Search This Blog

Tuesday, October 15, 2019

كۋانت ۋە ئاڭ تەۋرىنىشىنىڭ سالامەتلىك بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار

كۋانت ۋە ئاڭ تەۋرىنىشىنىڭ سالامەتلىك بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار


ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي، يەنى يېمەكلىك يېيىش، ۋاقتىدا ئارام ئېلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش


ئاڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى چۈشەندۈرۈلىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىئولوگىيە جەھەتتىكى چۈشەندۈرۈش بولسا  مېڭە رايونى يەنى چوڭ مېڭىنىڭ ئالدى ماڭلىيىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى بولسا سەزگۈ ئەزالار ۋە چوڭ مېڭىدە قالغان خاتىرىلەر ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ئوبرازىنى پەرق ئېتىش ؛ پىسخولوگىيەدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى بولسا تار ۋە كەڭ مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ نۇقتىنەزىرىدىكى بىلىش، ھېسسىيات، مەنە جەھەتلەردىكى بىرلىكىنىڭ بىر گەۋدىسى، لۇغەتتىكى چۈشەندۈرۈش بولسا  ئىنسان چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنياغا بولغان ئىنكاسى


 ئاڭ كۋانت مېخانىكىسىدىكى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇن مەيدانى بولۇپ، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشى: ئاڭ بولسا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى قويۇپ بېرىش جەريانى يەنى ئىنسان تەپەككۇرى ئېلىپ يۈرگەن ياكى كونترول قىلغان ئۇچۇرلار ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى شەكلىدە تارقىلىدۇ 



ئادەمدە ھاياتلىق بولغاندىلا ئاڭ بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ، ئۇنداقتا ھاياتلىقنى ساقلاپ قالساقلا، ئاڭمۇ تەبىئىي ھالدا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقنى قامدىشى ۋاقتىدا ئوزۇقلىنىش ، يىتەرلىك ئۇيقۇ …قاتارلىقلار جايىدا بولسا تەبىئىي ھالدا ھاياتى كۈچكە تولۇش بىلەن بىرگە ئاڭمۇ مەلۇم نىسبەتتە ئوزۇقلىنىدۇ

كۋانت مېدىتسىناسى بولسا ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا تېببىي ساھەسىدىكى بىر مۇھىم   تارماق پەندۇر 



كۋانت ۋە ئادەم بەدىنى

ئادەم بەدىنى يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش دولقۇن شەكلىدىكى كۋانت ئېنېرگىيەسىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان چاستوتىدىكى كۋانت ئوخشاش بولمىغان توقۇلما ئەزالارنى تەشكىل قىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان توقۇلما ئەزالار ئۆز مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاخىرىدا ئادەم بەدىنىدىكى سەككىز چوڭ سىستېمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىرقى زامان مېدىتسىناسى چاستوتا نۇقتىسىدىن كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى تەتقىق قىلىپ، توقۇلما ھۈجەيرىلىرى سىرتقى دۇنيادىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى، مۇھىت بۇلغىنىشى، ۋىرۇسنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەزالارنىڭ ئەسلىدىكى چاستوتىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ يەكۈن چىقاردى. ئەگەر ئەسلىدە بار بولغان كۋانت ھالىتى ئېنېرگىيەسىنى مۇسبەت ئېنېرگىيە دەپ قارىساق، ئۇنداقتا قالايمىقانلىشىپ كەتكەندىن كېيىنكى چاستوتا ئېنېرگىيە مەيدانىنى مەنپىي ئېنېرگىيە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ


كۋانت چىرمىشىشى ۋە يوشۇرۇن ئاڭ

كۋانتنىڭ چىرمىشىۋېلىشى زەررىچە ( ئۇچۇر ) نىڭ ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق زەررىچىدىن تەركىب تاپقان سىستېمىدىكى بىر ـ بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل تەسىر ئارىلىقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئىككى زەررىچە دىيامېتىرى 100 مىڭ يورۇقلۇق يىلىغا يېتىدىغان سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئىككى ئۇچىدا ئايرىلغان تەقدىردىمۇ، بىر زەررىچىنىڭ ئۆزگىرىشى يەنىلا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە بىر زەررىچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۋانتنىڭ تەسىر كۆرسىتىش سۈرئىتى يورۇقلۇق تېزلىكىدىنمۇ تېز. يېقىندا تاماملانغان بىر تۈرلۈك تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۋانتنىڭ تەسىر كۆرسىتىش سۈرئىتى ئاز دېگەندىمۇ يورۇقلۇق تېزلىكىدىن 10 مىڭ ھەسسە تېز بولىدىكەن


كۋانتلىق داۋالاشنى قانداق قوللىنىمىز ؟

ئېنېرگىيە بىلەن داۋالاش دوختۇرلىرى ئادەم بەدىنىنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىر ئېنېرگىيە تەنچىسى بار، ئادەم بەدىنىدە ئېنېرگىيە مەركىزى مەۋجۇت دەپ قارايدۇ


ئۇلارنىڭ قارىشىچە: بەدەن ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولغاچقا،  بەدەندىكى كېسەللىكلەر ئالدى بىلەن ئېنېرگىيە شەكلىدە نامايان بولىدىكەن. بېسىم ۋە سەلبىي ھېسسىيات ئېنېرگىيەنى توختىتىپ قويىدۇ ياكى خورىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش جەريانىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. داۋالاش دوختۇرلىرى بەدەن بىلەن ئۇچراشمىغان ئەھۋالدا بۇ مەسىلىلەرنى بايقىيالايدۇ ۋە ھەل قىلالايدۇ. كېررى دوختۇر مۇنداق دېدى: ئادەم بەدىنىنىڭ ماھىيىتى تىترەش،يەنى زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن بەدەن ئېنىرگىيەگە ئىگە زەررىچىلەرنىڭ توختىماستىن تىتىرىشى ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، بارلىق كېسەللىكلەر ئىناق بولمىغان ،قالايمىقان تىترەشتىن پەيدا بولىدۇ . داۋالىغۇچىلار   ئىقتىدار ، رەڭ، ئاۋازشۇنداقلا قولىدىكى ئېنېرگىيە ئارقىلىق كېسەل بەدەندىكى تىترەش چاستوتىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . بەزى داۋالاپ ساقايتىش ئۇستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ پىسخىكا ھالىتى، بىمارلارنىڭ قوبۇل قىلىش پوزىتسىيىسى داۋالاش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن

 
كۋانت چىرمىشىشىنىڭ يىراق مۇساپىلىك داۋالاشتا ئىشلىتىلىشى

ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىپ كۋانت چىرمىشىشىدىكى ئارىلىقتىن ھالقىغان تەسىرىنى يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن داۋالاپ ساقايتىش جەريانىدا قوللىنالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن داۋالىنىپ ساقايغانلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى ( كۋانتلىق چىرمىشىش ھالىتى ) غا موھتاج بولىمىز، ئاندىن داۋالانماقچى بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ چاستوتىسىنى تەڭشەپ، ئۆزىگە تولۇق ئىشىنىشى، ئۆزىنى داۋالاپ ساقايتقۇچىغىمۇ  ئىشىنىشى كېرەك، داۋالاش ئۇستىسى يوشۇرۇن ئاڭ ئۇچۇر ئېنېرگىيەسى بىلەن داۋالاپ ساقايتىش مەيدانىدىكى كىۋانتلىق چىرمىشىش نەزەرىيەسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى: ئۇلار مەيلى قانچىلىك يىراققا ئايرىلسۇن، بىر زەررىچىگە دەخلى قىلغان چاغدا، يەنە بىر ماس ھالدىكى زەررىچە ( ئارىلىقى قانچىلىك يىراق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ) دەرھال سىزەلەيدۇ ۋە مۇناسىپ تەسىرگە ئۇچرايدۇ


شۇڭا بىمار مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇچۇر بېرىلگەن ھامان شەكىلسىز ھالدا ئۇلىنىش ھاسىل قىلالايدۇ . نېرۋا تېئولوگىيە قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئادەم ئوخشاش بولمىغان ھالەتتە تۇرغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى ئوخشاش بولمايدىكەن. بېتا چاستوتىسى ئاستىدا ( ئاڭ قاتلىمىدا )، مېڭە تىل ـ يېزىق ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىدۇ، مېڭە دولقۇن چاستوتىسىنىڭ ئاستا ـ ئاستا ئالفا ۋە سېتا دۇلقۇن ھالىتىگە كەلگەندە، مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى رەسىم  ھالىتىدە بولىدىكەن. پەقەت سىز ئالفا ياكى سېتا دۇلقۇنى ھالىتىدە تۇرۇپ ( ئاڭسىز ھالەتتە ) داۋالانسىڭىز ساقىيىپ كېتىسىز، يېڭىلىنىپ كېتىسىز، شۇنداقلا بۇ خىل ھالەتتە، داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېنېرگىيىسىنىڭ ئايلىنىشى ئەڭ تېز بولىدۇ

كىۋانت مېدىتسىناسى ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا تېببىي ساھەسىدىكى بىر مۇھىم تارماق بولۇپ، مىكرو دۇنيادىن قول سېلىپ، كېسەل ئوچىقىنى يىلتىزىدىن تۈگىتىدۇ. چۈنكى ئادەم بەدىنىنىڭ 70% ئى سۇ مولېكۇلاسىدىن تەركىب تاپىدۇ، كۋانت يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش دولقۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى سۇ مولېكۇلاسى ئارقىلىق ئوخشاش چاستوتىلىق رېزونانس ھاسىل قىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان چاستوتىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، مەنپىي ئېنېرگىيەنى ئوخشاش چاستوتىلىق رېزونانسقا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مۇسبەت ئېنىرگىيە پەيدا قىلىپ ، ئادەم 
بەدىنىنىڭ ساغلام سىستېمىسى تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ،تەڭپۇڭلۇق سالامەتلىك دېمەكتۇر 

#bilmdan    #bilimdan 

No comments:

Post a Comment