Search This Blog

Tuesday, October 15, 2019

نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى ساھىبى، 97ياشلىق بوۋاينىڭ قالتىس ھېكايىسى

نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى ساھىبى، 97ياشلىق بوۋاينىڭ قالتىس ھېكايىسى

  ھەممىمىزگە ئايان، 2019-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى جون گۇدىناف (John Goodenough، سول)، سىتانلېي ۋىتىڭخام (Stanley Whittingham، ئوتتۇرا) ۋە ئاكىرا يوشىنو (Akira Yoshino، ئوڭ)غا بېرىلدى. 
 بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدىكى 97ياشلىق بوۋاي جون گۇدىنافنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى ئوقۇپ قالدىم. شۇڭا بۈگۈن شۇنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېنى ئۇنداقتا بۇ بوۋاينىڭ سەرگۈزەشتىسىنى بىرلىكتە كۆرۈپ ئۆتەيلى.


  بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشى تارىختىكى يېشى ئەڭ چوڭ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن ھەم دېرەك بېرىدۇ، بۇ دەل 97 ياشقا كىرگەن ئامېرىكىلىق ئالىم جون گۇدىناف

 بۇ قېتىم گۇدىنافنىڭ نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئەلۋەتتە كۆپچىلىكنىڭمۇ ئارزۇسى، ئاللىبۇرۇن 97 ياشقا كىرگەن بۇ بوۋاي يەنىلا تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلماقتا....
  
بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىكى سەۋەب بولسا ئۇلارنىڭ لىتىيلىق باتارىيەگە قوشقان  چوڭ تۆھپىسى 
شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بۇ بوۋاينىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھاياتى، ھەمدە ئۇنىڭ لىتىيلىق باتارېينى سودا خاراكتېرلىق ئىشلىتىش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ باقماقچى.


1922-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، گۇدىناف گېرمانىيەنىڭ يېنادا تۇغۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر : دادىسى خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن يالى ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ، ئاكىسى بولسا پېنسىلۋانىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئىنسانشۇناسى.

مۇشۇنداق ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان تەقدىردىمۇ، گۇدىنافنىڭ ئالىم بولۇش يولى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا تۇغما ئوقۇش-يېزىش قىيىن بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. 

  شۇنداق بولسىمۇ، گۇدىناف تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يالې ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتىدۇ.

 1930-يىلى يالېنىڭ مەكتەپ ئىچى

يالېدا ئوقۇۋاتقان كۈنلەردە، گۇدىناف بىر ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاساسىي ساپاسىنى نامايان قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئەڭ دەسلەپتە كىلاسسىك ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، كېيىن پەلسەپە فاكولتىتىغا يۆتكەلگەن، نەتىجىدە ئىشلار تازا دېگەندەك بولمىغان، بىر سائەتلىك ماتېماتىكا دەرسىدە، گۇدىنافنىڭ پروففىسورى ئۇنىڭ تالانتىنى بايقاپ قالغان ھەمدە گۇدىنافنى ماتېماتىكا فاكولتېتىدا ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان.

1943-يىلى گۇدىناف سىنىپىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىگە تايىنىپ، يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت قىيىنچىلىقى ئالدىدا، گۇدىناف ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تاللىماستىن، بەلكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە قوشۇلۇپ، تىنچ ئوكياندىكى بىر كىچىك ئارالدا ھاۋا رايى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.


ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدە، گۇدىناف بىكار تۇرماي، Whitehead يازغان «ئىلىم-پەن ۋە ھازىرقى زامان دۇنياسى»نى ئوقۇشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇدىناف فىزىكىنىڭ بىر قەدەر قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. 

ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ۋاقتىدا، گۇدىناف 30 ياشقا كىردۇ.  بىراق ئۇنىڭ قەلبىدىكى فىزىكا ئۆگىنىش ئۇرۇقى ئاللىبۇرۇن كۆمۈلۈپ بولغانىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەلاچى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ فىزىكا كەسپىدە ئوقۇماقچى بولىدۇ. گەرچە ئۇنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئەمەلدارى گۇدىنافنىڭ 30 ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ يەنە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگىلى كەلگەنلىكىنى  مەسخىرە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېتەكچىسى، فىزىكا ئالىمى زىنىر بۇ چوڭ ياشلىق ئوقۇغۇچىدىن بىزار بولمايدۇ، كۆپچىلىك بەلكىم بۇ زىنىر ئەپەندىنىڭ ئوخشاشلا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.


فىزىكا ئالىمى زېنېر

ئەمەلىيەت زېنېرنىڭ كۆزى خېلى مال تونۇيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، گۇدىنافنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى ئەلا بولغاچقا، ماگىستىرلىقنى ئوقۇپ بولۇپ بىۋاستە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

گۇدىناف فىزىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بۇ مەزگىلدە، ئۇ تۇنجى قېتىم لىتىي ئىيونىنىڭ قاتتىق ھالەتتىكى يۆتكىلىش ئەھۋالى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ لىتىيلىق باتارېيەنى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن بىر ئاساس سېلىپ بېرىدۇ.

1976-يىلى گۇدىناف 54 ياشقا كىرگەندە، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ ھەمدە ئانئورگانىك خىمىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولىدۇ. شۇ يىلى، گۇدىناف بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خىمىيە ئالىمى ستانلى ۋىتىڭخام، نېفىت ماگناتى ئاكسون شىركىتىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلىدە لىتىيلىق باتارىيەنى كەشىپ قىلىدۇ ھەمدە دۇنيادىكى تۇنجى مۇناسىۋەتلىك پاتېنتقا ئىلتىماس قىلىدۇ... بىراق ئۇ چاغدىكى لىتىيلىق باتارىيە تېخى ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.


ئەڭ بۇرۇنقى لىتىيلىق باتارېيەنىڭ مۇسبەت قۇتۇپىغا تىتان سۇلفىد (TiS2) ئىشلىتىلگەن، لېكىن تىتاننىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن تۇراقسىز. باتارىيەگە توك قاچىلاش جەريانىدا سەللا كاشىلا كۆرۈلسە پارتلاپ كېتىشى مۇمكىن، ھەم بەك چىداملىق ئەمەس، ئىچكى ماتېرىيال ئاسانلا ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

زادى قاچان پارتىلايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان بومبىنىڭ ئۆزى دېيىشكە بولىدۇ.


مەھسۇلاتنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرپ سودا خاراكتېرلىك ئىشلىتىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

شۇ چاغدا ئانئورگانىك خىمىيە تەجرىبىخانىسىدا تەتقىقات قىلىدىغان گۇدىنافنىڭ قارىشىچە، ئەگەر لىتىيلىق باتارېيەنىڭ مۇسبەت قۇتۇپ ماتېرىيالى تېخىمۇ مۇقىم بولغان بىر خىل ماددىنىڭ ئورنىنى ئالالىسا، لىتىيلىق باتارېيەنى چوقۇم ئومۇملاشتۇرغىلى بولاتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەزىرىنى مېتال ئوكسىدلارغا قارىتىپ، تۆت يىل تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، گۇدىناف ئاخىر مېتال كوبالتنى مۇسبەت قۇتۇپ ماتېرىيالى قىلىشنى بېكىتىدۇ.

شۇ يىلى سونى شىركىتىنىڭ تەتقىقات بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىم ئاكىرا يوشىنو لىتىيلىق باتارېيەنىڭ مەنپىي قۇتۇپ ماتېرىيالىنىڭ ئورنىغا گرافىت ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. 


خۇددى بۇ تەقدىرگە پۈتۈلگەندەك: ۋىتىڭخام لىتىي باتارىيەسىنىڭ دەسلەپكى شەكلىنى كەشىپ قىلىدۇ، يوشىنو لىتىي باتارىيەسىنىڭ ئەڭ ياخشى مەنپىي قۇتۇپ ماتېرىيالىنى تاپىدۇ، گۇدىناف بولسا ئەڭ ياخشى مۇسبەت قۇتۇپ ماتېرىيالىنى تاپىدۇ.

  شۇ سەۋەب بىلەن بۇ ئۈچەيلەن بۇ يىل نوببل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئبرىشتى.

كۆپچىلىك بىرلىشىپ، لىتىي كوبالانات بىلەن گرافىتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىغا تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان خىمىيىۋى رېئاكسىيەسىنى ھاسىل قىلىپ. قايتا-قايتا زەرەتلىنىدىغان، ھەمدە نىسبەتەن مۇقىم بولغان لىتىي كوبالت كىسلاتالىق باتارېيەنى ئىجاد قىلىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ باتارىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتى بۇنىڭ بىلەن مۇھىم بىر قەدەمنى بېسىپ، لىتىيلىق باتارېيەنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىنى ھەل بولىدۇ.

لىتىي كېسلاتا كرىستالىنىڭ قۇرۇلمىسى

بىراق لىتىي كوبالتلىق باتارىيەسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى، ئۇنىڭدىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەندە كەمچىلىكلىرى ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىدۇ، كوبالىت قىممەت باھالىق مېتال بولۇپ، ئايلىنىشچانلىقى ناچار، تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ئېغىر دەرىجىدە مۇھىتبۇلغايدۇ، بۇ مەسىلە لىتىيلىق باتارىيە بازىرىنى ئىزچىل ئاۋارە قىلىدۇ.

1997-يىلىغا كەلگەندە گۇدىناف 75 ياشقا كىرىدۇ.

بىراق ئۇنىڭ باتارىيە تەتقىقاتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇ تېخىمۇ ئەرزان مۇسبەت قۇتۇپ ماتېرىيالىنى تاپماقچى بولۇپ، ئېلمىنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، كۆپلىگەن تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، گۇدىناف ناھايىتى مۇقىم بولغان كىرىستال قۇرۇلما زەيتۇن تاش قۇرۇلمىسىنى بايقايدۇ.

تۆمۈر فوسفات  لىتىي كىرىستال قۇرۇلمىسى
  
بىر خىل تېخىمۇ ئەرزان باھالىق مۇسبەت قۇتۇپ ماتېرىيالى --- تۆمۈر فوسفات لىتىي  بايقىلىدۇ، زەيتۇن تاش قۇرۇلمىلىق تۆمۈر فوسفات لىتىي باتارىيەسى تەننەرخى تۆۋەن، زەرەتلىنىپ زەرەت قويۇپ بېرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئۇزۇن، ئىسسىقلىق مۇقىملىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتى لىتىيلىق باتارىيەنىڭ تەرەققىياتىنى زور بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، لىتىيلىق باتارىيەنىڭ باھا مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

پەن تەتقىقات يولىنىڭ چېكى بولمايدۇ، يېڭى ماتېرىياللارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، مەسىلىلەرمۇ ئىزچىل يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.  تۆمۈر فوسفات لىتىيلىق باتارېيەنى ئىشلىتىش جەريانىدا، قىسمەن لىتىي ئاتومى ئېلېكترود يۈزىگە چۆكۈپ، شاخسىمان كرىستال (قاتتىق ئېرىتمىلىك كرىستال دانچىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىمىيىلىك تەركىبلەرنىڭ تەكشى بولماسلىق ھادىسىسى)نى شەكىللەندۈرۈپ، باتارېيەنىڭ قىسقا تۇتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


شۇڭا، شاخسىمان كىرىستال مەسىلىسى ئەزەلدىن تۈپتىن ھەل بولۇپ باقمىغان، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت.

ھەمدە لىتىي ئىئونلۇق باتارېيەدە ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكترولىت  بىر خىل ئورگانىك ئارىلاشما سۇيۇق جىسىم بولۇپ، ئاسان ئوت ئالىدۇ، ئاسان ئوت ئالىدۇ، بۇمۇ ئايروپىلاننىڭ لىتىي ئىئونلۇق باتارېيە توشۇشنى مەنئى قىلىشتىكى مۇھىم سەۋەب.

گۇدىناف تەتقىقاتىنى يەنە بىر قېتىم باشلىدى، ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە باتارىيەنى ئەڭ ياخشى قىلماقچى بولدى، خۇددى ئۇنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش(ئىسمىنى ئۇدۇل تەرجىمە قىلساق يېتەرلىك ياخشى دېگەن مەنىدە).  باتارىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، 90 ياشلىق گۇدىناف پۈتۈن قاتتىق ھالەتتىكى باتارىيەنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى.

  تۆت يىلدىن كېيىن گۇدىناف پۈتۈن قاتتىق ھالەتتىكى باتارىيەنى ئەسلىدىكى سۇيۇق ھالەتتىكى ئورگانىك ئېلېكترولىتنى پۈتۈنلەي يېڭى بىر خىل قاتتىق ھالەتتىكى ئېلېكترولىتقا ئالماشتۇردى. قاتتىق ھالەتتىكى ئېلېكترولىت ئەسلىدىكى توك ساقلاش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە كىرىستال مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ ئەرزان.

گۇدىناف 30 يېشىدا رەسمىي كەسىپكە كىرگەن 67 يىل مابەينىدە، لىتىيلىق باتارېيەگە ئۈچ قېتىم زور ئىنقىلاب ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇنى لىتىيلىق باتارىيە ئاتىسى دېسە ئازراق بولسىمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى شۇ يىلى تەجرىبىخانىنىڭ سىرتىغا ۋېۋىسكا ئېسىپ، كالىي كوبالاتنىڭ بايقىلىشىنى خاتىرىلىگەن ھەم گۇدىنافنىڭ ئىسمىنى 1-ئورۇنغا قويىدۇ.

 ئەرزان باھالىق لىتىي باتارېيەسى بولغاندىلا، تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون، خاتىرە كومپيۇتېرلارنى ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ.

 ھازىر 97 ياشلىق گۇدىناف نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئۇتۇق قازاندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرسلىكىدە ئۇنىڭ ئىسمى بار بولىدۇ.

لېكىن بۇلتۇرقى بىر قېتىملىق زىيارەت داۋامىدا گۇدىناف مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئاپتوموبىل مەسىلىسىنى ھەل قىلغۇم بار. مەن ماشىنىدىن چىققان قالدۇق گازنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن يوقاتماقچى. مەن ئۆلۈشتىن بۇرۇن بۇ كۈننى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن بۇ يىل 96 ياشقا كىردىم، مېنىڭ يەنە ۋاقتىم بار. »

تۇلپار قېرىسىمۇ تۇيىقى سوۋۇمايدۇ دەپ، باتارېيە يولىدا، گۇدىناف ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق بىزگە: ياخشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، ماڭا كېرىكى يېتەرلىك ياخشى!

 كىچىك چېغىدا ئانچە كۆزگە ئىلىنمىغىنىدىن تارتىپ يالې ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتۈشىچە، دەسلەپتە ئەدەبىيات ئوقۇپ كېيىن پەلسەپە ئۆگىنىپ، ماتېماتىكىدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىشىدىن، فىزىكا دوكتورى بولۇپ، ئاخىرىدا نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگىچە، ھەقىقەتەن، ئۇنىڭ ھاياتى بىر رىۋايەتكە ئايلانغان.

  ئاخىرىدا گۇدىنافنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داڭلىق ئۈچ نەپەر خىمىيە ئالىمى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز.  ئۇلار باتارىيە تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلمىغان بولسا، ھازىرقىدەك مول پەن-تېخنىكا تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى.  

bilimdan    #bilimzar# 

No comments:

Post a Comment