Search This Blog

Tuesday, October 15, 2019

كۋانت چىرمىشىشى بىزنىڭ كۆزقاراشلىرىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟


كۋانت ئۆزارا چىرمىشالىغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئالتىنچى سەزگۈ، ئالاھىدە ئىقتىدار دىگەنلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. بۇ نامەلۇم ماددىلار ئىچىدە بەزى ماددىلار ياكى جانلىقلارنىڭ بار ـ يوقلۇقىغا ،كۋانت چىرمىشىشى ئارقىلىق بىزنىڭ تۇرمۇشمىزغا پۈتۈنلەي تەسىر كۆرسىتىۋاتامدۇ ـ يوق؟ بۇنىڭغا كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ 
تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان ئالەم ـ ـ كۋانت مېخانىكىسى

 بۇ كۆرۈنمە چاستوتا بارلىق كۋانت مېخانىكىسىنىڭ مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ كۆرۈنمە چاستوتىنى ساقلاپ قويۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ 

ھازىرقى زامان پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە نېمىلەر بايقالدى؟ دەرۋەقە بۇ بايقاشلار ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى،بىزنىڭ دۇنيارىمىز، بىر قانچە ئەڭ يېڭى پەن ـ تېخنىكا سەۋەبىدىن، ھەممىسى قالايمىقانلىشىپ كەتتى

 دۇنيانىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىلمىي نەتىجىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى

 مەۋھۇم ماددا ، مەۋھۇم ماددىنى قانداق بايقايمىز؟ بىز ئەسلىدە تونۇيدىغان ئالەمنىڭ شەكلى، پلانېتىلار ئۆزئارا ئالەملىك تارتىشىش كۈچى ئارقىلىق بىر ـ بىرىنى تارتىپ تۇرىدۇ ، سىز مېنى ئايلىنىسىز، مەن ئۇنى ئايلىنىمەن، پلانېتىلار بولسا قالايمىقان ھەم تەرتىپلىك. لېكىن، كېيىن ئالىملار پىلانېتلار بىلەن پىلانېتلار ئوتتۇرىسىدىكى تارتىش كۈچىنى ھېسابلاش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، پىلانېتلارنىڭ ئۆزىدىكى بۇنچىلىك تارتىش كۈچىنىڭ بىر ـ بىرىدىن مۇكەممەل بولغان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرەلىشىگە زادىلا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر يۇلتۇزلار سىستېمىسى، پىلانېتلار ئارىسىدا پەقەت ھازىرقى ماسسا- ئېنېرگىيە  فورمۇلاسى ئارقلىقلا ئالەملىك تارتىش كۈچى  تەسۋىرلەنسە، ئۇچاغدا ئالەم بىر تەخسە قۇمدەك چېچىلىپ كېتىشى كېرەك. ئالەمنىڭ ھازىرقى تەرتىپنى ساقلىيالىشى پەقەت باشقا ماددىلارنىڭ بولغانلىقىدا. ھالبۇكى، بۇ خىل ماددىنى بىز ھازىرغا قەدەر كۆرەلمىدۇق ھەم تاپالمىدۇق، شۇڭا بۇ ماددا ھازىرچە مەۋھۇم ياكى يوشۇرۇن ماددا دەپ ئاتالغان

 مەۋھۇم ماددا زادى قانچىلىك؟ ئالىملار ھېسابلاش ئارقىلىق ھازىرقى ئالەمنىڭ ئايلىنىش تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن مەۋھۇم ماددىنىڭ ماسسىسى بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان بارلىق ماددىلارنىڭ ماسسىسىدىن بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى بايقىغان ،مەۋھۇم ماددىنى كۆزەتكىلى بولامدۇ ؟ ھازىر ھەقىقىي مەۋھۇم ماددىنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. پەقەت نۇردا مەلۇم جايدىن ئۆتكەندە ئېغىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ، بۇ رايوندا بىز كۆرەلەيدىغان ماددا يوق، قارا ئۆڭكۈرمۇ يوق،قارا ئۆڭكۈر مەۋھۇم ماددا شۇمۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس. قارا ئۆڭكۈر پەقەت يورۇقلۇق تارقىتالمايدۇ، بىراق ئۇ باشقا نۇرلارنى چىقىرىدۇ، ئۇ يەنىلا ئادەتتىكى بىر  ماددا


مەۋھۇم  ئېنېرگىيە

 مەۋھۇم ئېنىرگىيە بارلىقىنى قانداق بايقايمىز؟ ئالىملار كۆزىتىش ئارقىلىق ھازىرقى ئالەمنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپلا قالماستىن، بەلكى كېڭىيىشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئەگەر تەكشى سۈرئەتتە كېڭىيىپ كەتسە، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن كېڭىيىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ قوشۇلۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ زادى نېمە ئېنېرگىيە؟ بۇنى ئالىملارمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ، ئۇنىڭغا يوشۇرۇن ئېنىرگىيە دەپ ئىسىم قويۇلغان

 مەۋھۇم ئېنېرگىيە زادى قانچىلىك؟
 ئالىملار ماسسا ئېنېرگىي تەڭلىمىسى E = MC2  ئارقىلىق ھېسابلاپ ، نۆۋەتتىكى ئالەمنىڭ بۇ خىل كېڭىيىش سۈرئىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەۋھۇم ئېنېرگىيە ھازىرقى ماددىلار ۋە مەۋھۇم ماددىلار يىغىندىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ بولۇشى كېرەكلىكىنى بايقىدى،مەۋھۇم ئېنېرگىيەنى تاپالىدۇقمۇ؟ ھازىرغا قەدەر تېخى تاپالمىدۇق 

كۋانتنىڭ چىرمىشىشى

 كىۋانت چىرمىشىشى: ھازىرقى زامان ئىلىم ـ پېنىدە بايقىلىشىچە، ماددىنى تەتقىق قىلىشتا مولېكۇلا، ئاتوم، كىۋانت قاتارلىق مىكرو زەررىچە دەرىجىسىگە كىرگەندىن كېيىن، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ ئىكەن . ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ، نانومېتىر تېخنىكىسى ، گىرافىت ئالكېن قاتارلىق ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ماتېرىياللار بارلىققا كېلىپ، مولېكۇلا سەۋىيەسىدىن راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشتەك مۆجىزە بارلىققا كىلىدىكەن . ئەڭ سىرلىق بولغىنى يەنىلا  كۋانت چىرمىشىشى ،كۋانتنىڭ چىرمىشىۋېلىشى دېگەن نېمە؟ئىلمىي تەجرىبىلەر شۇنى بايقىدىكى، ئىككى دانە ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان كۋانت، ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىپادە پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، ئارىلىقى ناھايىتى يىراق ( كىلومېتىر ئەمەس بەلكى نۇر يىلى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ) ئىككى كۋانت بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئادەتتىكى باغلىنىش يوق بولسىمۇ ، بىرىدە ھالەت ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەندە، يەنە بىرىدە ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش ھالەت ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش ئەمەس،كۋانتنىڭ چىرمىشىشىنى كۆزەتكىلى بولامدۇ؟ كۋانتنىڭ چىرمىشىۋېلىشى نەزەرىيە ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. ئالىملار ئالتىدىن ـ سەككىزگىچە ئىئوننىڭ چىرمىشىش ھالىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئېلىمىز ئالىملىرى 13 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى كۋانتلىق چىرمىشىش ھالىتىنى ئايرىش ۋە يوللاشنى ئىشقا ئاشۇردى


قالايمىقان بولۇپ كەتكەن دۇنيا

قالايمىقان بولۇپ كەتكەن پەلسەپە دۇنياسى. بىز ئەسلىدە دۇنيانى ماددا ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، ئالاھىدە ئىقتىدار مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىغا ئىدۇق، بىراق ئاڭ بولسا ماددىغا زىت بولغان يەنە بىر خىل مەۋجۇدىيەت،بىز شۇنى بايقىدۇقكى، بىز بىلىۋاتقان ماددىلار پەقەت مۇشۇ ئالەمنىڭ 5% ئىگە توغرا كېلىدۇ. ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ئىككى كۋانت خۇددى ئاشۇق-مەشۇقلاردەك ئۆزارا چىرمىشىۋالىدۇ. ئاڭنى مولېكۇلا،ئاتوم دەرىجىسىدە تۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا ،  ئەمەلىيەتتە ئاڭمۇ بىر خىل ماددا ھېسابلىنىدۇ 

ئالەمدە بىز بىلمەيدىغان 95% ماددا بار ئىكەن، دېمەك ئۇنداقتا روھمۇ، ئالۋاستىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ . كۋانت ئۆزئارا چىرمىشالىغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئالتىنچى سەزگۈ، ئالاھىدە ئىقتىدار دېگەنلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ نامەلۇم ماددىلار ئىچىدە بەزى ماددىلار ياكى جانلىقلارنىڭ بارلىقىغا كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ، ئۇ كۋانت چىرمىشىشى ئارقىلىق بىزنىڭ ھەر قانداق ھالىتىمىزگە پۈتۈنلەي تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؟

ئۆرۈلۈپ چۈشكەن فىزىكا دۇنياسى. بىزنىڭ ھازىرقى بارلىق فىزىكا نەزەرىيەلىرىمىزدە يورۇقلۇق تېزلىكىنى ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ . بىراق ئىنچىكە ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، كۋانتنىڭ چىرمىشىش تېزلىكى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ يورۇقلۇق تېزلىكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن

 گۇمران بولغان ئىچكى دۇنيا.  پەن ـ تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىز كۆرۈۋاتقان دۇنيا پەقەت پۈتۈن دۇنيانىڭ 5% لا. بۇنىڭدىن 1000 يىل ئىلگىرى ئىنسانلار ھاۋانىڭ بارلىقىنى، ئېلېكتىر مەيدانى، ماگنىت مەيدانى بارلىقىنى بىلمەيتتى، ئېلېمېنتلارنى تونۇمايتتى، ئاسمان يۇمىلاق يەر تۈپتۈز دېگەن قاراشلار دەۋران سۈرەتتى، مانا بۈگۈنگە كەلگەندە يەنىلا شۇنى ھېس قىلدۇقكى بىزنىڭ نامەلۇم دۇنيارىمىز يەنىلا ئىنتايىن كۆپ، كۆپلىكىدىن تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ تەسكە توختايدۇ 

دۇنيا شۇ قەدەر نامەلۇم، ئىنسانلار شۇنچىلىك نادان تۇرسا، بىز يەنە قايسى قالتىس نەزەرىيەلىرىمىزنى چەتكە قايرىپ ئۇنتۇپ كېتىشىمىز كېرەك؟


كۋانت مېخانىكىسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۆتكىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ

#bilimdan     #bilimzar 

No comments:

Post a Comment