلاتنى چۈشۈنۈشلۈك قىلىدۇ. ياخشى لايىھە مەھسۇلاتنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. مەھسۇلاتنى قوللانمىغا قارىمايمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ئۆز- ئۆزىنى «ئىزاھلىيالايدىغان»، «سۆزلىيەلەيدىغان» قىلىدۇ.


5. ياخشى لايىھە كۆزگە چېلىقمايدۇ. مەھسۇلاتنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى بىر قۇرال- سايمانغا ئوخشايدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ بىر نەرسىنى زىننەتلەپ قويۇش ياكى سەنئەت بۇيۇمى ئەمەس. شۇڭا ئۇنىڭ لايىھەسى نېيتىرال ۋە سالماق بولىشى، ئۇنىڭ ئۆيدە ئورۇن ئىگەللىشى ئىشلەتكۈچىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.



6. ياخشى لايىھە سەمىمىي بولىدۇ. سەمىيمىيلىك ھەقىقەتەن مەھسۇلاتنى ئىجادىي، كۈچلۈك قىلمايدۇ. ياكى قىممىتىنى ئاشۇرمايدۇ. ئۇ ئەمەل قىلغىلى بولمايدىغان ۋەدىسى بىلەن ئىستىمالچىلارنى تۇتۇپ قېلىشقا ئۇرۇنمايدۇ.



7. ياخشى لايىھە چىداملىق بولىدۇ. ياخشى لايىھە مودىدىن خالىي شۇنداقلا مەڭگۈ زاماندىن قالمايدىغان بولىدۇ. مودا لايىھەگە ئوخشىمايدىغان يىرى ئۇ نۇرغۇن يىللار دەۋىر سۈرەلەيدۇ.



8.ياخشى لايىھە ئىنچىكە ھالقىلارنىمۇ بوش قويىۋەتمەيدۇ. ھېچقانداق نەرسە ئۆزىچىلا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ.  لايىھەلەش جەريانىدىكى ئەستايىدىللىق ۋە ئىنچىكىلىك ئاخىرقى ھىساپتا ئىشلەتكۈچىگە بولغان ھۆرمەت.




9. ياخشى لايىھە مۇھىت بىلەن ماسلىشىدۇ. لايىھەلەشتە مەھسۇلات قويىلىدىغان مۇھىتنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاش ۋە قوغداش ئىنتايىن مۇھىم. مەھسۇلات پۈتۈن ئىشلىتىلىش جەريانىدىكى مەنبەلەرنى قوغدىشى، فىزىكىلىق ۋە كۆرۈنۈشلۈك بۇلغىنىشنى ئىمكان بىر ئازايتىشى كېرەك.



10. ياخشى لايىھەدە ئىمكان بار ئاز لايىھەلەش كېرەك. « ئاز ھەم ساز» بولۇش دىققەتنى زۆرۈر نەرسىلەرگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. مەھسۇلاتقا زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى تاڭمايدۇ.


#bilimdan   #bilimzar
 

No comments:

Post a Comment