ۋاقتىڭىزغا قىممەت قوشىدىغان 15ئىش
Darius Forouxئاپتورى:
ھۈسەيىن تەرجىمىسى
مەيلى بالدۇر بولسۇن ياكى كىچىكىپ، بىر نەرسىنى چوقۇم ھېس قىلىمىز، يەنى ھاياتىمىز ناھايىتى چەكلىك، يەنە تېخى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاقتىمىزنى ئىسراپقىلىمىز، ياكى ئوخشاش بىر تۇرمۇشنى دەۋرىلەيمىز (بىر چەمبىرەكتە پىرقىراپ ياشايمىز).
نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىمىز؟ كۆپىنچە كىشىلەر بىز ئىنسانلار ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيمىز دەپ ئويلايدۇ.
مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس، سىز ياكى مەن بولاي ھەر ئىككىلىمىز ۋاقىتنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز. ۋاقىت — چەكلىك بايلىق (Depletable Resource)، بۇ ئېنىقلىمىغا ئاساسلانساق، ۋاقىت — ئالتۇندىن قىممەت دېگەنلىكتۇر.
مەسىلە بىزنىڭ ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى تونۇشىمىزدا بولمىسا، ئۇنداقتا ۋاقتىمىزنى ۋە قابىليىتىمىزنى ئىسراپ قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
جاۋابى ئىنتايىن ئېنىق: بىز پەقەت ئۆز ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ نېمىش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. پەيلاسوپ سەنىكا (Seneca) ئۆزىنىڭ «ھاياتنىڭقىسقىلىقى (The Shortness Of Life)» ناملىق كىتابىدا شۇنداق يازغان:
«ياشاش ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىت قىسقا ئەمەس، بەلكى بىز كۆپ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلۋىتىمىز»
كۆپىنچىمىز بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن تەبىئىيلا روھلىنىمىز ۋە ئۆزىمىزگە مۇنداق دەيمىز: «ۋۇجۇن، مەن ۋاقتىمنى قەدىرلەپ، ئىسراپ قىلىشنى توختاتمىسامبولماپتۇ».
ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: ھازىر قىلۋاتقانلىرىم ۋاقتىمنى بېرىشىمگە ئەرزىمدۇ؟ مەنمۇ شۇنداق سوراپ باققان، ۋە كۆپىنچە ئىشلىرىمنىڭ پەقەتلائەرزىمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. ئەلۋەتتە بەزىدە، ۋاقىت بېرىشكە ئەرزىيدىغان ئىشلار بىلەن ئەرزىمەيدىغان ئىشلارنى ئايرىماق سەل قېيىن بولىدۇ.
شۇڭا مەن بىر مەشىق سۈپىتىدە، سىلەرنىڭ ئولتۇرۇپ زادى قانداق ئىشلار ۋاقتىڭلارنى بېرىشكە ئەرزىيدۇ بىر ئويلىنىپ بېقىشىڭلارنى سورايمەن، شۇنداقلا ئۆزۈمئۈچۈن تۈزگەن بىر جەدۋەلنى سۇنماقچىمەن (ئەلۋەتتە، بۇ مېنىڭ شەخسى قىزقىشىم بويىچە تۈزۈلگەن، ھەركىمنىڭ قىلدىغان ئىشلىرى ۋە ئىشلارنىڭ مۇھىملىقىئوخشىمايدۇ). سىلەرنىڭمۇ ئۆز جەدۋىلىڭلارنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشىڭلارغا بىر باشلامچى ئىدىيە سۈپتىدە مەن ۋاقتىمنى بېرىشكە ئەرزىيدىغان 15 ئىشنى سۇندۇم.
1.چېنىقىش — مەن ئادەتتە كۈچ مەشىقىنى بەكرەك ياقتۇرىمەن، چۈنكى كۈچلۈك بولۇش ھاياتتىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. ئۆز ئۇستىلىڭىزدە سائەتلەرچەئولتۇرسىز، ئاندىن چىقىپ بازار ئايلىنىڭ، ياكى ساياھەت قىلىڭ — جىسمانى جەھەتتىن كۈچلۈك بولغىنىڭىزدىلا ھاياتىڭىز تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.
2.ۋاقتىڭىزنى سىز سۆيىدىغان كىشىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش — مەيلى نىمىشلا قىلىڭ، ئەتراپىڭىزدىكى قەدىرلىك كىشىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ. بۇ سىزگە كۆڭۈلئازادىلىكى بېرىپلا قالماي يەنە كۈچ بېرىدۇ.
3.ئۆز بەدىنىڭىز بىلەن تونۇشۇڭ — ھەر بىرەيلەن چوقۇم ئۆز بەدىنىنى چۈشىنىشى ۋە ھەرىكەت قۇرۇلمىسىنى بىلىشى كېرەك. مەنمۇ ئەڭ يېڭى ئىلىم-پەنتەتقىقاتلىرى، ساغلاملىق ۋە چېنىقىش ھەققىدە مەزمۇنلارنى ئوقۇپ تۇرىمەن (سىزمۇ «بىلىمدان-بىلىمزار» نى ئوقۇپ تۇرۇڭ دېمەكچىدە — ت).
4.خاتىرىلەش — ھەر كۈن ئاخىرلاشقىنىدا بىر ئولتۇرۇپ شۇ كۈننى قايتا بىر خاتىرىلەش ئىنتايىن ياخشى ئادەت. بۈگۈن مەن نېمە ئىش قىلدىم؟ نېمە ئۆگەندىم؟ئەتە نېمە قىلماقچى؟ كۈنلىرىڭىزنى بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ.
5.قابىلىيەت يېتىلدۇرۇش — يېڭى قابىلىيەت يېتىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. مەن بىر مەزگىل پات - پات كۇرىسقا قاتنىشىش ۋە توردا دەرىس كۆرۈش ئارقىلىقبىرازىل چامباشچىلىقى مەشىق قىلغان. مەن داۋاملىق يېڭى قابىليەتلەرنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ ھېلىھەم «ئوقۇغۇچى» ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ تۇرىمەن.
6.ئىقتىساد پىلانى تۈزۈش — مەن ھەرخىل كىشىلەرنىڭ مەبلەغچىلىق پىلانلىرى ھەققىدە ئاڭلاشنى ۋە ئوقۇپ تۇرۇشنى ياقتۇرىمەن. شۇنداقلا ئۆزۈمنىمۇ خېلىپىشقان مەبلەغچىلەر قاتارىدىن سانايمەن، مەن ھېلىھەم پاي بازىرىغا كۆڭۈل بۆلىمەن. مەن ئىقتىسادقا قىزىقىشىمدىكى سەۋەپ ئاران تاپقان پۇلۇمنىڭ ئىسراپبولماسلىقى ئۈچۈندۇر.
7.ياخشى فىلىم ياكى تىلىۋىزىيە سۇنۇمى كۆرۈش — مەن بەزىدە كۈنلىرىنى تىلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈپ ئۆتكۈزۈدىغان كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىمەن. ماڭا بۇلارۋاقىت ئىسراپچىلىقى تۇيۇلىدۇ. بىراق ياخشى فىلىم ۋە تىلىۋىزىيە سۇنۇملىرىنى كۆرۈش كىشىگە ئىلھام بېغىشلايدۇ.
8.مۇزىكا ئاڭلاش — مەن كۆپ چاغلاردا مۇزىكا ئاڭلايمەن، مۇزىكا ماڭا ئىلھام ۋە كۈچ بېرىدۇ. ئۆز كەيپىياتىڭىزغا ماس كېلىدىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاش قالتىسئىشلارنىڭ بىرى.
9.كىتاب ئوقۇش — كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. مەن كۈنۈمنى كىتاب ئوقۇش بىلەن باشلايمەن ۋە ئاخىرلاشتۇرىمەن. ئەزەلدىن بىر كۈنمۇتوختاپ قالمىدىم.
10.ھايات ھەققىدە پاراڭلىشىش — ئۆزىڭىز بىلەن پىكىرداش كىشىلەر بىلەن ھايات ھەققىدە پاراڭلىشىپ تۇرۇش ناھايىتى ياخشى ئىشلارنىڭ بىرى. مەنكىچىكىمدىن يۈزە پاراڭلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن ئۆسكەن، شۇڭىمۇ ھاياتىمنى ئۆزۈم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق كىشىلەرگە، ئۇششاق پاراڭلارنى قىلىپ ئىسراپ قىلىشنىياقتۇرمايمەن.
11.ساڭناغا بېرىش — مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم بارىمەن. مېنىڭچە سىز ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مېنىڭ ساڭناغا بېرىشنىياقتۇرشۇمدىكى سەۋەپ، ئۇ يەرنىڭ ئىسسىق ۋە جىمجىت بولغانلىقى ئۈچۈن. ساڭنادا ئۆتكۈزگەن ۋاقىت مەن ئۈچۈن پىكىرلىنىش (meditation) قا ئوخشايدۇ.
12.يېڭى كىتابلارنى ئىزدەش — مەن نەچچە سائەتلەپ ئوقۇشۇم كېرەك بولغان كىتابلارنى ئىزدەش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزىمەن. بىراق ئامال بار قايتا قايتا ئىزدەپكەتمەيمەن، بولمىسا ئەمەلى كىتابلاردىن جىقراق كىتاب ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇۋىتىپ قالىمەن.
13.تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىنى كۆرۈش — مەن بۇرۇن ۋاسكىتبول ئوينايتىم، شۇڭا كۆرۈشتىنمۇ ھوزۇر ئالىمەن. بىراق پەقەت NBA غىلا ئەگىشىمەن، بارلىقتەنھەرىكەت تۈرلىرىگە ئەمەس.
14.كۈلۈش —مەن بەزىدە كۈلدۈرگىلەرنىمۇ كۆرۈپ قويىمەن. ئەگەر كۈلۈپ ئۆتكۈزۈمىسىڭىز ئەسلىدىنلا قېيىن ھاياتنى، ئۆزىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇقېيىنلاشتۇرۇۋالىسىز.
15.نىشان ئۈچۈن تىرىشىش — ئۆز ھاياتىڭىزنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن ھەر مىنۇتىڭىز، سىز قەتئىي پۇشايمان قىلمايدىغان پەيىت بوپ قالىدۇ.
بىر كۈنىڭىزنىڭ ئاخىرىدا، ئارقىڭىزغا قاراڭ ۋە شۇنداق ئويلاپ بېقىڭ «ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولسا، يەنىلا شۇنداق ئۆتكۈزەمتىم؟»
سىز راستىنلا شۇنداق دېيەلەمسىز؟ مېنىڭچە بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ھەر كۈننى ئاخىرقى كۈنىدەك ئۆتكۈزۈش لازىملىقىنى بىلدۇرمەيدۇ. ئەگەر ھەر بىر كىشى ئۇنداقياشىغان بولسا، بەلكىم بىز قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغان بولاتتۇق.
ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۆز ۋاقتىڭىزنى ياخشىراق ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىڭ. سىز كۈنلىرىڭىزنى ھازىرقىدەك ئۆتكۈزگىنىڭىزدىن پەخىرلىنەمسىز؟ ئەگەر جاۋابىڭىز«ھەئە» بولسا، دېمەك سىز كۈنلىرىڭىزنى پۇشايمان قىلمىغۇدەك ئۆتكۈزۈۋىتىپسىز.
No comments:
Post a Comment