
1.مونالىزانىڭ كۈلۈپ تۇرغان كالپۇكى ئەر كىشىنىڭ دۈمبىسى:1993-يىلى، كانادادىكى گۈزەل سەنئەت تارىخچىسى سۇسان گىرو ئۆزىنىڭ مۇنالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشى توغرىسىدىكى كۆپ يىللىق يەكۈنىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، مونالىزانىڭ سىرلىق كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كالپۇكى ئەمەلىيەتتە ئەرنىڭ يالىڭاچ دۈمبىسى بولۇپ، بۇ كۆز قاراشنىڭ كۈچلۈك دەلىلى شۇكى، 90 گىرادۇس ئايلانغاندىن كېيىن مونالىزانىڭ كۈلۈپ تۇرغان لەۋلىرىگە ئەينەكتىن قارىغاندا، مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىگەن لەۋلىرى دۈمبىسى ئېنىق بولغان ئەرنىڭ دۈمبە ۋە سول بىلىكى ۋە جەينەك قىسمىنىڭ بىر بۇرجىكىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
2.داۋىنچى ئاياللارغا چوقۇنغۇچى: مۇنالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشى بىلەن بۇ رەسىمدە، سول تەرەپتىكى ئۇپۇق سىزىقى ئوڭ تەرەپتىكى ئۇپۇق سىزىقىدىن تۆۋەن بولۇپ، مۇنالىزانىڭ سول تەرىپى قارىماققا ئوڭ يېرىم بەدىنىدىنمۇ چوڭ كۆرۈنىدۇ، ئەمما قەدىمكى زاماندا سول تەرەپ ئاياللارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ داۋىنچىنىڭ ئاياللارغا بولغان چوقۇنۇشىنى نامايەن قىلغان.
3. مۇنالىزا داۋىنچىنىڭ ئۆزىنىڭ پورترېتى: بېل تەجرىبىخانىسىدىكى لىليەن. شۋارتس ئىختىيارسىز كومپيۇتېردا مونالىزا بىلەن داۋىنچىنىڭ سۈرىتىنى بىرىكتۈرگەن، بۇ ئىككى رەسىمنىڭ كۆزى، بۇرنى، ھەتتا تەرەققىي قىلغان سىزىقىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنىڭ پۈتۈنلەي جىپسىلاشقانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن مونالىزا دەل داۋىنچىنىڭ ئۆز سۈرىتى دەپ قارالغان.
4.داۋىنچىنىڭ مۇنالىزا رەسىمىنى سىزىشتىكى مەقسىتى: ئۇنىڭدا مۇنالىزا ئەمەلىيەتتە داۋىنچىنىڭ ئۆز سۈرىتى ئىكەنلىكى، داۋىنچىنىڭ ئۆزىنى بىر ئايالنىڭ ئوبرازىغا كىرگۈزگەنلىكى، خرىستىئان دىنى ۋەكىللىكىدىكى غەرب ئەرلىرىنىڭ زومىگەرلىكىگە يوشۇرۇن جەڭ ئېلان قىلىشى كۆزدە تۇتۇلغان.
5.مۇنالىزا قوش جىنىسلىق: مۇنالىزانىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى MonaLisa، ئەمما قەدىمكى مىسىر ئەپسانىلىرىدىكى كۆپىيىشكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەر ئىلاھنىڭ ئىسمى Amon، كۆپىيىشكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئايال ئىلاھنىڭ ئىسمى Lisa، بۇ ئىككى ئىلاھنىڭ ئىسمى ۋارىيانتى بىرلەشتۈرۈلۈپ MonaLisa دەپ ئاتىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ نۇقتىغا ئاساسەن مۇنالىزا بىر قوش جىنىسلىق ئادەم دەپ ھۆكۈم قىلغان، لېكىن داۋېنچى ئىتالىيەلىك، مونالىزانىڭ ئىتالىيەچە ئىسمى LaGiocondaبولغاچقا، مۇنالىزانى قوش جىنىسلىق دەپ قاراشنىڭ ئومۇمىيلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس.
6.كۈلمەيدىغان مونالىزا: دۇنيادىكى داڭقى ئەڭ يۇقىرى ماي بوياق رەسىملىرىنىڭ بىرى، سانسىزلىغان يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئۆزىنىڭ يىغىپ ساقلىغىنىنى ھەقىقىي« مونالىزا» دەپ قارايدۇ، ئامېرىكىنىڭ مېئانې شىتاتى بېرتلاند گۈزەل سەنئەت سارىيى 1984-يىلى«كۈلمەيدىغان مونالىزا» نى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۆلچەش ئارقىلىق، بۇ رەسىمنىڭ ھەقىقەتەن داۋىنچى سىزغان رەسىم ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، رەسىمدىكى ئادەمنىڭ قىياپىتى مونالىزا بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پەقەت ئاشۇ بەلگە خاراكتېرلىك كۈلۈمسىرەش يوق ئىكەن.
7.مۇنالىزانىڭ يەنە بىر چىرايى: فرانسىيەلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى ۋە فوتو فىزىكا مۇتەخەسسىسى پاسكا كورت مۇنالىزانى ئالاھىدە رەقەملىك بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، مۇنالىزانىڭ بۇ رەسىمىنىڭ جەمئىي تۆت قەۋەت ئىكەنلىكىنى، بىرىنچى قەۋەتنىڭ نامەلۇم ئوبيېكتقا قارىتا بىر پارچە پورترېت نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى، ئىككىنچى قەۋىتى مەرۋايىت ئارقىلىق سىزىپ چىقىلغان پورترېت رەسىم ئىكەنلىكىنى، ئۈچىنچى قەۋىتى لىزا گېلادىنىنىڭ پورترېتى ئىكەنلىكىنى، تۆتىنچى قەۋىتى ئاندىن مۇنالىزا ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
8.مونالىزانىڭ رەسىمى پەقەت چاچنىڭ يېرىم قېلىنلىقىدا: داۋىنچى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى سەنئەت پېشۋاسى، ئۇنىڭ رەسىم سىزىش ماھارىتى كامالەتكە يەتكەن، فىرانسىيىلىك تەتقىقاتچىلار مونالىزانى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە پارچە داۋىنچىنىڭ رەسىمىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈپ سىزىپ چىققانلىقىنى بايقىدى، بىراق ئۇنىڭ ئومۇمىي قېلىنلىقى 40 مىكرومېتىرغا يەتمەيدۇ،يەنى تەخمىنەن ئىنسانلارنىڭ بىر تال چېچىنىڭ يېرىمىنىڭ قېلىنلىقىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
9.مونالىزانىڭ رەسىمى ئىلگىرى ناپالىئون تەرىپىدىن كېسىۋېتىلگەن:ئىيتىلىشىچە ئەينى ۋاقىتتا ناپالىئون مونالىزانىڭ رەسىمىگە ئېرىشكەن، ئۇنى ئەينەك رامكىغا سېلىش ئۈچۈن بۇ رەسىمنىڭ ئوڭ سول تەرىپىدىن ئۈچ سانتىمېتىر كېسىۋەتكەن، ئەسلىدىكى رەسىمنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاش تۈۋرۈك سىزىلغان ئىكەن.
10.مۇنالىزا سودىگەرنىڭ ئايالى: مۇنالىزانىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىگە قارىتا، داۋىنچى سىزغان رەسىمىدىن دىيىلگەندىن باشقا، ئۇ سودىگەرنىڭ خوتۇنى دېگەن سۆز ئەڭ كەڭ تارقالغان.ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مونالىزانىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى بولسا، ئۇ فلورېنسىيىدىكى باي سودىگەر زوگۇندونىڭ ئايالى لىسا گېلادىنى بولۇپ، داۋىنچى زېگوندونىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ بەرگەن، شۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئېسىلزادە ئايالنىڭ كۈلۈمسىرىشى ئۈچۈن، داۋىنچى نۇرغۇن زېھنىنى سەرپ قىلغان.
11.مۇنالىزانىڭ رەسىمى 1.618 نىڭ ئالتۇن نىسبىتى: كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى داۋىنچىنىڭ ماتېماتىكىغا پىششىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇ مونالىزانىڭ رەسىمىنى سىزىشتا ماتېماتىكىدىن يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلاندى، رەسىمدىكى ھەممە يەردە 1:618 بولغان ئالتۇن نىسبەت قائىدىسى بار. 1:618 ئالتۇن نىسبىتى يەنى بىر تال كېسىك ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى بىلەن ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ نىسبىتى يەنە بىر قىسمى بىلەن بۇ قىسمىنىڭ نىسبىتىگە تەڭ بولىدىكەن، نىسبەت قىممىتى[5^(1/2)-1]/2 بولۇپ، بۇ خىل نىسبەت بويىچە لايىھىلەنگەن شەكىل ئىنتايىن گۈزەل ھەم چىرايلىق بولىدىكەن.
12.مۇنالىزا بولسا پاھىشە ئايال: نابلىستىكى كارلو ۋېسنىڭ قارىشىچە، مونالىزانىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى بولسا ئۇ ناپلېستىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك پاھىشە ئايال ئىكەن، داۋېنچى فلورېنسادا تۇرغان ۋاقىتتا، ھەقىقەتەن «شاماللىق ئاي» سورۇنىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىكەن، ئەگەر ئۇنى ئەشۇ سورۇندا تاسادىپىي بىر قىزنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۈلۈمسىرىشىنى ئۇچرىتىپ قىلىپ ئۇنىڭغا رەسىم سىزىپ بەرگەن دىيىلگەن بولسا، بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق بولاتتى.
13.مونالىزانىڭ ئەسلىدە قېشى بار: فرانسىيىلىك ئىنژېنېر پاسكال كوت ئۆزى لايىھىلىگەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەقەملىك فوتو ئاپپاراتتا مونالىزانى سۈرەتكە تارتىپ بولغاندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن سول قېشىنىڭ ئورنىدا بىر تال قاشنىڭ سىياھ ئىزىنى بايقىغان ، بۇنىڭدىن مونالىزانىڭ رەسىمىدە ئىلگىرى قاش ۋە كىرپىك سىزىلغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ،چۈنكى يىللار بەك ئۇزۇن بولغاچقا رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن، بەلكىم مەلۇم بىر قېتىم يۇيۇپ تازىلانغاندا ئىھتىياتسىزلىقتىن قاش ۋە كىرپىكلىرى ئېرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
14.مۇنالىزانىڭ رەسىمىنى ئۇلىغىلى بولىدۇ: ئەگەر ئىككى پارچە مونالىزا رەسىمىنى جىپسىلاشتۇرسا، بۇ ئىككى پارچە رەسىمنىڭ مەنزىرە رەسىمىنى ئۇلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز، مونالىزانىڭ بۇ رەسىمنىڭ ئۆزى بىر ئايلىنىش ھاسىل قىلىپ، سانسىزلىغان مۇمكىنچىلىكلەرگە تولغان.
15.مۇنالىزانىڭ كۆزلىرىدىكى خەت: سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مونالىزانىڭ رەسىمىدە ئالاھىدە بەلگە بارلىقىنى بايقىغان، يەنى ئوڭ كۆزىنىڭ ئىچىدە « S» ، سول كۆزىنىڭ ئىچىدە« L» دېگەن خەت بار ئىكەن.
16.مۇنالىزا داۋىنچىنىڭ ئوخشاش جىنىسلىق ئاشىقى: مۇنالىزانىڭ كۆزىدىكى S ۋە L دېگەن ئىككى ھەرپ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ 19- ئەسىردە كىشىلەر داۋىنچىنىڭ ۋەسىيىتىنى بايقىغان، ئۇنىڭدا LaGiocondo دەپ ئاتىلىدىغان بىر رەسىمنى داۋىنچىنىڭ شاگىرتى شالەيگە قالدۇرغان، LaGiocondo دەپ ئاتىلىدىغان بىر جۈپ توغرىسىغا ئۆچۈرۈش سىزىقى سىزىلغان، يېنىغا MonaLisa بەلگىسى قويۇلغان. ئەمما MonaLisa ئەگەر ھەرپ بىرىكمىسىنى ئازراق ئۆزگەرتسە، فرانسۇز تىلىدا شالەي دىگەن مەنىسى چىقىدۇ، شالەي داۋىنچىنىڭ شاگىرتى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە داۋىنچىنىڭ ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببىتى دەپ قارالغان.
17.مونالىزا رەسىمىدە تاشقى پىلانىت ئادىمى بار: ئىككى پارچە مونالىزا تەسۋىرىنى بىرلەشتۈرگەندە، ئوتتۇرىدا بىر تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ ئىزناسىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايسىز، چوڭ كۆزى، ئۇزۇن بۇرۇنى، كىچىك ئېغىزى، بېشىغا شەپكە كىيگەن، مۈرىسىگە پىلاچ ئارتىۋالغان.
18.مۇنالىزانىڭ ئارقىسىدىكى بولسا قان ئېقىۋاتقان دەريا: مونالىزانىڭ بۇ رەسىمىنى تەپسىلىي كۆزەتسەك، مۇنالىزانىڭ سول تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى يىلانغا ئوخشايدىغان بىر دەريانىڭ بارلىقىنى، ھەمدە قىپقىزىل بولۇپ، قارىماققا قان ئېقىۋاتقان دەرياغا ئوخشايدىغانلىقىنى بايقايمىز.
19.مۇنالىزا كۈلۈمسىرىشىنىڭ مەنىسى: ئالىملار كۆپ سپېكترلىك تەسۋىر يېيىش ئارقىلىق مۇنالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشىنىڭ مەنىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئۇنداق نەپىس ۋە سۇس ئەمەسلىكىنى بايقىغان. مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشىدە% 83 خۇشاللىق، % 9 بىزارلىق، % 6 قورقۇنچ، % 2 غەزەپ بار.
20.مونالىزا كۆزى ھەرىكەت قىلىدۇ: ئەگەر مونالىزا ئۇزۇن ۋاقىت كۆزەتكەندە، رەسىمدىكى پېرسوناژنىڭ كۆزىنىڭ ئوڭ تەرەپكە سەل ئېغىپ، ئاستا-ئاستا ئالدىغا بۇرۇلغانلىقىنى بايقايسىز، خۇددى سىزگە تىكىلىپ قاراۋاتقاندەك، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسى لىۋېنستون دوكتور بۇ خىل ھادىسە ئادەم بەدىنىنىڭ كۆرۈش سېزىمى سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىدىكى مەركىزىي قىسمى رەڭ پەرق ئېتىش، ئىنچىكە بەلگە قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، كۆز ئوقۇرىنىڭ سىرتقى قىسمى بولسا رەڭسىز، ھەرىكىتى ۋە كۆلەڭگىسىگە دىققەت قىلىدۇ.
21.نېپىز شايى كىيگەن مۇنالىزا: رەقەملىك تىخنىكىدا مونالىزانىڭ بۇ رەسىمنى ئۆلچىگەندە، تەتقىقاتچىلار داۋىنچى ئەڭ دەسلەپ سىزغان مونالىزا بىر قەۋەت نېپىز شايى كىيىم كىيگەن، ئۇ ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، ئورۇندۇقتىن قوپماقچى بولغان دەپ ھۆكۈم قىلدى.
22.مۇنالىزانىڭ رەسىمىنىڭ ئىچىدىكى ئالۋاستى:1911-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، لوۋېر سارىيىدىكى سىرچى ۋىنچزو پېيرۇجا مونالىزانى رەسىم رامكىسىدىن ئېلىپ، كىيىمىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ ، كېچىلەپ فلورېنسىيىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ كېچىدە رەسىمنى ئېچىپ ھۇزۇرلانغان، ئەمما مۇنالىزانىڭ كەينىدە ئالۋاستى بارلىقىنى كۆرۈپ، ۋارقىراپ كەتكەن. ياندىكى ئۆيدە تۇرىدىغان ئەر ئاۋازنى ئاڭلاپ كېلىپ ھوشىدىن كەتكەن ياندىكى ۋىنچزو پېيرۇجا بىلەن مۇنالىزانىنىڭ رەسىمىنى بايقاپ قالغان، ئۇ ئەر مونالىزانى قاتلاپ ئۆيگە ئېلىپ كېتىدۇ،ئەمما ئۇمۇ رەسىمنى ئېچىپ ھۇزۇرلانماقچى بولغاندا،مۇنالىزانىڭ ئارقىسىدىكى ئالۋاستىنى بايقايدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ رەسىمنى يوشۇرۇپ قايتا ئېچىشقا پىتىنالمايدۇ.
23.مونالىزانىڭ رەسىمىدىكى تۆت ھايۋان: ئامېرىكىلىق ئىشتىن سىرتقى رەسسام روئېن پىسىلىئو مونالىزانى تەكشۈرگەندە ماي بوياق رەسىمدە بىر قاتار ھايۋانلارنىڭ باش سۈرىتى يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقىدى، بۇلار شىر، ئادەمسىمان مايمۇن، سۇ كالىسى ۋە يىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داۋىنچىنىڭ خاتىرىسىدە ھەسەتخورلۇق توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ چىقىپ: مۇنالىزانىڭ يۈرىكىنى بىر چوڭ يىلانغا يەم قىلىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلغان. روئېن داۋىنچىنىڭ مۇنالىزانى سىزىپ چىقىشى« يەتتە جىنايەت» نىڭ بىرى بولغان« ھەسەت» نىڭ ئىپادىلىنىشى دەپ قارايدۇ.
24.مونالىزا ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى 72: مونالىزا بىر پارچە ئۆي ئىچىدىكى پورترېت رەسىم بولۇپ، ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئۇنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچى بار، ئېگىز تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ،شارقىراتما ئاستىدا، دەريا ئەگىلىپ، تۇمانلىق ھالەتتە تۇرىدۇ. سەنئەت تارىخچىسى تىرىشىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مونالىزانىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى كىچىك كۆۋرۈك سۈڭگۈچىنىڭ ئىچىدە بىر « 72» رەقىمى بارلىقىنى بايقىغان، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، مونالىزانىڭ سىرلىق ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ ئىتالىيەنىڭ تۇسكانا رايونىدىكى ئارنو جىلغىسىنىڭ مەنزىرىسى ئىكەنلىكىنى بايقىغان،بۇ يەردىكى 72- كۆۋرۈك شۇ جايدىكى داڭلىق ئالۋاستى كۆۋرۈكى بولۇپ، بۇ كۆۋرۈك 1472-يىلى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ھەم قايتا سېلىنغان.
bilimdan #bilimzar#
No comments:
Post a Comment