Search This Blog

Tuesday, October 15, 2019

ئولترا ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە

ئىلىم ـ پەن تەرەققىياتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلدى: گىرافىت ئالكېن ماتېرىيالى ئىلگىرىكىدىنمۇ پەۋقۇلئاددە ئاسان دەرىجىدە ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالغا ئايلىنىشى مۇمكىن، بۇنىڭ سىرى بولسا بىر نازۇك نۇقتىدا بولىشى مۇمكىن .
ئىككى ئۆلچەملىك گىرافىت ئالكېن ئاتوم قەۋىتى ئارىسىدىكى بىر نازۇك نۇقتىدىن بۇ ماتېرىيالنى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى ئوخىئو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پىروفېسسورى جېننىي لاۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدىكى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئىككىنچى قەۋەتتىكى گىرافىت ئالكېن ئاتومىنى ئازراق مەلۇم بىر قىممەتتىكى بۇلۇڭ بويىچە ئايلاندۇرۇپ  تەڭشەپ قويسىلا ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ئالاھىدىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

گىرافىت ئالكېن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مودا بولۇۋاتقان ئىككى ئۆلچەملىك يەككە قەۋەتلىك ئاتوم ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى، يەككە قەۋەتلىك گىرافىت ئالكېن ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان ئىقتىدارىنى نامايان قىلالمايدۇ.بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى 
( MIT )
 نىڭ بىر پارچە تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئەگەر يەككە قەۋەتلىك گىرافىت ئالكېنغا ئىككىنچى قەۋەت ئاتومىنى قوشساق ھەمدە مەلۇم بىر قىممەتتىكى بۇلۇڭغا تەڭشەپ ئازراق ئايلاندۇرۇپ قويساق، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماتېرىياللارنى ياساپ چىقالايدىكەنمىز.
MIT
 نىڭ تەتقىقاتىدا بايقالغان بۇلۇڭ گىرادۇسى 1 گىرادۇستىن 1.2 گىرادۇس ئارىلىقىدا ئىكەن .

ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە 0.9 گىرادۇسلۇق ئايلىنىش بۇلۇڭىدىنمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى بايقالغان.تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: گەرچە پەرق ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ بايقاش گىرافىت ئالكېننى ئەمەلىي قوللىنىش جەريانىدا ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماتېرىيال قىلىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.نۆۋەتتە ھەر خىل ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماتېرىياللار ئەمەلىي قوللىنىش جەريانىدا ئاساسلىقى ئۇلترا تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىم قاتارلىق ھەر خىل شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى توك سىمى، خەۋەرلىشىش لىنىيەسى، ترانسپورت، پويىز قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەردە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، مىكرو سېكۇنت نۇقتىسىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشقان ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك گرافىت ئالكېن بىزنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ساھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ مۇھىم ئەمەلىي ئەھمىيىتى بار، شۇنداقلا كەلگۈسى خىزمەت فوكۇسىنىڭ يۆنىلىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن 
بۇ تەتقىقاتنى ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتلىق ئونىۋېرستېتى، تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى داللاس شۆبە مەكتىپى ۋە ياپونىيە دۆلەت ماتېرىيال ئىلمى تەتقىقات ئورنى بىرلىشىپ تاماملىغان.

#bilimdan    #bilimzar

No comments:

Post a Comment