زامانىۋى پەن ـ تېخنىكا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى ۋە ئىلگىرىلىدى، بىزنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىمىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆستى.پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شۇنداقلا زامانىۋى ئىقتىسادىي سىستېما بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى.ئۇنداقتا سىز ھازىر پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ دۇنيادا يەنە قانداق يېڭى پەن ـ تېخنىكىلار بار؟
كۋانت كومپىيوتېرى
تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش: كۋانت كومپيۇتېرى چەكسىز يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە، بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ياساش قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ۋە يۇقىرى خىراجەت كىتىدىغان پەن-تېخنىكا ساھەلىرى جانلىنىپ كېتىدۇ . كۋانت كومپيۇتېرى 2016ـ يىلى تەرەققىياتنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىگە قەدەم قويدى، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە ئىلمىي ماقالىلىرى ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، نۇرغۇن كارخانا كۋانت كومپيۇتېرىدىن ئىبارەت بۇ خىل پەن ـ تېخنىكىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغىلى بولىدۇ. ھازىر دۇنيادىكى 50 تىن ئارتۇق كارخانا كۋانت كومپيۇتېرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ كارخانىلارمۇ، يېڭىدىن قۇرۇلغان نۇرغۇن شىركەتلەرمۇ بار.بۇ ئىلگىرىلەشلەر كىشىلەرنى كۋانت دەۋرىنىڭ بىزگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە باشلىدى.
گېن ۋاكسىنىسى
تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش: گېن ئاساسىدىكى ۋاكسىنا نۇرغۇن جەھەتلەردە ھازىرقى ئەنئەنىۋى ۋاكسىنىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.گېن ۋاكسىنىسى تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بۇ تۇيۇقسىز تارقالغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.گېن ۋاكسىنىسىنىڭ مەشغۇلاتى ئاددىي، ئەڭ مۇھىمى باھاسى ئەرزان، ئۇ كېسەللىك قوزغاتقۇچىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش مەسىلىسىگە ئۈنۈملۈك ھەم تېز ماسلىشىپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەردە مۇناسىپ ئانتىتېلا ھاسىل قىلىدۇ، يۇقۇم يۈز بەرگەندە ناھايىتى زور ياردىمى بولىدۇ.
چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆگىنىش ۋە ماشىنلىق كۆرۈش سېزىمى
تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش: چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆگىنىش كومپيۇتېر ساھەسىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ،ئۇنىڭ سۈرەت پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ياردىمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ ، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.نۆۋەتتە، ماشىنلىق كۆرۈش سېزىمى تېخنىكىسى ئاپتوماتىك ھەيدەش، تېببىي دىئاگنوز قويۇش، سۇغۇرتا تۆلىمىدىكى بۇزۇلۇشنى باھالاش، سۇ ئورنىنى كۆزىتىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە.
ھاۋادىن ساپ سۇ يېغىۋېلىش
تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش: بۇ پەن ـ تېخنىكا سۇ بايلىقى كەمچىل بولغان دۆلەت ۋە رايونلارغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ بايلىق سەرپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
MIT
ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلېي شۆبە مەكتىپىنىڭ تەتقىقات ئەترىتى بىر خىل يېڭى تىپتىكى كۆپ تۆشۈكلۈك كىرىستال ـ مېتال ئورگانىك ئىسكىلىتى ئارقىلىق، ھاۋا نەملىكى 20% تىن تۆۋەن مۇھىتتا پاكىز سۇ يىغىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ھەمدە بۇ جەرياندا ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي زۆرۈرىيىتى يوق.
سۇيۇقلۇقتىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش
تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش: سۇيۇقلۇقتىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئىنسانلارنىڭ راك كېسىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈشنىڭ راك كېسەللىكىگە بولغان ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، راك ھۈجەيرىسى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ تېز ۋە توغرا بەلگىلىگىلى بولىدۇ.ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سۇيۇقلۇقتىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش كۆپ خىل ئەۋزەللىككە ئىگە .ئۇنىڭدىن قالسا، تىرىك تەن توقۇلمىسى ئەۋرىشكىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ، سۇيۇقلۇق تىرىك تەن توقۇلمىسى ئارقىلىق بىمارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، سۇيۇقلۇقتىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى ئايلانما ئۆسمىنىڭ گېنى تەكشۈرۈلىدۇ،ئۇلار ئادەتتە ئۆسمە توقۇلمىسىدىن قان تومۇرغا كىرىدۇ.شۇڭا، كېسەللىك ئالامىتى ۋە سۈرەتكە تايىنىپ دىئاگنوز قويۇشقا سېلىشتۇرغاندا، سۇيۇقلۇقتىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈشنىڭ راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئورنىنى بېكىتىشى تېخىمۇ تېز بولىدۇ.
ئىنسانلار ھۈجەيرە ئاتلىسى پىلانى
تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش: ئىنسانلار ھۈجەيرە ئاتلىسى پىلانى 2016ـ يىلى 10ـ ئايدا رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بۇ خەلقارا ھەمكارلىق تۈرى ئىنسانلار بەدىنىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى يېشىشنى مەقسەت قىلغان، چېن زاكېربېرگ تەشەببۇس قىلىپ قوللىغان.
بۇ تۈر مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلىدۇ: بىرىنچى، بارلىق توقۇلمىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھۈجەيرە تىپى؛
ئىككىنچى، ھەر خىل ھۈجەيرىلەرنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قايسى گېن، ئاقسىل ۋە باشقا مولېكۇلالار كونترول قىلىدۇ؛
ئۈچىنچى، ھۈجەيرىنىڭ توغرا ئورنى؛
تۆتىنچى، ھۈجەيرىلەر ئارىسىدا قانداق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھۈجەيرىلەردە ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن بەدەن ئىقتىدارىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىش ...... بۇ پىلان ئاخىرىدا خاسلاشتۇرۇلغان داۋالاشنى كۈچلۈك ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قۇياش نۇرىدىن سۇيۇق ھالەتتىكى يېقىلغۇ يىغىش
تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش: بىز دەرەخ يوپۇرمىقىنىڭ فوتوسىنتېز رولىغا تەقلىد قىلىپ، تەقلىدىي دەرەخ يوپۇرمىقىدىن ئېنېرگىيە ھاسىل قىلساق، ساقلىساق بولامدۇ؟ھازىر، بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى بىزنى تەقەززا قىلىۋاتقان بولۇپ ،يەر شارى بايلىق كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلار پائالىيىتى ئۇنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغان بولغاچقا ، ھامان بىر كۈنى كرىزىس يۈز بېرىدۇ، شۇڭا ھازىر بۇ خىل ئالاھىدە يېقىلغۇ كەشىپ قىلىندى، بۇ قۇياش ئېنېرگىيىسى ۋە شامال ئېنېرگىيىسى كەسپىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
#bilimdan #bilimzar
بىلىمدان #بىلىمزار#
No comments:
Post a Comment