ئالما يېڭى پاتېنتى: تېرىمۇ شەخسىي پەرقلەندۈرۈش كودىغا ئايلىنالايدۇ، ئالما ئەقلىي سائىتى ئەمدى ئېگىسىنى تونۇيالايدۇ؛ پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمىمۇ بىر-بىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ ۋە ھېسداشلىق قىلىدۇ؟؛ سۈنىي ھەمراھ 2020-يىلىدىن باشلاپ پۈتكۈل شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا ئوپتىك تالالىق ئۇلىنىش بىلەن تەمىنلەپ، شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىدا تورلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
1. ئالما يېڭى پاتېنتى: تېرىمۇ شەخسىي پەرقلەندۈرۈش كودىغا ئايلىنالايدۇ، ئالما قول سائىتى ئەمدى ئېگىسىنى تونۇيالايدۇ

TechCrech نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك پاتېنتنىڭ بىئولوگىيىلىك ئىسپات بېرىش ئىقتىدارى قول بېغىشى تېرىسىگە قارىتا يېقىن ئارىلىقتا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشقا چېتىلىدىكەن. بۇ بەلكىم بىر قالتىس تېخنىكا بولۇشى مۇمكىن، قانداق قىلغاندا سېنزور ئورنىتىلغان ئالما قول سائىتى ئارقىلىق سائەت تاقىغان قول بېغىشىنىڭ تېرىسىنى پەرقلەندۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق قول بېغىش تېرىسى شەخسىي پەرقلەندۈرۈش كودىغا ئايلىنىدۇ، خۇددى بىز ھازىرئىشلىتىۋاتقان تەسۋىر كۆچۈرگەنگە، چىراي تونۇتۇش تېخنىكىسىغا ئوخشاش.
بۇ پاتنېتتا قول سائىتىنىڭ ئۇنى تاقىغۇچىنىڭ قول بېغىش ئېنفېرا قىزىل نۇرلۇق تەسۋىرىنى قانداق سۈرەتكە تارتىدىغانلىقى، تېرە سىزىقچىلىرى تەسۋىرىنى قانداق قۇرىدىغانلىقى، بىلەكنىڭ تۈكى ۋە سائەت تاقىغۇچى سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان باشقا ھەرقانداق بەلگە قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى چۈشەندۈرۈلگەن.
ئەلۋەتتە، پاتېنتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بۇ ئىقتىدارنىڭ ئەمەلىيەتتە AppleWatch غا بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىقتىدار بازارغا يۈزلەنسە، ئۇ Apple ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ تۇنجى بىئولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2. پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمىمۇ بىر-بىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ ۋە ھېسداشلىق قىلىدۇ؟

Platforma نىڭ تەتقىقاتچىلىرى پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمىنى ئۆزارا سۆزلەشتۈرگەن. مەسىلەن، Alice ماشىنا ئادىمى، بۇنى رۇسىيە ئىنتېرنېت شىركىتى Yandex تەمىنلىگەن. يەنە گۇگۇل شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئاشىق-مەشۇقلار پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمى Evie Chatbot مۇ بار. ئۇلار ئوخشىمىغان پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمىنىڭ روشەن خاسلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان، مەسىلەن، ئۆزارا ھېسداشلىق قىلىش، ھەتتا تىرىشىپ ئازدۇرۇش، مەسخىرە جۈملىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلار.
تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى، پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمى يەنە تۈرلۈك كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى تەقلىد قىلالايدۇ ھەمدە بەزى ئورتاق سىياسىي ئېتىقادنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان ماشىنا ئادەم رۇسىيەنىڭ پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمىنى ياخشى كۆرمەيدۇ ......
ئەلۋەتتە، ماشىنا ئادەم ھازىرچە بۇنداق سىرلىق بولۇپ كەتمىدى. بۇ پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاڭلىق ياكى ئاڭغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە، بۇ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشقا قاراپ ماڭغانلىقىدىن، تېخىمۇ ياخشى ھالدا رېئاللىققا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن، باغلىنىش سۆھبىتى ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ......
3. سۈنىي ھەمراھ 2020-يىلىدىن باشلاپ پۈتكۈل شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا ئوپتىك تالالىق ئۇلىنىش بىلەن تەمىنلەپ، شىمالىي قۇتۇپ رايۇنىدا تورلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!

OneWeb نىڭ سۈنئىي ھەمراھى شىمالىي كەڭلىك 60 گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان ھەر بىر دۆلەتنى 375Gbps (سېكۇنتىغا 375 گېگابايت) لىق سىغىم بىلەن تەمىنلەيدۇ. گەرچە %48 شىمالىي قۇتۇپ رايونى مۇئەييەن باغلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما OneWeb قالغان %52 رايوندا 24 سائەت ئۇلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.
OneWeb نىڭ سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ قىممىتى 3 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ بەزى رايونلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، مۇستەقىل قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، OneWeb نۆۋەتتە نورۋېگىيە ۋە ئامېرىكا ئالياسكىدا پائالىيەتنى قانات يايدۇردى. شىمالىي قۇتۇپ رايونىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتاشتۇرۇش 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ، 2021-يىلىنىڭ بېشىدا 24 سائەتلىك پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشىدۇ.
No comments:
Post a Comment