ئىنسانلارنىڭ كۆزى ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس
ھەر بىر نورمال ئادەمنىڭ بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزى بولىدۇ. كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى، ئىنسانلارنىڭ تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرنى سېزىشتىكى مۇھىم ئەزاسى. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەربىر ھايۋاننىڭمۇ كۆزى بولىدۇ، بەلكىم سىرتقى شەكلىدىن قارىغاندا ھايۋانلارنىڭ كۆزى ئىنسانلارنىڭكىدەك نۇرلۇق بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئىنسانلارنىڭكىدىنمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ كۆزى دۇنيانى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ياشاشتا تايىنىدىغان مەخپىي قورالدۇر. ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ھايۋانلارنىڭ كۆزى بىز ئىنسانلارنىڭكىدىن ئۆتكۈر ئىكەن. ئۇلار كۆرگەن دۇنيا ئىنسانلار كۆرگەندىنمۇ مۇرەككەپ، تېخىمۇ ئېسىل بولىدىكەن. بىز ھايۋانلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئېچىپ، ھايۋانلارنىڭ كۆرۈش دۇنياسىنىڭ ئاجايىپ ۋە ئېسىل تەرەپلىرىنى ھېس قىلايلى.
بۈركۈت: ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى مىڭ چاقىرىملىق كۆز
بۈركۈت قۇشلارنىڭ شاھى، نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە پەرۋاز قىلسىمۇ، يەردىكى ئولجىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم تېز ھەم توغرا ھالدا ئولجىلارنى چىشلەپ ئېلىپ كېتىدۇ، چۈنكى بۈركۈتنىڭ بىر جۈپ مىڭ چاقىرىملىق كۆزى بار. ئالىملار بۈركۈتنىڭ كۆزىنى يېرىپ كۆرگەندىن كېيىن، بۈركۈتنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ شۇنچە ئۆتكۈر بولۇشىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلغان كۆرۈش سىستېمىسىدىن كەلگەنلىكىنى بايقىغان. ئالىملار بۈركۈت كۆزىنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن ئادەم كۆزىنىڭ تۈزۈلۈشىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۈركۈتنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە ئىككى مەركىزىي ئويمان بارلىقىنى، ئادەمنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە پەقەت بىر مەركىزىي ئويمان بارلىقىنى بايقىغان. مەركىزىي ئويمان كۆرۈش سېزىمى ئەڭ سەزگۈر رايون بولۇپ، بۈركۈت كۆزىنىڭ ئاساسلىق مەركىزىي ئويمىنى بىر كۆزنىڭ ئۆتكۈر كۆرۈش قۇۋۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئىنچىكە ھەرىكەتلەرنى سېزەلەيدۇ، يان قىسمىنىڭ مەركىزىي ئويمىنى بولسا ئىنچىكە نۇقتىلارنى سېزەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۈركۈت كۆزىنىڭ مەركىزى ئويماندىكى يورۇقلۇق سەزگۈچى ھۈجەيرىلەر ئادەم كۆزىگە قارىغاندا خېلىلا كۆپ بولۇپ، ھەر كۋادرات مىللىمېتىردا بىر مىليوندىن ئاشىدۇ، ئادەم كۆزىدە بولسا ئاران 150 مىڭغا يېتىدۇ. بۈركۈت كۆرۈش تور پەردىسىنى شەكىللەندۈرگۈچى مۇسكۇلىنى خېلى ياخشى كونترول قىلالايدۇ، شۇڭا ئۇ كۆزگە چۈشىدىغان نۇرنىڭ سانىنى تەڭشىيەلەيدۇ، كۈچلۈك نۇر ئاستىدىمۇ ئۇلار يەنىلا يىراقتىكى ئولجىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ كۆزى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۈركۈت كۆزى ئاجايىپ قوش تەڭشەش رولىغا ئىگە، يەنى كىرپىكسىمان مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشى ئارقىلىق كىرىستالنىڭ شەكلى ۋە كىرىستالنىڭ مۈڭگۈز پەردە بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئۆزگەرتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۈڭگۈز پەردىنىڭ كۆپۈنكىلىكىنى ئۆزگەرتىدۇ، بۇنداق بولغاندا بۈركۈت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يىراقنى كۆرۈشتىن يېقىنقى كۆرۈشكە تەڭشىيەلەيدۇ.
كەپتەر: يۆنىلىشنى پەرق ئېتەلەيدىغان بىر جۈپ قالتىس كۆزى بار
كەپتەر نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا پەرۋاز قىلىپ يولدىن ئېزىپ قالمايدۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ بىر جۈپ ئالاھىدە كۆزى بولۇپ، ھەرقانچە يىراق، ھەرقانچە مۇرەككەپ يۆنىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. كەپتەر كۆزىنىڭ بۇنداق سەزگۈر بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، كەپتەردە نەچچە مىليون نېرۋا تالاسى، كۆرۈش تور پەردىسىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق نېرۋا ھۈجەيرىسى بولۇپ، مۇرەككەپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، مەسىلەن، سۈرەتنىڭ ئاساسىي ئېلېمېنتىنى تەكشۈرۈپ چىقالايدۇ، يۆنىلىشلىك ھەرىكەتنى بايقايدۇ، رەڭنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى باھالايدۇ. كەپتەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە بىز ئىنسانلار كۆرەلمەيدىغان ئالاھىدە نۇر دولقۇنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى كۆرەلەيدۇ. ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئىنسانلارغا زىيانلىق بولغان بىر خىل نۇر دولقۇنى بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆزىگە زىيانلىق، ئەمما كەپتەرنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق كۆرۈش سېزىمى ئۇلارنىڭ يېمەكلىك تېپىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
مۈشۈكياپىلاق: يىراق-يېقىننى كۆرگىلى بولىدىغان كېچىدە كۆرۈش ئاپپاراتى
مۈشۈكياپىلاق كۈندۈزى ياكى دەرەخ كامىرىغا، ياكى شاخ-يوپۇرماقلىرى قويۇق چوڭ دەرەخكە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، مىدىر-سىدىر قىلمايدۇ؛ كەچتە ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ، خۇددى كۈندۈزدەك يۈرەلەيدۇ. ئېتىز چاشقىنى ئېتىزدا يېمەكلىك ئوغرىلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ دەرەخ شېخىدا تۇرۇپ ئېنىق كۆرەلەيدۇ. مۈشۈكياپىلاقنىڭ سەزگۈر ئاڭلاش سېزىمى بولۇپلا قالماي، كۆرۈش سېزىمىمۇ ئىنتايىن ياخشى. مۈشۈكياپىلاقنىڭ كۆزى يۈز قىسمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، دائىم چوڭ ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى مۈشۈكياپىلاقنىڭ ھالقىسىمان مۇسكۇلى كەمچىل بولۇپ، كۆز قارىچۇقىنى تارايتالمايدۇ، ئەمما ئۇ كۆز قارىچۇقىنى چوڭايتالايدىغان رادىياتسىيەلىك مۇسكۇلغا ئىگە. مۈشۈكياپىلاقنىڭ كۆرۈش سېزىمى 110 گىرادۇسقا يېتىدۇ، 70 گىرادۇستا تۇرغاندا ئەڭ سەزگۈر بولىدۇ. ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، مۈشۈكياپىلاق ئالاھىدە كېچىدە كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، بۇ ئىقتىدارىغا ئۇ رەڭلىك كۆرۈش سېزىمىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئېرىشكەن. مۈشۈكياپىلاقنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە كۆرۈش پىرامىدا ھۈجەيرىسى يوق، ھەممىسى تاياقسىمان ھۈجەيرە، كۆرۈش پىرامىدا ھۈجەيرىسى رەڭگارەڭ دۇنيانى ھېس قىلالايدىغان بولۇپ، ئەمما ئۇ بىر قەدەر كۈچلۈك يورۇقلۇققا ئېرىشكەندىلا ئاندىن رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ؛ تاياقسىمان ھۈجەيرە بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ناھايىتى ئاجىز نۇر بولسىلا خىزمەت قىلالايدۇ. مۈشۈكياپىلاقنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدىكى تاياقسىمان ھۈجەيرىلەر باشقا ھايۋانلارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭغا كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ كەينىدىكى نۇر قايتۇرۇش پەردىسىنى قوشقاندا كېچىنى كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ، شۇڭا مۈشۈكياپىلاق 1500 مېتىر يىراقلىقتىكى بىر تال سەرەڭگە چىقارغان ئاجىز يورۇقلۇقنى كۆرەلەيدۇ.
ياچىۋەك: ئاتقان ئوقى زايە كەتمەيدىغان قارىغا ئالغۇچى ياچىۋەك
ياچىۋەك يەنە قىلىچۋاز ياچىۋەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىدىنلا مەنىسىنى بىلگىلى بولىدۇ، ياچىۋەك خۇددى جانبازلىق ماھارىتىنى بىلىدىغان بىر قىلىچۋازغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمى تۈز، ئالدى پۇتى بوشلۇققا سوزۇلغان، تۇرقى سۈرلۈك بولۇپ، خۇددى چوڭ دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ھاشارات پەيدا بولغاندا، ئۇ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ، ئاۋۋال قارىغا ئېلىپ، ئاندىن قىلىچىنى يەنى ئىككى بىلىكىنى تېز سۈرەتتە ھۇجۇمغا ئۆتكۈزۈپ، ئولجىسىنى ھەم تېز، ھەم توغرا كېسەلەيدۇ، بۇ جەريانىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ياچىۋەكنىڭ ئوزۇقلۇق تۇتۇش ماھارىتى ئاساسلىقى ئۇنىڭ كۆزىگە مەنسۇپ. ياچىۋەكنىڭ بىر جۈپ چوڭ مۇرەككەپ كۆزى بار، ھەر بىر مۇرەككەپ كۆزى نەچچە مىڭ كىچىك كۆزدىن تۈزۈلگەن. كىچىك ھاشاراتلار تېز سۈرەتتە ھەرىكەت قىلغاندا، ئۇلارنىڭ سۈرىتى ياچىۋەكنىڭ كۆزىدە تېز سۈرەتتە يۆتكىلىپ، بىر كىچىك كۆزدىن يەنە بىر كىچىك كۆزگە يېتىپ بېرىپ، خۇددى كىنو لېنتىسغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، ياچىۋەك كىچىك ھاشاراتنى ئېنىق كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئۇچۇش سۈرىتى ۋە بۇلۇڭىنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ. ياچىۋەك ئۇچۇۋاتقان ھاشاراتلارنى تۇتقاندا، ھەمىشە كىچىك ھاشاراتلارنىڭ ئالدى تەرىپىنى قارىغا ئالىدۇ. بەش سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، كىچىك ھاشاراتلارنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ياچىۋەكنىڭ كۆزى بىر خىل يۇقىرى سۈرەت ئۆلچىگۈچ ئىكەن. ياچىۋەك ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن ھەمىشە بېشىنى ئايلاندۇرىدۇ، ئۇ خۇددى قورال كۆتۈرۈپ قارىغا ئالغان جەڭچىگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ياچىۋەك ئوۋ ئوۋلىغاندا ئوۋنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنى بىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ ئوۋ بىلەن بولغان ئارىلىقىنى بىلىشى كېرەك، ئارىلىقنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئورتاق تاماملىشى كېرەك، بىر كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمى سىگنالىغا تايىنىپ توغرا ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. پەقەت ئارىلىقنى توغرا ھېسابلىغاندىلا ياچىۋەك ئاندىن ئولجىغا ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ.
شالدىراق قۇيرۇق يىلان: ئىسسىقلىقتىن تەسۋىر ھاسىل قىلىدۇ
ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى چوڭ قۇملۇقتا بىر خىل زەھەرلىك شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان ياشايدۇ. ئۇنىڭ كۆزى چېكىنىپ، قارىغۇ بولۇپ قالاي دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چاشقان تۇتۇش ماھىرى، تۇتقان چاغدىكى ھەرىكىتى شۇنداق سەزگۈر ۋە توغرا. بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئامېرىكا ئالىملىرى شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلاننىڭ كۆزىنى كۆپ قېتىم ئاناتومىيەلىك تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلاننىڭ كۆزىنىڭ ئالدى ئاستىدا ئويمان ھالەتتىكى كىچىك ئۇۋا بارلىقىنى، ئىچىدە ئىنفىرا قىزىل نۇرغا ئىنتايىن سەزگۈر ئىسسىقلىقنى چارلىغۇچى بارلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭ بۇ سىرلىق قۇرۇلمىسى بىر كىچىك پارچە نېپىز پەردە بولۇپ، قېلىنلىقى 10 ~ 15 مىكرومېتىر (1000 مىكرومېتىر بىر مىللىمېتىرغا تەڭ) دىن ئاشمىسىمۇ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 0.01 مىللىمېتىر بولغان ئىنفىرا قىزىل نۇرنى قوبۇل قىلالايدۇ. ئىسسىق جىسىمنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇرى چارلىغۇچىغا چۈشكەندە، ئۇچۇر تارقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان ئىسسىق جىسىمنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنى بىلىۋالىدۇ. گەرچە كېچىدە ئۆمىلىگۈچى قۇرت، چاشقان، كىچىك ھايۋانلار ئۇخلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يەنىلا بەدەن تېمپېراتۇرىسى بار بولۇپ، يەنىلا توختىماي ئىنفىرا قىزىل نۇر چىقىرىدۇ. شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان ئۆزىنىڭ ئاجايىپ چارلىغۇچسىغا تايىنىپ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سېزەلەيدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى توغرا تۇتالايدۇ.
پاقا: قىلنى قىرىق يارىدىغان چارلىغۇچى
پاقا چۆپلۈكتە جىمجىت زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ بىر جۈپ چوڭ كۆزى ئالدى تەرەپكە تىكىلىپ تۇرىدۇ. پاقىنىڭ ئولتۇرۇش ماھارىتى نام چىقارغان بولۇپ، قارىماققا كۆزىنى يۇمۇپ نېرۋىسىنى ئارام ئالدۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ھاشاراتلار ئۇچۇپ ئۆتسە، ئەپچىللىك بىلەن يۇقىرىغا سەكرەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تىلىنى چىقىرىپ ھاشاراتلارنى ئاغزىغا سالىدۇ. پاقا قۇرت تۇتۇش ماھىرى بولۇشقا مۇناسىپ. ئۇنداقتا، ئۇ تۇتۇپ يېيىش ماھارىتىنى قانداق يېتىلدۈرگەن؟ ئەگەر پاقىنىڭ كۆزىنى يېرىپ كۆرىدىغان بولساق، پاقىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ كۆرۈش تور پەردىسى-ئۈچ قەۋەت، ھەرقايسىسى ئايرىم-ئايرىم نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى، سىرتقى قەۋىتىنىڭ نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرە قەۋىتى ئىكەنلىكىنى، 500 مىڭ ھۈجەيرىدىن تەركىبىدە تاپقانلىقىنى بايقايمىز؛ ئوتتۇرا قەۋىتى قوش قۇتۇپلۇق ھۈجەيرە قەۋىتى بولۇپ، تەخمىنەن ئۈچ مىليون ھۈجەيرىگە ئىگە؛ ئىچكى قەۋىتى سەزگۈچى ھۈجەيرە قەۋىتى بولۇپ، تەخمىنەن بىر مىليون ھۈجەيرىگە ئىگە. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پاقىنىڭ كۆزى ھەقىقەتەن بىر رازۋېدكا ئەسۋابى ئىكەن، پاقا كۆزىنىڭ نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، جەمئىي تۆت خىل بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدىكەن: ئەڭ كىچىك ھۈجەيرە گىرۋەك رازۋېدكا ئەسۋابى دەپ ئاتىلىدىكەن، پەقەت ئەتراپتىكى مۇھىتقا قارىغاندا بىر قەدەر يورۇق ياكى بىر قەدەر قاراڭغۇ جىسىمنىڭ گىرۋىكىنى ھېس قىلالايدىكەن، مەسىلەن دەرەخ غولى، ئاسمان ۋە كۆل قىرغىقى قاتارلىقلارنىڭ ئىزناسى؛ چوڭراق ھۈجەيرىلەر ھاشارات رازۋېدچىكلىرى دەپ ئاتىلىپ، پەقەت ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۇچىدا ياشايدىغان ھاشاراتلارغىلا قارىتىلغان ياكى يۆتكىلىۋاتقان، ئەگمە گىرۋەكلىك ھاشاراتلەرگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى خىل ھۈجەيرە ھادىسە رازۋېدچىكسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يورۇقلۇقنىڭ ئۆزگىرىشى، نۇرنىڭ يۆتكىلىشى، يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئېتىلىشى قاتارلىقلارغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرقى بىر خىل ھۈجەيرە يورۇقلۇق كۈچى ئاجىزلاتقۇچى رېتسېپتور دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ ھەجىمى ئەڭ چوڭ، سانى ئەڭ ئاز بولۇپ، يورۇقلۇق ئاجىزلىغاندا كۆلەڭگە قىسمىنى سېزەلەيدۇ. پاقا تۇرغۇن جىسىملارنى كۆرمەسكە سالىدۇ، ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھاشاراتلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە كۆزىتىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت خىل نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسى ئۇزۇن تارماق لىنىيە ئارقىلىق نۇرغۇن قوش قۇتۇپلۇق ھۈجەيرىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، غايەت زور بىر تورنى شەكىللەندۈرۈپ، ھۈجەيرىدىن كەلگەن سىگنالنى كەڭ دائىرىدە يىغىپ، پاقىنى دەرھال مۇناسىپ ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا ھاشاراتلار پاقىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە كىرگەن ھامان، پاقا دەرھال ھاشاراتلارغا ئېتىلىدۇ. پاقا دەل مۇشۇ رازۋېدكا ئەسۋابى كۆزى بولغاچقىلا، ھاشارات تۇتۇش ماھىرى دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment