خارۋادتىن بەخت ھەققىدە 20 تەكلىپ
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بەختكە ئېرىشىش ، تۆۋەندىكى 20 تۈرلۈك ئادەتنى يېتىلدۈرەلىشىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . گەرچە بۇلار ئاڭلىماققا ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا يىتىش ئاسان ئەمەس ، ئەگەر ھازىرلىيالىسىڭىز بەخىت كۆرسەتكۈچىڭىز تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ .
ئۇنداقتا قاراپ بېقىڭ، تۆۋەندىكىلەردىن قايسىلىرىنى يېتىلدۈرسىڭىز بولغۇدەك ؟
قەدەملىرىڭىزنى ئاستىلىتىڭ، ئەتراپقا نەزەر سېلىڭ. تۇرمۇشىڭىزدىكى ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ: پىيادىلەر يولىدىكى سۆسۈن رەڭلىك گۈللەر، گۈزەل شەپەق نۇرى، سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىڭىزنى يۇيۇپ ئېلىپ كەتكەن ئىسسىق مۇنچا، ھەمراھىڭىزنىڭ كۆزلىرىدىكى تەبەسسۇم...
سىزدە دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنالايدىغان، مۆجىزىلەرنى ھېس قىلالايدىغان، گۈزەل تىلەكلەرنى قوبۇل قىلالايدىغان بىر مىننەتدار قەلب شەكىللەنگەندە، سىز تولۇق بەخت تۇيغۇسىغا چۈمكىنىسىز.
خارۋاردنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، كىشىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم تاشقى ئامىل دەل كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىكەن. شۇڭا سىزنىڭ خۇشال ئۆتكىڭىز بولسا ئۈمىدۋار، سىزنى ئەسلىڭىز بىلەن قوبۇل قىلىدىغان، ھاياتىڭىزنى موللاشتۇرىدىغان، تۇرمۇشىڭىزغا قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارنى قوشالايدىغان كىشىلەرنى تاللاپ دوستلىشىڭ.
بىز بىراۋنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنى قويۇپ، ئىشلارنى ئۇلارنىڭ نۇقتىسىدىن چۈشىنىپ باققاندىلا مەسىلىگە ھېسداشلىق تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلالىشىمىز مۇمكىن. سۇبيېكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك مۇئامىلە تۇرمۇشىڭىزغا تېخىمۇ كۆپرەك خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۆگىنىش بىزنى ياشارتىدۇ. غايە بىزنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. بىز كاللىمىزنى ئاكتىپ خىزمەت ھالىتىدە تۇتقاندا ناخۇش تۇيغۇلارغا چۆكۈپ قېلىشتىن ساقلىنالايمىز. تەبىئىيلا، خۇشالىق ۋە رازىمەنلىك كۆپىيىدۇ.
خۇشال كىشىلەر مەسىلە ھەل قىلغۇچىلاردۇر. تۇرمۇشتا خىرسقا دۇچ كەلگەندە ئۇلار ئۆزىنى خورلىمايدۇ، چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ئۇلار مەسىلىگە يۈزلىنىدۇ ۋە پۈتۈن رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېشىم ئىزدەيدۇ. مەسىلە ھەل قىلغۇچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ، ياشاش ئىقتىدارىڭىز كۈچىيىدۇ.

چۈشكۈنلۈكتە قالغىنىڭىز ئۆتمۈشىڭىزدە ياشىاۋاتقانلىقىڭىزدىندۇر. غەم-ئەندىشىدە قالغىنىڭىز كەلگۈسىڭىزدە ياشاۋاتقانلىقىڭىزدىندۇر. خاتىرجەم ھەم خۇشال ھالىتىڭىزلا سىزنىڭ ھازىردا ياشاۋاتقىنىڭىزنىڭ ئىپادىسىدۇر.
كۈلۈش چۈشكۈنلۈك ۋە غەزەپكە قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى قورالدۇر. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىز بۇرجىكىنى كۆتۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت ئاددىي ھەرىكەتمۇ بەخت تۇيغۇسىنى قوزغىتىش رولىنى ئوينىيالايدىكەن. تۇرمۇشنى ئارتۇقچە سۈرلۈكلەشتۈرىۋالماڭ.
ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ-نەپرەت ئۆز-ئۆزىگە بېرىلگەن جازادۇر. بىراۋنى ئەپۇ قىلغىنىڭىز ئۆزىڭىزگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكىنىڭىز بولىدۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئۆزىڭىزنى كەچۈرۈشنى ئۆگىنىڭ. ھەممىمىز خاتالىق ئۆتكۈزىمىز. خاتالىق سادىر قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىمىز، پىشىپ يېتىلىمىز، چوڭ بولىمىز.
ھاياتىڭىزدىكى گۈزەل تىلەكلەرگە مىننەتدار بولۇڭ. ھاياتىڭىزغا كىچىك ياكى چوڭ ياخشىلىنىشلارنى ئېلىپ كەلگۈچىلەرگە مىننەتدار بولۇڭ. ئەڭ مۇھىمى، مىننەتدارلىقىڭىزنى ئوچۇق ئىپادىلەڭ.
بىراۋ بىلەن چوڭقۇر ئالاقە باغلاش بەخت تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئالاقە جەريانىدا ياخشى ئاڭلىغۇچى بولۇش ۋە شۇنىڭغا چوڭقۇر چۆكۈش بەخت تۇيغۇسىنى ئۆزى ۋە بىراۋغا تارقىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تاكتىكىدۇر.
بىزنىڭ غۇرۇرىمىز ئۆزىمىز بىلەن بولغان كېلىشىمنىڭ كۈچىدىن كېلىدۇ. كۈچلۈك غۇرۇر يۇقىرى بەخت تۇيغۇسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. شۇڭا، ئۆزىڭىز ۋە بىراۋغا بەرگەن ۋەدىڭىزگە چوقۇم ئەمەل قىلىڭ.
خارۋاردنىڭ تەتقىتاتىغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن سەككىز قېتىم چوڭقۇر ئويلاش مەشقىگە قاتنىشىپ باققانلار كونترول گۇرۇپىسىدىكىلەردىن 20%كۆپرەك بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە ئىكەن. بۇ خىل مەشىق چوڭ مېڭىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەتەلەيدىكەن، بۇ ئۆگىنىش ۋە ئەستە تۇتۇشقا نىسبەتەن بەك مۇھىم بولۇپ، ئۆزلۈك ئېڭى، ھېسداشلىق ۋە خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
سىز پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا كىرىشكىنىڭىزدە، شاد-خۇراملىق ھالىتىدە كىرىدىكەنسىز. بۇ خىل ھالەتكە ئۆتكەن ۋاقىتتا، بىراۋنىڭ سىزنى نېمە دەپ ئويلاپ قېلىشى ۋە باشقا نامۇھىم ئىشلارغا زېھنىڭىز چېچىلمايدىكەن. نەتىجىدە، تەبىئىيكى خۇشاللىق كۆپ بولىدۇ-دە!
خۇشال كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئىستاكان دائىملا يېرىم تولغان بولىدۇ. يەنى يېڭى مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە دائىم يامىنىغا تارتىپ ئويلايدىغانلار ئۆزىنى توغۇرلاشقا ئىمكان قالدۇرىدۇ. ئۆز-ئۆزىگە ياخشى نەتىجىنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ بارلىقىنى، يامانلىقلاردىنمۇ ساۋاق ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۈمىدۋارلىق بەخت يارىتىدۇ.
مۇكەممەل ئىنسان يوق. ئۆزىڭىزنى شۇنداقلا باشقىلارنى مۇكەممەلسىزلىكى بىلەن قوشۇپ قوبۇل قىلىڭ. بىراۋنى شەرتسىز سۆيۈش ھەرگىز بارلىق ۋاقتىنى ئۇنىڭغا بېغىشلاش ياكى ئۇنىڭ بارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش دېگەنلىك ئەمەس. شەرتسىز سۆيمەك، ئۇنى ئۆز ئەسلى بىلەن قوبۇل قىلماق ۋە ئۇنىڭ قەدەملىرىگە ھۆرمەت قىلماقتۇر.
ئەمەلگە ئاشمىغان لايىھە ۋە قايتىلانغان مەغلۇبىيەتنىڭ غۇرۇرىڭىزنى دەپسەندە قىلىشى ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋال. ئەگەر سىز بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتسىڭىز چوقۇم تاماملاڭ. مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن بەل قويۇۋەتمەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يېڭىلىپ قېلىش ۋاقىتلىق ئەمما ۋاز كېچىش مەڭگۈلۈكتۇر. ۋاز كەچكەن ۋاقتىڭىز ئۈزۈل كېسىل مەغلۇپ بولغان ۋاقتىڭىزدۇر.
ھەممە ئادەم چەكلىمىلىككە ئىگە. بەزىدە ئەڭ زور چەكتە تىرىشساقمۇ ئويلىغىنىمىزدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قالىمىز. ئۆزىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇڭ ۋە ئىشلارنى ئۆز يولىغا قويۇۋېتىڭ. بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشقانىكەنسىز، ئەپسۇسلانغۇدەك ھېچيېرى يوق.
بىر ساغلام بەدەن بەختنىڭ ئاچقۇچى. ئەگەر سالامەتلىكىڭىز بولالمىسا تىرىشىپمۇ خۇشاللىق ھېس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا تامىقىڭىزنى ئوبدان يەپ، چېنىقىپ تۇرۇڭ. ۋاقىت چىقىرىپ ئارام ئېلىڭ. بەدىنىڭىزنىڭ، كاللىڭىزنىڭ ۋە روھىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭ.
ياخشىلىق قىلىش خۇشاللىق ھېس قىلىشنىڭ ئەڭ كاپالەتلىك ئۇسۇللىرىدىن بىرى. تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلەر ياخشى ئىش قىلغاندا مېڭىسى جانلىنىپ كېتىدىكەن. بۇ دەل مۇكاپاتلانغاندىكى ھالەتكە ئوخشايدۇ. شۇڭا بىراۋغا كۆڭۈل بۆلۈش ئانچە ئېرەنشىمىگەنگە قارىغاندا كۆپ خۇشاللىنارلىق بولىدىكەن.
ھاياتتا دائىم بەخت ھېس قىپ تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئاڭلىق تىرىشچانلىق بولۇشى كېرەك.
bilimdan #bilimzar#
#بىلمدان #بىلىمزار
No comments:
Post a Comment