Search This Blog

Saturday, October 12, 2019

تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟

تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟


تارتىش كۈچى بولسا تەبئىيەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ئاساسىي كۈچنىڭ بىرى. ئىنسانلارنىڭ يەرشارى يۈزىدە تۇرالىشى پۈتۈنلەي يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ مەھكەم تارتىشى سەۋەبدىن بولغان. ئىنسانلارنىڭ تارتىش كۈچىگە بولغان تۇنجى سىسىتىمىلىق تونۇشى نىيۇتون دەۋرىدىكى تارتىش كۈچى قانۇنىتىيىدىن باشلانغان. شۇ دەۋردىن باشلاپ كىشىلەر جىسىملارنىڭ ماسسىسى قانچە چوڭ بولسا، پەيدا قىلىدىغان تارتىش كۈچىنىڭ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدى. نىيۇتون گەرچە ئالەملىك تارتىش كۈچىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تارتىش كۈچىنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلەلىمىگەن ئىدى.

1915-يىلى ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئېلان قىلدى. كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدە ئېينىشتىيىن تارتىش كۈچىنى ماسسىنىڭ ۋاقىت-بوشلۇق (ماكان-زامان)نى ئىگىلدۈرگەندىكى گېئومېتىرىيەلىك ھادىسىسى دەپ تەسۋىرلدى. ئېينىشتىيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەلگىلىك ماسسىغا ئىگە جىسىملار ئەتراپتىكى ۋاقىت-بوشلۇقتا ئەگرىلىك پەيدا قىلىدۇ، جىسىمنىڭ ماسسىسى قانچە چوڭ بولسا، پەيدا بولىدىغان ۋاقىت-بوشلۇق ئەگرىلىكى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. يۇلتۇزلار نۇرى چوڭ ماسسىلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندىمۇ، نۇرنىڭ تارقىلىش يولىدا ئېغىش يۈز بېرىدۇ. يەنى ۋاقىت-بوشلۇق ئەگرىلىكى تارتىش كۈچىنى پەيدا قىلىدۇ.

مۇشۇ تەپەككۇر يولىغا ئاساسەن ئېينىشتىيىن يەنە تارتىش كۈچى مەيدانى تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىنكى قارا ئۆڭكۈر ھادىسىسى ۋە تارتىش كۈچى دولقۇنى دەل كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ياكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تارتىش كۈچىنى مۇكەممەل چۈشەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۋانت مېخانىكىسى باشقا ئۈچ خىل ئاساسىي تەسىر كۈچىنى تەتقىق قىلدى ھەمدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياڭ ـ مېرىس نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلغان زەررىچىلەر فىزىكىسىنىڭ ئۆلچەملىك مودېلىنى بەرپا قىلدى.
بۇ مودېل ناھايىتى مۇكەممەل ھالدا كۈچلۈك تەسىر كۈچ، ئاجىز تەسىر كۈچ ۋە ئېلېكتر ماگنىت كۈچىنى بىر يەرگە يىغىنچاقلاپ، تۆت چوڭ ئاساسىي كۈچنىڭ ئۈچ خىلىنى بىرلىككە كەلتۈردى. لېكىن تارتىش كۈچى باشتىن ـ ئاخىر باشقا ئۈچ خىل ئاساسىي تەسىر كۈچى بىلەن بىر نەزەرىيىگە يىغىنچاقلىنىشقا ئامالسىز قالدى.


كۋانت مېخانىكىسى تارتىش كۈچى زەرىچىلەرنىڭ ئالمىشىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئاساسىي زەررىچە مودېلى ئىچىدە گىراۋىتون (تارتىش كۈچى فاكتورى) دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەرسە ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما، تا بۈگۈنگە قەدەر ئالىملار بۇ ئاتالمىش تارتىش كۈچى فاكتورىنى تاپالمىدى.
شۇڭا نۆۋەتتە تارتىش كۈچىنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمىغا بولغان ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش يەنىلا كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدە ئېيتىلغان ۋاقىت-بوشلۇق ئەگرىلىكى ياكى زامان-ماكاننىڭ ئىگىلىش ھادىسىسىدۇر.


بىراق نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە كۋانت مېخانىكىسىدىن ئىبارەت ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى بۇ ئىككى تۈۋرۈك تارتىش كۈچى مەسىلىسىدە باشتىن ـ ئاخىر بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى.
شۇڭا تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىزدىنىش ئەمەلىيەتتە يەنە ناھايىتى ئۇزۇن بىر بۆلەك يولنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ.

bilumdan   #bilimzar#

No comments:

Post a Comment