تارتىش كۈچى دۇلقۇنى راستىنلا قارا ئۆڭكۈردىن كەلگەنمۇ؟
شۇنىڭ بىلەن 2016ـ يىلىنىڭ بېشىدا، ئالىملار «مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىلمىي بۆسۈش» نى ھاسىل قىلىپ، تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ تارتىش كۈچى دولقۇنى چوڭ ـ كىچىكلىكى تەخمىنەن قۇياشنىڭ 30 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان ئىككى قارا ئۆڭكۈر سوقۇلغاندا پەيدا بولغان.لېكىن بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، باشقا ھادىسىلەرمۇ ناھايىتى ئاسانلا تارتىش كۈچى دولقۇنى پەيدا قىلىدىكەن، مەسىلەن، قۇرت ئۆڭكۈرى ياكى گراۋەستېر ( بىر خىل ئىچكى قىسمى يوشۇرۇن ماددىدىن تەركىب تاپقان ئاسمان جىسىمى ).
ئالىملار 2016ـ يىلى 2ـ ئايدا تارتىش كۈچى دولقۇنىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، بۇ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ۋاقىت ـ بوشلۇق دىستورتسىيە(ئىگىلىش،تولغۇنۇش) ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ، ئېينىشتىيىن 1915ـ يىلىلا كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىدە بۇ بىشارەتنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 1 مىليارد 300 مىليون يورۇقلۇق يىلى بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىزنىڭ ئالەم بوشلۇقىمىزنىڭ ئالەملىك چوڭ پارتىلاشتىن ھاسىل بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
بۇ تارىخىي سىگناللارنى لويىزاننا ئىشتاتى ۋە ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئىككى ئىلغار لازېر نۇرى ئىنتېرفېرېنسىيىسى تارتىش كۈچى دولقۇنى رەسەتخانىسى بايقىغان.ئەينى چاغدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئاۋېي لېبنىڭ قارىشىچە، بىر غايەت زور تۇرغۇن يۇلتۇز ئىككى قارا ئۆڭكۈرنى ھاسىل قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇ گامما نۇرى سىگنالى پەيدا بولغان.
ئۇ يەنە بەزى قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئاتالمىش «قوڭغۇراق تەۋرىنىش سىگنالى» شەكلىدە بىرلەشكەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن.بۇرمىسىمان قارا ئۆڭكۈر قوشۇلغاندىن كېيىن، كۆپ مىقداردا تارتىش كۈچى رادىياتسىيەسى قويۇپ بېرىدۇ، «قوڭغۇراق تەۋرىنىش سىگنالى» دەل مۇشۇ جەرياندا پەيدا بولىدۇ. بۇ سىگنال ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قوشۇلۇش جەريانىنىڭ ئۈچ باسقۇچىغا ماس كېلىدۇ: ئىككى قارا ئۆڭكۈر ئايلىنىشقا باشلايدۇ، ئاندىن تەدرىجىي قوشۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا قوڭغۇراق تەۋرىنىش باسقۇچىغا كىرىدۇ.
ئەمما لىسبون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار كومپيۇتېردا تەقلىد قىلغاندىن كېيىن باشقا ھادىسىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بايقىدى.تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: نۇر ھالقىسى بار، زىچلىقى ناھايىتى چوڭ بولغان ئاسمان جىسىملىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قوڭغۇراق تەۋرىنىش باسقۇچى كۆرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىك سپېكترى قارا ئۆڭكۈر بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان تەقدىردىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
ئالىملار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قوڭغۇراق تەۋرىنىش ھادىسىسى ئاتالمىش «قارا ئۆڭكۈرگە تەقلىد قىلىش» تىن پەيدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ زىچلىقىمۇ ئىنتايىن زور، پەقەت قارا ئۆڭكۈرنىڭ ۋەقە چېگرا سىزىقى يوق خالاس. قۇرت ئۆڭكۈرى بىلەن گراۋەستېر مۇشۇنداق قارا ئۆڭكۈرگە تەقلىد قىلىنغان.
كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە،ۋەقە چېگرا سىزىقى قارا ئۆڭكۈر ئەتراپىدىكى ۋاقىت ـ بوشلۇق چېگراسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ چېگرادا يۈز بەرگەن ۋەقە سىرتتىكى كۆزەتكۈچىلەرگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.ئۇنىڭغا يەنە بارسا كەلمەس چېگرا دەپ ئېنىقلىما بېرىلدى.ئالىملار كومپيۇتېر ئارقىلىق قارا ئۆڭكۈرگە تەقلىد قىلىش تەجرىبىسىدە پەيدا بولغان قوڭغۇراق تەۋرىنىش ھادىسىسى بىلەن قارا ئۆڭكۈر بىرىككەندە پەيدا بولغان ھادىسە ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.مۇۋاپىق شارائىتتا، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق چىققان .
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment