دىنوزاۋرلار بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان تىمساھ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ھايات قالغان

پالېئونتولوگلار نۇرغۇنلىغان دىنوزاۋرلارنىڭ تاشقاتمىسىنى بايقىغان بولۇپ، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بۇ دىنوزاۋرلار ئەينى چاغدىكى ئاپەتتە ناھايىتى تېزلا ئۆلگەن بولماستىن، بەلكى ئاز بىر قىسىم دىنوزاۋرلار ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بەرداشلىق بېرىپ ياشىغان، دىنوزاۋرلارنىڭ تولۇق نەسلى قۇرۇپ كېتىشىنىڭ كونكرېت سەۋەبى بولسا، ئەينى چاغدا يەر شارىنىڭ مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، بۇ ئۆزگىرىشلەر دىنوزاۋرلارنىڭ ئوزۇقلۇق زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئىلگىرىكى بۇ «زومىگەر» لەر ئاچلىقتىن ئۆلگەن، ئۇنداقتا دىنوزاۋرلار بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان تىمساھ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ؟

يەنە بىر جەھەتتىن، تىمساھنىڭ ئاچلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، دىنوزاۋرنىڭ زورلۇق بىلەن تۇتۇپ يېيىش ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، تىمساھنىڭ ئوزۇقلۇق تۇتۇش ئۇسۇلى تېخىمۇ ئالاھىدە. كىشىلەرنىڭ تىمساھنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىشىچە، تىمساھ ئوزۇقلۇق تۇتقاندا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بەدىنىنى سۇغا يوشۇرۇپ ئولجىغا ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىدۇ ھەمدە پۇرسەت تاللاپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل تىمساھنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ خورىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىمساھ ئوزۇقلۇق يېمەيمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالايدۇ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر دىنوزاۋرلاردا يوق.
تىمساھنىڭ كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوۋ ئوۋلىغاندا دائىم توپلىشىپ ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، ئۇلاربۇ خىل يۈكسەك ماسلىشىشچانلىقى ئارقىلىق چوڭ تىپتىكى ھايۋانلارنى تېخىمۇ ئاسان ئۆلتۈرەلەيدۇ، دىنوزاۋرغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، تىمساھ باشقا تىمساھلار بىلەن ئولجىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ خىل ھەرىكەتمۇ تىمساھنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاچقۇچى.
دىنوزاۋرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشى بىلەن تىمساھلار ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن، لېكىن كېينىچە كىشىلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئوۋلىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن تىمساھلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن، ھازىر ھايات قالغان تىمساھلارنىڭ تۈرى ئاران 20 خىلدىن ئاشىدۇ، نۇرغۇن تىمساھ تۈرلىرى ھەتتا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
bilimdan#
bilimzar#
No comments:
Post a Comment