بىر ئات كۈچى قانچىلىك بولىدۇ؟
بەزىدە ماشىنىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى چۈشەندۈرگەندە يۈز كىلومېتىرغا تېزلىنىش سۈرئىتىدىن باشقا قۇلىقىمىزغا كۆپ ئاڭلىنىدىغان گەپ «ئات كۈچى» بولىدۇ. ئات كۈچى ئارقىلىق ئۆزىڭىز ھەيدەۋاتقان ماشىنىنىڭ ئىقتىدارىنى ئانچە-مۇنچە ھېسابلىيالايسىز. بىراق بىر ئات كۈچى دېگەن قانچىلىك؟ ئات كۈچى دېگەن زادى قانداق ئۇقۇم؟
بىر ئات كۈچى راستتىنلا بىر تۇياق ئاتنىڭ كۈچىگە تەڭمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بىر ئاتنىڭ كۈچى زادى قانچىلىك؟
18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەنگلىيەدىكى داڭلىق فىزىكاشۇناس جامېس ۋات 1765-يىلى پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلدى. چوڭراق پار ماشىنىسى بىر پويىزنىمۇ سۆرەپ ماڭالايدۇ. شۇندىن كېيىن كىشىلەر «پار دەۋرى»گە قەدەم قويدى. پار ئەسلىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان ئاتنىڭ ئورنىنى ئالغان. پار ماشىنىسىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ بىۋاستە ئىپادىلەش ئۈچۈن ۋات ئات ئارقىلىق پار ماشىنىسىنىڭ كۈچىنى سىنىماقچى بولغان. ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى ھاراق زاۋۇتى بىلەن ئالاقىلىشىپ سىناق ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئاتقا ئارغامچا باغلاپ يەنە بىر بۆلىكىنى غالتەككە ئېسىلغان سۇ چېلەككە چاتقان. ئاتنى ئالدىغا ماڭدۇرۇپ سۇ چېلىكىنى كۆتۈرگۈزگەن.
ئۆلچەش نەتىجىسىدە ئات بىر مىنۇت ئىچىدە مىڭ قاداق ئېغىرلىقتىكى جىسىمنى 33 فۇتقا كۆتۈرەلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ۋات بۇ ئاتنىڭ قۇۋۋىتىنى بىر ئات كۈچى دەپ ئىپادىلىگەن. ئات كۈچى (马力، ئىنگلىزچە horsepower) قىسقارتىلىپ HP دەپ ئاتالغان. بىراق بۇ ئىنگىلىز ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە ئىشلىتىدىغان مېتىر ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرغاندا :
بىر ئات كۈچى=75 كىلوگىرام/سېكۇنت
يەنى ھەر سېكۇنتتا 75 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى جىسىمنى بىر مېتىرغا كۆتۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلغان قۇۋۋەت. ئەلۋەتتە بەزىدە يەنە ۋات(W) ياكى كىلوۋات(Kw) ئارقىلىقمۇ بۇ قۇۋۋەتنى ئىپادىلەيدۇ.
1kw=1.341HP
bilimdan #bilimzar#
No comments:
Post a Comment