NASA نىڭ ئارخىپخانىسىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 13 پارچە سۈرەت
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 2017-يىلى سۈرەت ۋە سىن ماتېرىياللىرى تور بېكىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنى كۆپ مىقداردا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەت بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. تۆۋەندىكىسى NASA توپلىغان ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 13 پارچە سۈرەت. سۈرەتتە: ھازىرغا قەدەر يەر شارىنىڭ ئەڭ تەپسىلىي سۈرەتلىرىنىڭ بىرى. خۇددى كۆك رەڭلىك مەرمەر تاشقا ئوخشايدىغان يەر شارى ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى Suomi NPP دىكى كۆرگىلى بولىدىغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تەسۋىر ھاسىل قىلىش رادىياتسىيە ئەسۋابى (VIRS) دا تارتىلغان سۈرەتكە ئاساسەن ياسالغان بولۇپ، يەر شارىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەپسىلاتلىرى نامايان قىلىنغان.
بۇ ھەيۋەتلىك سۈرەتتە، قىزىل سىرتقى نۇر ۋە X نۇرىنىڭ كۆزىتىشى بىلەن توسۇۋالغان چاڭ-توزاننى تېشىپ ئۆتۈپ، يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ يادروسى ئەتراپىدىكى كۈچلۈك پائالىيەت ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ مەركىزى سۈرەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى يورۇق ئاق رەڭلىك رايون ئىچىگە جايلاشقان.
ئاسترونوملار NASA ۋە ESAنىڭ خۇببل ئالەم تېلېسكوپىنى ئىشلىتىپ قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ سەييارە-يۇپىتېرنىڭ ئىككى قۇتۇپىدىكى قۇتۇپ نۇرىنى تەتقىق قىلغان. يۇپىتېر، قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ سەييارە بولۇپ، ئۇ رەڭگارەڭ بوران-چاپقۇنى بىلەن داڭلىق، ئەڭ داڭلىق بولغىنى ئۇنىڭدىكى چوڭ قىزىل داغ. ھازىر، ئاسترونوملار خۇببل تېلېسكوپىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، دىققىتىنى بۇ سەييارىنىڭ يەنە بىر گۈزەل ئالاھىدىلىكىگە مەركەزلەشتۈردى. يېڭى كۆزىتىشتە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان كۆك رەڭلىك قاينام قۇتۇپ نۇرى (Auroras) دەپ ئاتالغان. ئۇ يۇقىرى ئېنېرگىيە زەررىچىلىرى سەييارىلەرنىڭ ماگنىت قۇتۇپى ئەتراپىدىكى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەن ھەمدە گاز ئاتوملىرى بىلەن سوقۇلغاندا پەيدا بولغان.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى سىپىز ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپى ئارقىلىق تارتقان بۇ سۈرەت يەر شارىغا 1450 يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان ئوۋچى يۇلتۇز بۇلۇتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان چوڭ ماسسىلىق «تۇرغۇن يۇلتۇز ياساش زاۋۇتى»دۇر. يۇلتۇز بۇلۇتى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، كۆز بىلەن كۆرسە خۇددى يۇلتۇز تۈركۈمى شەمشەر ئۈستىدىكى غۇۋا يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ.
1997-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مارسنى تەكشۈرگۈچىسى تارتقان مارس مەنزىرىسى.
بۇ كارتون سۈرەت قۇياش يورۇتقان ئاي شارىنىڭ يىراق ئۇچىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
بۇ سۈرەت NASAنىڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىنى كۆزىتىشىدىن كەلگەن. ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمى سامانيولى سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇلتۇز تۈركۈمى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يۇلتۇز تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى يولۇچىلارنىڭ قېچىپ قۇتۇلۇش ئۇچقۇسىنى قوغداش سىستېمىسىنىڭ سۈرىتىنى سىناق قىلدى.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ خۇببل تېلېسكوپى ئۈچ نۇر يىلى ئېگىزلىكتىكى گاز ۋە چاڭ-توزان تۈۋرۈكىنىڭ ئۈستىدىكى قالايمىقان ھەرىكەتلەرنى تارتىۋالغان بولۇپ، بۇ گاز ۋە چاڭ-توزانلار يېقىن ئەتراپتىكى نۇرلۇق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ كۈچلۈك نۇرى تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگەن.
ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېدۋارد، جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى-تىتان تۆتىنچى نومۇرنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى. بۇ ئۇنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىۋاتقان ۋاقىتتىكى سۈرىتى. ئۇنىڭ يۈزىنى نىقاب توسۇۋالغان بولۇپ، بۇ نىقاب قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشىدىن ساقلايدۇ. ئېدۋارد تۇنجى بولۇپ ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى-تىتان تۆتىنچى نومۇرنىڭ 3-قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىدە، ئۇ ئالەم كېمىسى سىرتىدا 21 مىنۇت تۇرغان.
ئالەم ئۇچقۇچىسى جون ياڭ، ئاپوللو 16-نومۇرنىڭ ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قوماندان. ئۇ تۇنجى قېتىم ئاپوللو 16-نومۇرلۇق بۆلۈمچىنىڭ سىرتىدا ھەرىكەت قىلغان مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا قاراپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن.
بۇ سۈرەت ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ «قىزىقىش» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ئاپپاراتىدا تارتىلغان بولۇپ، شاپ تېغىنىڭ تەنھا چوققا توپى رايونىدىكى بىر قەۋەت نەپىس قەۋەتلىك تاغ جىنسلىرى سۈرەتكە تارتىلغان.
ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا تارتىلغان بۇ سۈرەت يەر شارىنىڭ ئاي شارى ئۇپۇق سىزىقىدىن كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سۈرەتتىكى ئورۇن ئاي شارىنىڭ سمىس دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدىكى رايون.
bilimdan# bilimzar#
No comments:
Post a Comment