Search This Blog

Sunday, October 6, 2019

كۋانت كومپىيوتېرى كىشىنى چۆچىتىدىغان ئىشلارنى پەيدا قىلىدۇ


ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇسۇسىي كارخانا بولغان گۇگول تۇنجى بولۇپ كۋانت ھېسابلاش ساھەسىدە زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
ئالدىنقى ھەپتە گۇگول توردا بىر پارچە ئەڭ يېڭى تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئەنئەنىۋى دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسى ئارقىلىق 1000 يىل سەرپ قىلىپ تاماملانغان ھېسابلاشنى بۇ شىركەت پەقەت ئۈچ مىنۇتتىلا ئەمەلگە ئاشۇرغان.



كۆرۈنمە چاستوتىدىكى كەسمە رەسىم: بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى مۆلچەر تونۇشتۇرۇش.

ماقالىدە بىلدۈرىشىچە، بۇ قېتىمقى تەجرىبە پەقەت كۋانتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچتا ئىجرا قىلىنىدىغان تۇنجى قېتىملىق ھېسابلاشتىن دېرەك بېرىدىكەن.ئىگىلىنىشىچە، گۇگول ئىزچىل كۋانتلىق ھېسابلاش ساھەسىدە 
IBM
 ۋە مىكروسوفت قاتارلىق ماگناتلار بىلەن رىقابەتلىشىپ كەلگەن ھەمدە 2018ـ يىلى 3ـ ئايدا تۇنجى نۇسخىدىكى 72 كۋانت بىتلىق ھېسابلاش ئۆزىكى  
Bristlecone
 نى بازارغا سالغان، لېكىن نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى تەجرىبىنىڭ مۇشۇ ئۆزەك ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان ـ ئاشمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.
كەسىپداشلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: كۋانت كومپيۇتېرىنىڭ بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئەنئەنىۋى كومپيۇتېردا نەچچە مىڭ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان مۇرەككەپ ھېسابلاشنى ھېسابلاپ بولۇشىدا ئۈمىد بار، ھەتتا بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە «ئاقسىل قاتلىنىشى» قاتارلىق مۇرەككەپ ھېسابلاشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش لايىھەسىنى تاپقىلى بولىدۇ.
ئەمما كۋانتلىق ھېسابلاشنىڭ يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئۇ بولسىمۇ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى شىفىرلاشتۇرۇش لايىھەلىرى موشۇ سەۋەبلىك كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۆسۈپ تاشلىنىشى مۇمكىن ، بۇ ھەرقايسى كەسىپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە كۆرۈشتىكى كەسكىن سىناق ھېسابلىنىدۇ 

#bilimdan   #bilimzar 

No comments:

Post a Comment