Search This Blog

Saturday, October 12, 2019

تەبئىي خىسلەتلىك رىتسىپلار-چۇقۇم ساقلىۋېلىڭ

ئاجايىپ خىسلەتلىك رىتسىپلار-چۇقۇم ساقلىۋېلىڭ


1.قىشلىق كاۋا تەبئى ئۇرۇقلىتىش دورىسى بۇلۇپ، ئەرزان ھەم بەدەنگە زىيىنى يوق، سۇيدۇكنى ھەيدەپ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، بەدىنىدە سۇ مىقدارىنىڭ ئىشىپ كىتىشدىن سەمىرىپ كەتكەنلەرگە ئۇنۇمى ئالاھىدە ياخشى. 

2.لىمون:تەبئى زۇكام دورىسى بۇلۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن Cئىنتايىن مول. يىڭى لىموننى يالپاقلاپ ئۇستىگە ئازراق تۇز سىپىۋىتىپ چايدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، دەسلەپكى باسقۇچتىكى زۇكامنى ساقايتىدۇ، ئېغىر زۇكام ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ.

3.پىچەكگۇل-تەبئى بۆرەك قۇۋەتلەش دورىسى بۇلۇپ، تەبئىيىتى مۆتىدىل، ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن قورساق كۇپۇش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ. ئاشقازان تال ۋە بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ.

4.زەنجىۋىل:تەبئى ئاغرىق توختىتىش دورىسى بۇلۇپ، زۇكامدىن باش ئاغرىش، ئادەت ۋاقتىدىكى باش ئاغرىش قاتارلىق ئاغرىقلارغا قارا شىىكەر بىلەن چاي قىلىپ ئىچسە ئاغرىق پەسەيتىدۇ.گەجگە ۋە پۇت-قول ئۇگە، بۇغۇملىرىنىڭ ئاغرىشىغا، زەنجىۋىلنى يالپاقلاپ تۇز سىپىپ ئاغرىغان ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە ئاغرىق توختىتىدۇ.

5.بەرەڭگە - تەبئى ئاغرىق توختىتىش دورىسى بۇلۇپ، ھاراقتىن كىيىنكى باش ئاغرىش، ئىچى سۇرۇشتىن كىلىپ چىققان بەدەندىكى كالى مىقدارىنىڭ ئازىيىشىدىنكى باش ئاغرىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.

6.ھەسەل-تەبىئى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى بۇلۇپ، يارا بولغان ئورۇنغا بىۋاستە ھەسەل سۇرۇپ قويسا، ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپلا قالماي يەنە يارىنىڭ تىز ساقىيىشىغا پايدىسى بار.چاي دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە، بەدەننى قۇۋەتلەشتىن سىرىت چىراينى گۇزەللەشتۇرىدۇ.

7.بانان:تەبئى ئۇيقۇ دورىسى بۇلۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر تال بانان يەپ ياتقاندا، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ مىتابولىزىمنى راۋاجلاندۇرىدۇ،ئۇيقۇ سۇپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.سەمىرىپ كىتىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

8.پەمىدۇر:تەبئى بولغان كۇن نۇرىدىن ساقلاش دورىسى بۇلۇپ، ئوكسىدسىزلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان قىزىل پىگمىنىت ۋە ۋىتامىن C تىرىنىڭ ئاپتاپقا بولغان سەزگۇرلىكىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

9.ئۇزۇم:تەبئى قېرىشنى كىچىكتۇرگۇچى دورا بۇلۇپ، ئۇزۇمنىڭ پوستى ۋە ئۇرۇقى بىلەن قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا بەدەننىڭ ۋە ھەرقايسى ئەزانىڭ قېرىشنى كىچىكتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

10.كاللەكسەي:تەبىئى ئاشقازان دورىسى بۇلۇپ، ئاشقازان ئۇچەينىڭ لۆمۇلدىشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ، يىمەكلىكنىڭ ئۇزۇل-كىسىل سۇمۇرۇلىشىگە ياردەم قىلىدۇ.ئاشقازان يارىسى ۋە ئون ئىككى بارماق ئۇچەي يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

11.دولانە:تەبئى ماي سىيرىغۇچى دورا بۇلۇپ، ئىشتىھانى ئىچىش بىلەن بىللە، قاندىكى خولىتسىرىنىنى قۇيۇپ بېرىپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ. قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كەتكەنلەر ئىزچىل ئىستىمال قىپ بەرسە قاندىكى ماي تۇراقلىشىدۇ.

12.قارا ئۆرۈك قېقى:تەبىنى قەۋزىيەت دورىسى بۇلۇپ، قەۋزىيەت ئازابىدىن قىينىلىۋاتقانلار قارا ئۆرۈك مىۋىسى ياكى قېقىنى شۇ بويىچە ياكى چايغا چىلاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە تەرەتنى يۇمشىتىپ مىتابولىزىمنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

13.بۆلجۇرگەن:تەبئى ۋىتامىن بۇلۇپ، بولجۇرگەن تەركىبىدىكى ۋىتامىن زەيتۇن تەركىبىدىكى ۋىتامىندىن 3ھەسسە، ئۇزۇمۋە ئالما  تەركىبىدىكى ۋىتامىندىن 10ھەسسە ئارتۇق.

14.ئاناناس:تەبىئى ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش دورىسى بۇلۇپ،ئىشتىاھانى ئاچىدۇ.بەدەندىكى ماينى پارچىلايدۇ.ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار كىشىلەر ۋە تاماقنى زىيادە كۆپ يەۋالغانلار ئىستىمال قىلسا ئۇنۇمى بەك ياخشى. 

15.ئاق مور:تەبىئى ئۆپكىنى سىلىقلاش دورىسى بۇلۇپ، ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق پەسىلدە(ئەتىياز ۋە كۈز) پەسىللىرىدە يەپ بەرسە ئۆپكىنى سىلىقلاپ، نەپەسنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرىت تىرىنىڭ سۇ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، چىراي گۇزەللەشتۇرىدۇ.

 16.ئاپلىسىن سۈيى:تەبىئى روھنى كۇچلەندۇرگۇچى دورا بۇلۇپ، ھارغىنلىقنى تۇگىتىدۇ.چارچاش ۋە ھارغىنلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا  قەھۋەدىن ئاپلىسىن سۇيىنىڭ ئۇنۇمى ياخشى.

bilimdan  #bimilzar#

No comments:

Post a Comment