ساتۇرن نۇر ھالقىسى قانداق شەكىللەنگەن ؟
ساتۇرننىڭ كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان يىرى ئاشۇ گۈزەل ساتۇرن ھالقىسى بولۇپ. 1610 - يىلى گالىلېي تېلېسكوپ ئارقىلىق ساتۇرن نۇر ھالقىسىنى تۇنجى قېتىم كۆزەتكەن.لېكىن ئۇ ۋاقىتتا ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسى گاھ كۆرۈنۈپ،گاھ كۆرۈنمەي بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە قايتا كۆرگەن.ئۇنداقتا گۈزەل ساتۇرن نۇر ھالقىسى قانداق شەكىللەنگەن؟ساتۇرن قوياشنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغان بارلىق سەييارىلەر ئىچىدە ھەجىم جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، يۇپىتېر بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ.
يەر شارى ساتۇرن بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كىچىك بولۇپ، 745 يەر شارىنى قوشقاندا ئاندىن بىر ساتۇرنغا يېتەلەيدۇ.لېكىن ساتۇرن بەكلا ئاجىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىقى ئاران 0.7 گرام / سانتىمېتىر بولۇپ، سۇنىڭ زىچلىقىدىنمۇ كىچىك. ئەگەر بارلىق سەييارىلەر سۇغا تاشلىۋېتىلسە، ئۇنداقتا سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىدىغىنى ساتۇرن بولىدۇ.لېكىن ساتۇرننىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى بار. ئۇ بولسىمۇ گۈزەل نۇر ھالقىسى.بۇ نۇر ھالقىسى خۇددى پارقىراپ تۇرغان مارجانغا ئوخشاش ساتۇرننىڭ بوينىغا ئېسىقلىق تۇرىدۇ.1979 - يىلى<پېشۋا> 11 - نومۇر ساتۇرن ئاسمىنىغا ئۇچۇپ كېلىپ،ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسىنىڭ خۇددى بىر پارچە<زىچ يول> غا ئوخشايدىغانلىقىنى،چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان كىچىك تاش ۋە مۇز پارچىلىرىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى،ئۇلارنىڭ زىچ تىزىلىپ،بىرلىكتە ساتۇرننى چۆرىدەپ ئايلانغانلىقىنى بايقىغان.يەر شارىدىن قارىغاندا،ساتۇرن نۇر ھالقىسىنىڭ شەكلى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ھەتتا<يوقاپ كىتىدۇ>.بۇ قانداق ئىش ؟
ئەسلىدە،بۇنى نۇر ھالقىسىنىڭ شەكلى بەلگىلىگەن.ساتۇرن نۇر ھالقىسىنىڭ كەڭلىكى 270 مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ،قېلىنلىقى 10 كىلومېتىر كېلىدۇ،كەڭلىكى بىلەن قېلىنلىقى ئۇنى قارىماققا ئون پۇڭلۇق تەڭگە كەڭلىكتىكى، ناھايىتى نېپىز قەغەز ھالقىدەك كۆرسىتىدۇ.بۇ < قەغەز ھالقا>نىڭ ئالدى تەرىپى يەر شارىغا قارىغان چاغدا،كىشىلەر پەقەت قەغەزگە ئوخشاش نېپىز بىر يىپنىلا كۆرەلەيدۇ،< قەغەز ھالقا> ئاساسەن<يوقىلىش> ھالىتىدە تۇرىدۇ.17 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيەنىڭ ئالىمى گاللىلېي ساتۇرننى كۆزەتكەندە،ساتۇرننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى<قۇلاق> دەك نەرسە كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقىغان. 17- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گوللاندىيەلىك ئالىم ھۇيگېنس ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسىنى بايقىغاندىن كېيىن،ئۇ بىۋاسىتە كۆزىتىشكە ئامراق بولۇپ قالغان.ئۇنداقتا ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسى قانداق شەكىللەنگەن ؟ ساتۇرن نۇر ھالقىسى نېمە ئۈچۈن سان - ساناقسىز ئىنچىكە ھالقىلارنى ئايرىپ چىقالايدۇ.
كاسسىنى ناملىق تەكشۈرۈش ماشىنىسى ساتۇرن ئوربىتىسىغا كىردى
ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 2004 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتە،7 يىلدا 3 مىليارد 500 مىليون كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن كاسسىنى ناملىق تەكشۈرۈش ماشىنىسى ئاخىرى ساتۇرن ئوربىتىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىپ، ساتۇرن نۇر ھالقىسىنى تۆت يىللىق تەكشۈرۈشنى باشلىدى.1610- يىلى گالىلېي تۇنجى بولۇپ تېلېسكوپنى ئاسمانغا قاراتقاندىن كېيىن،ساتۇرن كىشىلەرگە غايەت زور تەسىرلەرنى قالدۇردى.گالىلېي ساتۇرننىڭ يالغۇز نۇر چىقىرىدىغان جىسىمغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ شەكلى ئۈچ بىرلەشمە يۇلتۇزغا ئوخشايدىغانلىقىنى،چوڭ يۇلتۇزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى كىچىك يۇلتۇز بىلەن مەركەزلىك بىرلىشىپ بىر تۈز سىزىق ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن.گالىلېي ئۇدا ئۈچ يىل كۆزىتىپ،ساتۇرننىڭ بۇ خىل شەكلىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى بايقاپ،ساتۇرننىڭ ئىككى ھەمراھى بار دەپ ھۆكۈم قىلغان،ئەمما بۇ ئىككى ھەمراھ قىلچە ھەرىكەتسىز ھالدا ساتۇرنغا مۇقىملاشقان.ئەمما،ئارقىدىنلا بۇ ئىككى ھەمراھنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە پەيدا بولىدىغانلىقىنى،يەنە كېلىپ ساتۇرننىڭ تېخىمۇ كۆپ غەلىتە شەكلىنى كۆرگەنلىكىنى بايقىغان.گالىلېي بۇنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغان.
گوللاندىيەلىك ھۇيگېنس ساتۇرننى تېخىمۇ يۇقىرى ھەسسىلىك تېلېسكوپ بىلەن كۆزەتكەندىن كېيىن گالىلېي تەسۋىرلىگەن ساتۇرن ھەمراھىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىككى ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن،بىراق ئۇ بىر ساتۇرن ھەمراھىنى بايقىغان، كېيىن تىتان دەپ ئاتالغان.بۇ ھازىرغىچە بايقالغان ساتۇرننىڭ جەمئىي 31 ھەمراھى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ.1656 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ھۇيگېنس ساتۇرننىڭ شەكلى توغرىسىدىكى جاۋابىنى ئېلان قىلغان.بىراق بۇ جاۋاب تېپىشماق شەكلىدە ئېلان قىلىنغان،ھۇيگېنسنىڭ بۇ جاۋابى بىلەن كىشىلەر مەلۇم دەرىجىدە قايمۇقۇپ قالدى.
1675-يىلى مەشھۇر ئالىم كاسىنى ھۇيگېنس بايقىغان ساتۇرن نۇر ھالقىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە قوش ئىكەنلىكىنى،ئىچكى - تاشقى ئىككى قات ھالقىلارنىڭ ئارىلىقىنى بىر قاراڭغۇ يوچۇق ئايرىغانلىقىنى بايقىغان،بۇ يوچۇققا ھازىر كاسسىنى يوچۇقى دەپ نام بېرىلگەن.كاسسىنىي ساتۇرن نۇر ھالقىسى سانسىزلىغان كىچىك دانچىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇشى مۇمكىن،لېكىن ئەينى چاغدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى 200 يىل ئىچىدىكى ساتۇرن نۇر ھالقىسى قاتتىق ھالەتكە كەلگەن،كاسسىنىي يوچۇقى پەقەت قاتتىق ھالەتتىكى ھالقىنىڭ قاراڭغۇ بەلگىسى دەپ قارالغان.1856-يىلىغا كەلگەندە ئەنگلىيەدىكى داڭلىق مىسسىۋېل مېخانىكا نەزەرىيىسى ئارقىلىق ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسى قاتتىق ياكى سۇيۇق جىسىم بولسا،ئۇنداقتا ئۇ ئايلانغاندا ئالەملىك تارتىش كۈچى ئۇنى يىرتىۋېتىدۇ،ئەگەر ئۇ سان - ساناقسىز كىچىك مۇقىم دانچىلاردىن تۈزۈلگەن بولسا،مېخانىكا جەھەتتە مۇقىم بولىدۇ دەپ قارىغان.كېيىن تېلېسكوپ ۋە سەييارىلەر ئارا كۆزىتىش ئارقىلىق ساتۇرن نۇر ھالقىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرىغا ئېرىشكەن، ئەلۋەتتە، كاسسىنىڭ ۋە مىسسىۋېل نەزەرىيەسىنىڭ توغرىلىقىنىمۇ ئىسپاتلاپ چىققان.
كىشىلەر بۇ قېتىمقى كاسسىنى ناملىق تەكشۈرۈش ماشىنىسى زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى،ئۇنىڭ ساتۇرننىڭ تېخىمۇ كۆپ سىرلىرىنى ئېچىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپلا قالماي،ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسى سىستېمىسىنى كۆزىتىش جەريانىدا نۇر ھالقىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ شەكىللىنىش سىرىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى.كاسىنى ناملىق تەكشۈرۈش ماشىنىسى يەنە قونۇش ئەسۋابىنى ئېلىپ ماڭغان بولۇپ،ئالتە ئايدىن كېيىن كاسىنى ناملىق تەكشۈرۈش ماشىنىسى تىتانغا يېقىنلاشقاندا قونۇش ئەسۋابىنى يۇپىتېرنىڭ ئەڭ چوڭ ھەمراھىغا قويۇپ بەردى،قونۇش ئەسۋابىغا تىتان بايقىغۇچىنىڭ ئىسمى ھۇيگېنس نام بەردى.
ساتۇرننىڭ تاقىۋالغان نۇر ھالقىسى ئىلگىرى ئۇنىڭ مۆجىزىسى دەپ قارالغان.ئالىملار نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە،توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۇپىتېر، ئۇران ۋە نېپتۇننىڭمۇ نۇر ھالقىسى بار ئىكەن.
1. نۇر ھالقىسى بار بولغان بۇ تۆت سەييارە ئىچىدە ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسى ئەڭ ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىپ گۈزەل.تارىختا ساتۇرن نۇر ھالقىسىنى ئىتالىيەلىك گالىلېي بايقالغان.1610- يىلى گالىلېي ئەمدىلا كەشىپ قىلىنغان ئاسترونومىيە تېلېسكوپى ئارقىلىق ساتۇرننى كۆزىتىپ،ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئاجايىپ بىر نەرسە بارلىقىنى بايقىغان.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،ئۇ ۋاپات بولغۇچە ئۇ نەرسىنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكى بىلەلمىگەن.
2. 1655-يىلى گوللاندىيەلىك ھۇيگېنس ساتۇرن نۇر ھالقىسى شەكلىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدىكى سەۋەبنى ئېنىقلاپ چىقتى.بىز دەل ئۇنىڭ يان تەرىپىدىن قارىغىنىمىزدا،نېپىز نۇر ھالقىسى يوقتەك كۆرۈنىدۇ. ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 10 نەچچە كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 6.6 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ بىرقانچە ھالقىسىمان بەلباغقا ئايرىلىدۇ،ئوتتۇرىسىغا قاراڭغۇ ھالقىسىمان چاك قىستۇرۇلغان بولىدۇ.
3.<ساياھەتچى 1 - نومۇر> 1977 - يىلى 9 - ئايدا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، 1979 - يىلى 3 - ئاينىڭ بېشىدا، ئۇ يۇپىتېرغا تەخمىنەن 275 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن يۇپىتېرنىڭمۇ بىر توپ ئىنچىكە ھالقىلىرى بارلىقىنى بايقىغان.يۇپىتېرنىڭ نۇر ھالقىسىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر،ئومۇمىي كەڭلىكى 6000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ،نۇر ھالقىسى بىلەن يۇپىتېرنىڭ مەركىزىي ئارىلىقى 128 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ.
ساتۇرن ھالقىسىمان قۇرۇلمىسى قانداق شەكىللەنگەن
ساتۇرن ھالقىسىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك ۋە روشەن بولغان بىر ھالقا ئىچىدە سان - ساناقسىز كىچىك دانىچىلار بولىدۇ،ئۇنىڭ كىچىكلىرى ھەتتا گۈرۈچچىلىك بولىدۇ، زەررىچىلەر يىغىلىپ ساتۇرننى ئايلىنىدۇ.ھالقىدىكى دانچىلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ مۇزى،يەنە بەزى چاڭ - توزان ۋە باشقا خىمىيىلىك ماددىلار.
گەرچە ھالقىنىڭ رېفلېكسى ساتۇرننىڭ يورۇقلۇقىنى ئاشۇرسىمۇ،لېكىن يەر شارىدىن ئادەتتىكى كۆز بىلەن ھالقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.1610 - يىلى تېلېسكوپ تۇنجى قېتىم ئاسمانغا قارىتىلغاندا،گالىلېي گەرچە ھالقىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن بولسىمۇ،لېكىن ئۇ يەنىلا ساتۇرن ھالقىسىنى كۆزەتكەن تۇنجى ئادەم بولۇپ قالدى.1655 - يىلى ھۇيگېنس تۇنجى قېتىم ساتۇرن ھالقىسىنى تەخسىسىمان دەپ تەسۋىرلىگەن ئادەمگە ئايلانغان.گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر ساتۇرن ھالقىسى نۇرغۇن ئۇششاق ھالقىلاردىن ھاسىل بولغان دەپ قارىسىمۇ، تېخىمۇ توغرا قاراش شۇكى،بۇ ھالقىلارنىڭ زىچلىقى ۋە يورۇقلۇقى جەھەتتە ئىنتايىن قىممەتلىك ھالقا تەخسىسى بولىدۇ.توپلامنىڭ ئۆلچىمىدە،ھالقا ئارىسىدا نۇرغۇن كاۋاك بوشلۇق بولىدۇ.
ھالقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەزى بوشلۇقلار بار:بۇ بوشلۇق ھالقا ئىچىگە كۆمۈلۈپ قالغان ھەمراھلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەۋرىنىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان، باشقا بوشلۇقلارنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى تېخى نامەلۇم.مۇقىم ھالقا،يەنە بىر تەرەپتىن،بىر قىسىم ھالقىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان،خۇددى تىتان ھالقىسى ۋە G ھالقىسىغا ئوخشايدۇ.ساتۇرن ھالقىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى دانچىلاردىن تۈزۈلىدۇ،ئوخشاش بولمىغان رەڭلەر ئوخشاش بولمىغان دانچىلارنىڭ ئۆلچىمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ،يېشىل رەڭ ئەڭ كىچىك دانچىدۇر.نۆۋەتتە،ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ساتۇرن ھالقىسىدىكى مۇز كىرىستالى بىلەن تاغ جىنسلىرىنىڭ تارقىلىش قۇرۇلمىسى دانچىلارنىڭ قايتا - قايتا سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان،كۆپ ساندىكى دانچىلارنىڭ دىئامېتىرى بىر مېتىردىن كىچىك، ھەجىمى چوڭراق دانچىلىرى ئىنتايىن ئاز. ئەڭ ئىپتىدائىي ساتۇرننىڭ ھالقىسىمان قۇرۇلمىسى ھازىرقى ھالقىسىمان قۇرۇلمىنىڭ تەخمىنەن 10 - 100 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،ھالقىسىمان قۇرۇلمىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى مۇز ماددىسى ساتۇرننىڭ ھەمراھى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن .شۇڭا، نامسىز غايەت زور سەييارە بىلەن ھىدروگېن قاتلىمى سوقۇلۇشىدىن ھەيۋەتلىك ھالقىسىمان قۇرۇلما ھاسىل بولغان ھەمدە يېڭى ھەمراھ بارلىققا كەلگەن. ئالىملار ھىدروگېن قاتلىمى بۇ غايەت زور ھەمراھنىڭ ۋەيران بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارايدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،بىر ھەيۋەتلىك ھالقىسىمان قۇرۇلما شەكىللەنگەن ،بۇ< ئالەمنى قەستلەش ۋەقەسى> نىڭ دەلىلى.بۇ غايەت زور ھەمراھ ۋەيران بولغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ ماسسىسى داۋاملىق كىڭەيگەن بولۇپ، بىر خىل مۇز قاتلىمىنىڭ قۇرۇلمىسى ساتۇرننى پەيدا قىلىشقا باشلىغان،شۇنىڭ بىلەن ساتۇرن نۇر ھالقىسى بارلىققا كەلگەن.
#biliman
bilimzar#
No comments:
Post a Comment