Search This Blog

Wednesday, September 4, 2019

ۋاقىت ساياھىتى راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟

ۋاقىت ساياھىتى راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟

ۋاقىت بىلەن ۋاقىت ئارىلىقىدا ساياھەت قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئارزۇسى.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئۇسۇللارنى تەسەۋۋۇر قىلدۇق.ھالبۇكى،بىز ھەممىمىز ئەمەلىيەتتە ۋاقىتنىڭ ساياھەتچىسى، پەقەت بىز سېزەلمەيمىز خالاس. تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە.ئالەمدىكى سۈپەتكە ئىگە بارلىق جىسىملار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئەمما ماسسىسى يوق زەررىچىلەر مەسىلەن فوتون ۋاقىتنى ھېس قىلالمايدۇ، دەپ خاتىرلەنگەن. 

ئەگەر بىز يورۇقلۇق بولغان بولساق، نۇر تارقىلىشتىن تارتىپ سۈمۈرۈلگىچە بولغان ئارىلىق مەيلى قانچىلىك يىراق بولسۇن، ھەربىر ھەركىتىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تاماملانغان بولاتتى.ھەربىر فوتوننىڭ نەزىرىدە، قانچىلىك چوڭ ئالەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى بىر نۇقتىغا قىسقارتىلىدۇ.سۈپەتكە ئىگە جانلىقلاردىن- مەسىلەن بىز ئىنسانلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈۋاتقىنىنى ھېس قىلالايمىز.  

سۈپەتكە ئىگە بارلىق جىسىملارنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى ۋاكۇئۇملۇق يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ.بۇ ئېينىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان بىر فۇرمۇلا.جىسىمنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى مەيلى قانچىلىك تېز بولسۇن، ۋاكۇئۇملۇق يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. يەنى سىز قانچىلىك تېز يۈگۈرۈشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىن چىققان فوتوننىڭ ۋاكۇئۇملۇق سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا ھەر سېكۇنتىغا 30 مىڭ كىلومېتىر بولىدۇ.يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ تۇراقلىقى، سۈپەتكە ئىگە بولغان جىسىم ئۈستىدە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر نەتىجىنى-ۋاقىتنىڭ ئۆتۈش سۈرئىتىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.جىسىمنىڭ ھەرىكىتى قانچە تېز بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۇنىڭ بەدىنىگە بولغان ئېقىش سۈرئىتى شۇنچە ئاستا بولىدۇ.ئەگەر جىسىمنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشسا،ئۇنداقتا ۋاقىتنىڭ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئېقىش سۈرئىتى توختاپ قېلىشقا ئازلا قالغان بولدۇ.شۇڭا ئەگەر بىز كەلگۈسىگە بارماقچى بولساق،پەقەت ئۆزىمىزنىڭ سۈرئىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتسەكلا بولىدۇ.

ئەگەر بىز يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىن ئۇچالىساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئۇچۇش ۋاقتىمىز قانچە ئۇزۇن بولسا، يەر شارىدىكى ۋاقىت بىلەن بولغان پەرقىمىز شۇنچە چوڭ بولىدۇ.بىر قانچە يىلدىن كېيىن يەر شارى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا قايتىپ كەلسەك، بىز ئىنسانلارنىڭ ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ياكى يەر شارىنىڭ غايەت زور قۇياش تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگەنلىكىنى بايقايمىز.سامانيولى سىستېمىسى ئاللىقاچان ئاندرومېدا يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن بولۇشى.ھەتتا سۇغۇق ئالەمنىڭ ئۆزىمۇ ئىسسىقلىق ئىچىدە جىمجىت بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇ خام خىيال.  يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىن ساياھەت قىلىش نەزەرىيە جەھەتتە بىر غايەت زور قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ.ئىنسانلار بۇنىڭغا ئامالسىز.لېكىن ئەمەلىيەتتە،بۇ خىل نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېففېكتى ھەر ۋاقىت چىنلىق بىلەن يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.  پەقەت جىسىم ھەرىكەت قىلغاندىلا، ئوخشىمىغان پايدىلىنىش سىستېمىلىرى ئارىسىدىكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۈرئەت پەرقى پەيدا بولىدۇ.

گەرچە كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ پەرق تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بولسىمۇ،لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن مەۋجۇت.بىزنىڭ ئايروپىلانىمىز تىنچ ئوكيان بوشلۇقىدا ئۇچۇپ يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندە، بىز يەر يۈزىدىكى تەڭتۇشلاردىن ياشراق تۇرىمىز. ئەمما بۇ پەرققە بىز پەرۋا قىلمايمىز.  يەر شارى ئوربىتىسىدا يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچىدىغان سۈنئىي ھەمراھ مەلۇم بىر مەزگىلدىن كېيىن ۋاقىتنى توغرىلايدۇ.سۈنئىي ھەمراھنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى ئىنتايىن تېز،شۇڭا بۇ خىل پەرق چوڭىيىپ.سائەت پەرقىنى پەيدا قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتتى.بىز ھەممىمىز ۋاقىت ساياھەتچىسى.  پەقەت بىز ھەرىكەت قىلىپ، ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە يۈگۈرسەكلا،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ئاستىلاپ كېتىدۇ، بەلكىم بىزمۇ كەلگۈسىدىن ھالقىپ كېتىمىز.

#bilimdan    #bilimzar 

No comments:

Post a Comment