ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئادەم تەپەككۇرىنى يىشىپ چىقتىمۇ ؟
يېقىندا، ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى تەرجىمە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ ،ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەخسۇس كومپيۇتېر پىروگراممىسىدىن پايدىلىنىپ ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە سىگنالىنى يەشكىلى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار تۇتقاقلىق كېسىلى بار بىمارنىڭ چېكە ياپراقچىسىنى ئېلېكتىر قۇتۇپى تەرتىپىگە كۆچۈرۈش ئارقىلىق، چوڭ مېڭىدە تونۇش ھاسىل قىلىش سۈرئىتىگە يېقىنلىشىپ، ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما سىگنالىنى يېشىپ، ئالاھىدە ۋاقىتتىكى كۆرۈش سېزىمىنىڭ تەسۋىرنى غىدىقلىشىغا توغرا ھۆكۈم قىلغان.
تەجرىبىدە، تەتقىقاتچىلار تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارغا كومپيۇتېر ئېكرانىنى كۆرسۈتۈپ، ئېكراندا ئىختىيارىي سۈرەت پەيدا قىلغان بولۇپ ، ھەر بىر پارچە سۈرەت 400 مىللىسېكۇنت كۆرسىتىلگەن.تەجرىبە نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالىملار تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلار كۆرگەن سۈرەتلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھۆكۈم قىلغان بولۇپ ، توغرىلىق نىسبىتى 96% كە يېتىدىكەن.
بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاپتورى مۇنداق دېدى: بۇ تەجرىبە بىر بۆسۈش خاراكتېرلىك زور نەتىجە بولۇپ قالىدۇ ، چۈنكى ئادەمنىڭ ئويىنى پروگرامما ئارقىلىق ئوقۇپ چىققىلى بولىدىغان بولدى، بۇ تېخنىكا ئارقىلىق تېببىي ئالىملارنىڭ پالەچ بىمارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment