جوبىس نېمە ئۈچۈن كۇكنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تاللىغان؟
ئالما شىركىتى تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ تونۇش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بىرىنچىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ شىركەتنىڭ ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ ئۆزگىچە ھۇزۇرىنى سۈرۈپ باققان ياكى باشقىلاردىن كۆپ ئاڭلاپ كەتكەن. ئىككىنچىدىن، ئالما شىركىتى يېقىنقى 20-30 يىل جەريانىدا ئىزچىل دۇنيا كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت ساھەسىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ كەلمەكتە. ھازىرقى ئالما شىركىتى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ماگناتلارنىڭ بىرى. ئالمىنىڭ ھازىرقىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىنى بىر ئادەمدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، بۇ ئادەم دەل ئالمىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتىف جوبىس. iPhone ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى دۇنياغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، جوبىس دۇنيانى ئۆزگەرتكەن شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، شۇنداقلا ئالما شىركىتىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى دەپ قارالغان.
جوبىس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئالغىنى تىم كۇك بولدى، يەنى ھازىرقى ئالما شىركىتىنىڭ خوجايىنى. بەزى تورداشلارنىڭ قارىشىچە، كۇك ئالما شىركىتىگە باش بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا بارغانسېرى يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسى قالمىغان، ھەر قېتىملىق ئۈمىد ئاستا-ئاستا ئۈمىدسىزلىككە ئايلانغان. مەھسۇلاتنىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېچقانداق يارقىن نۇقتا يوق. ئىش راستتىنلا مۇشۇنداقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئالمىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىس ھەقىقەتەن بەك مۇنەۋۋەر ۋە دەۋر ھالقىغان ئىجادىيەت روھىغا باي كىشى بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق ھېس قىلىدۇ، يەنى تىم كۇكنى جوبىسقا يەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە تىم كۇك ئالمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ماركىغا ۋە شىركەتكە ئايلاندۇردى. ھەم ئىقتىسادىي كىرىمىنى جوبىس دەۋرىدىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئاشۇرۇۋەتتى.
تىم كۇك گەرچە ئىنتايىن مۇنەۋۋەر بولسىمۇ، بىراق جوبىسنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، مۇكەمەللىك قوغلىشىش، ئۆزگىچە خاراكتېر، مەھسۇلات يارىتىش، گۈزەللىك قارشى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئازراق تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش زەنجىرىنى يۈرۈشتۈرۈش، مەھسۇلات سېتىش سوممىسىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئۇ جوبىستىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنە بىر سەۋەب بار، ئۇ بولسىمۇ كۇك تۇرۇۋاتقان دەۋردە ئۆزگىرىش بولدى. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز دېگەندە، iPhone دۇنياغا كەلگەندە، ئۇ چاغدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلار بارا-بارا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، كىم ئەڭ ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن بولسا، شۇ كەسىپنىڭ باشلامچىسى بولىدۇ.
ئۇ چاغلاردا دۇنيادا تېخى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون زاۋۇتلىرى كۆپ ئەمەس ئىدى، خۇاۋېيمۇ يانفون كەسپىنى ئاچمىغان ئىدى. جوبىس ئۆزىنىڭ تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان بىر دەۋر ياكى پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈستەل يۈزى كومپيۇتېرى PC ئۇچىدا، جوبىس چىقارغان ios سىستېمىسى مىكروسوفتنىڭ مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالما شىركىتى ئۈچۈن نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى. ئۇ چاغدىكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى، ئالما ئىلگىرى يۇقىرى دەرىجىگە ۋەكىللىك قىلاتتى، ئۇ سالاھىيەتنىڭ سىمۋولى ئىدى. ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.
لېكىن، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن پەن-تېخنىكا ماگناتلىرى قەد كۆتۈرۈپ، ئالمىنىڭ ئورنىمۇ ئاستا-ئاستا تەۋرىنىپ قالدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى. بۇ بازارمۇ كۈندىن-كۈنگە ئاۋاتلىشىپ باردى، بۇ ۋاقىتتا كۆپلىگەن داڭلىق ماركىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفۇنلار ئىچىدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىنتايىن تەس بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك ئەينى يىللاردا ئالما بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن سامسۇڭ، سونىينى سېلىشتۇرۇپ باقسا بولىدۇ. ھازىر دۇنيا يانفون بازىرىدا يەنە بەلگىلىك تەسىر كۈچى بار چەتئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىدىن پەقەت ئالما شىركىتىلا قالدى.
سامسۇڭ، سونىي قاتارلىق كونا ماركىدىكى كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى خۇاۋېي، شياۋمىغا ئوخشاش دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن داڭلىق ماركىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىشقا ئاز قالدى. ھازىر خۇاۋېي بىلەن قارشىلىشالايدىغانلاردىن پەقەت ئالمىلا بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يىل ئالما يېڭى يانفون ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئالمىنىڭ بازار قىممىتى 1 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ ئۆتتى! شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كۇك جوبسنىڭ قولىدىن ئالمىنى ئالغاندىن كېيىن، جوبسنىڭ ئالما ئىمپىرىيەسىنى مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە، پايدا كەلتۈرىدىغان بىر ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا ئايلاندۇردى.
ئەمەلىيەتتە، كۇكقا نىسبەتەن بەزى جەھەتلەردە ھامىنى جوبىستىن ئېشىپ كېتەلمىگەن ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمىسىلا بولىدىغۇ. كۇكنىڭ جوبىسنى دورىشىنىڭ بەك زۆرۈرىيىتىمۇ يوق. كۇك ھەتتا جوبىسنىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبتىكى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تاللىغان. بۇنىڭ كۇكنىڭ مىجەزى بىلەن چوڭ مۇناسىۋىتى بار، كۇكنىڭ مىجەزى ئېغىر بېسىق، كەمتەر ۋە مۇلايىم. 2012-يىلى، ئالما خەرىتىسىدە مەسىلە كۆرۈلگەچكە، نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئەڭ كېرەكسىز يۇمشاق دېتال دەپ قارالدى. بۇنىڭغا قارىتا كۇك ئاشكارا ھالدا ئالمىنىڭ ئابونتلىرىدىن كەچۈرۈم سورىدى ۋە خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
بىلىش كېرەككى، ئالما جوبىس دەۋرىدە ئىزچىل يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئەينى يىلى ئالما يانفونىدا سىگنال مەسىلىسى كۆرۈلگەندە، جوبىسمۇ ئابونتلاردىن كەچۈرۈم سوراپ باقمىغان. جوبىستىن ئىبارەت بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا، كۇكتىن ئىبارەت بۇ ئىگىلىكنى ساقلىغۇچىنىڭ بېسىمى جوبىستىن خېلىلا ئېغىر. كۇك ئىلگىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىگە قارىتا سەمىمىيلىك بىلەن: جوبىس مېنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن شىركەتنى باشقۇرۇشىمدىن ئۈمىد كۈتمىگەن دېگەن.
دېمەك جوبىس نېمە ئۈچۈن كۇكنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تاللىغان دېگەندە، ئەسلىدە ئۇنىڭ بۇرۇنلا ئورۇنلاشتۇرۇشى بار ئىكەن. ئۇ باشقا نۇرغۇن ئۆزىگە ئوخشاش مېجەز خاراكتېردىكى ۋە يېقىن ئۆتىدىغان، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان، باش لايىھەلىگۈچى بۇرادەرلىرىنى ئىزباسار قىلماي، ئەكسىچە نۇرغۇن قارشىلىققا قارىماي، تىم كۇكتىن ئىبارەت ئانچە قارشى ئېلىنمايدىغان، بەكمۇ تونۇلمىغان ئارقا سەپتىكى نامسىز قەھرىماننى ئىزباسار قىلىپ تاللىغان. چۈنكى سىتىف جوبىس بۇرۇنلا تىم كۇكنىڭ كەسىپىي ئىقتىدارى، ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى، سوغۇققانلىقى، كەسپىي ئەخلاقى، سەمىمىيىلىكى، ئۆزگىچە باشقۇرۇش ئۇسلوبى، بازار ئېچىش ۋە سېتىش تالانتى قاتارلىق نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىنى ئويلىشىپ، ئالمىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قېلىشتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مۇۋاپىق نامزات يوقلۇقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، كۇكنى بۇ مۇھىم ۋەزىپىگە قويغان.
سىلەرچە كۇك بىر ياخشى ئىزباسارمۇ؟
bilimdan #bilimzar#
No comments:
Post a Comment