يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ قالسىلا ئادەم ئۆلگەن ھېسابلىنامدۇ؟
بۇ تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭە ئېڭى يەنە داۋاملىق خىزمەت قىلىدىكەن، دېمەك، ئۆلگۈچى خۇددى بەدىنىگە قىسقا ۋاقىت قاپسىلىپ قالغاندەك ھەرىكەت قىلالمايدىكەن، ئۇلار تېببىي خادىملارنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزماقچى بولغانلىقىنى ھېس قىلىشى ياكى ئۆزىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان چاغدىكى ئاۋازنى ئاڭلىيالىشى مۇمكىن ئىكەن.
نيۇ ـ يورك ئۇنىۋېرسىتېتى لانگې تېببىي مەركىزىدىكى دوكتور سام پارنىيا ئۆلگەندىن كېيىنكى ئاڭنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان، ئۇ يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندىن كېيىن ئۆلۈپ تىرىلگەن 140 بىمارنى زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇن بىمارلارنىڭ دوختۇر ۋە سېسترالارنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزغان چاغدىكى ئەھۋالىنى توغرا تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.بۇ بىمارلار ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن تەپسىلاتلارنى ئىسىگە كەلتۈرگەندە، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ھەممىسى قورقۇپ كەتتى.بىراق، نۇرغۇن كىشىلەر ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇلاردا بىلىش كەمتۈكلۈكى، جاراھەتتىن كېيىنكى بېسىم كېسىلى بىمارلىرى توپى ئالامىتى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى، دوكتور سام پارنىيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ ئالامەتلەر يۈرەك توختىغاندىن كېيىنكى ئاشۇ كەچۈرمىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا،دوكتور سام پارنىيا يېقىنقى بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا، نۇرغۇنلىغان يۈرىكى تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش كېسىلى بىمارلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلەي دەپ قالغان چاغدىكى ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ بەرگەن ، ئۇلار بىر يورۇق ھەم ئىللىق نۇر مەنبەسىنى كۆرگەن،بۇ نۇر مەنبەسى ئۇلارنى قارشى ئالغاندەك تۇيۇلغان ، تاكى ئۇلار قۇتقۇزۇپ قېلىنغانغا قەدەر بۇ نۇر مەنبەسى ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
دوكتور سام پارنىيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تەتقىقات مەقسىتى يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندىن كېيىن چوڭ مېڭىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئېڭىنىڭ داۋاملىق داۋاملىشىدىغان ـ داۋاملاشمايدىغانلىقى، قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىش ئىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىمارنى قۇتقۇزۇشتىكى مۇھىم ھالقا ئىكەن ھەمدە يۈرەك قايتا سوققاندا چوڭ مېڭىنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
تورداشلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇڭا ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسا پايدىسى بار، بوۋامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى گېپىمنى ئاڭلىغان ـ ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئۆزۈمنى پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلدىم.
بىراق يەنە بەزى تورداشلار بۇ يەردە ئۆلۈم دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش توغرا ئەمەس، يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق يۈرەك سوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن، تېببىي جەھەتتە ئۆلۈمنىڭ ئۆلچىمى مېڭە ئۆلۈش بولۇپ ، ھەرگىزمۇ يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلىنغان.
#bilimdan #bilimzar
بىلىمدان #بىلىمزار#
No comments:
Post a Comment