Search This Blog

Saturday, September 21, 2019

تەشۋىشلىنىش نىمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟ تەشۋىشلىنىشنى يوقىتىشتىكى يەتتە باسقۇچ


تەشۋىشلىنىش نىمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟



   توغرا كەيپىيات ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئىجادچىسى ئالبېرت.ئەيلىس تەشۋىشلىنىشنى ئۈچ خىل تۈرگە ئايرىغان: ئۆزى سەۋەبلىك تەشۋىشلىنىش،بىئاراملىقتىن تەشۋىشلىنىش، تەشۋىشلىنىش سەۋەبىدىن تەشۋىشلىنىش. بۇ ئۈچ خىل تەشۋىشلىنىش دائىم ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ قالىدۇ.
1
ئۆزى سەۋەبلىك تەشۋىشلىنىش ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
  ئۆزىچە تەشۋىشلىنىش ئاساسلىقى ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك. ئۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ تەسۋىرى ياكى قىممىتىڭىزگە تەھدىت سالىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى قانداق باھالايسىز؟ بۇ دەل ئۆزىدىكى تەشۋىشلىنىشنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى. مەسىلەن، سىز ئۆزىڭىزگە رېئال بولمىغان تەلەپلەرنى قويىۋالامسىز؟ ئەگەر سىز چوقۇم ھەممە ئادەم ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان نۇتۇق سۆزلىشىم كېرەك دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز چوقۇم باشقىلارنىڭ ئاكتىپ ئۇسۇل بىلەن ئۆزىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە موھتاج بولىسىز، نەتىجىدە ئۆزىڭىزنى ھېسسىيات جەھەتتىكى خەۋىپ ئىچىدە قالدۇرۇپ قويىسىز، ئەگەر سىز دائىم چوقۇم، تامامەن دېگەندەك تەشۋىشنى قوزغايدىغان تەلەپ خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى ئويلىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى دەل ۋاقتىدا كونترول قىلالامسىز ؟

2
بىئاراملىقتىن تەشۋىشلىنىش دەل كەلگۈسىنى قارىغۇلارچە چوڭايتىۋېتىشتىن پەيدا بولىدۇ

   بىئارام بولۇش، تەشۋىشلىنىش سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى كەيپىياتىڭىزنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان تەھدىت. ئەگەر سىز قورقۇنچ ھېس قىلسىڭىز ھەمدە نۇتۇق سۆزلىگەندە ئۇنداق جىددىيلىك تۇيغۇسىغا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بەلكىم كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. سىز بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنى بىر خىل ئاجىز ئاسانلا تەشۋىشلىنىدىغان ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىسىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتنىڭ گۇمران بولغاندىكى ھالىتىڭىزنى ئويلايسىز، ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىز نۇتۇق تەييارلىقىدىن ئىزچىل ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ، تاكى ئۆزىڭىزنى ئەركىن ھېس قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن سۆزلەيمەن دەپ قارايسىز، بۇ خىل كېچىكتۈرۈش پىلانىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە سىز باشقا ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
3
تەشۋىشلىنىش سەۋەبلىك تەشۋىشلىنىش جىددىيلىكنى چوڭايتىۋېتىدۇ
  تەشۋىشلىنىش بەلكىم بىر خىل جىددىيلىشىش بولۇشى مۇمكىن. سىز نۇتۇقتىن ئەندىشە قىلىسىز. بۇ تەشۋىش سىزنىڭ روھىڭىزنى خورىتىدۇ، سىز تەشۋىشكە نىسبەتەن تەشۋىشلىنىش ھېس قىلىسىز، ھەمدە ئۇنى چوڭايتىپ سىز ئەڭ دەسلەپتە ھېس قىلغان تەشۋىشلىنىش يەنە ئېغىر دەرىجىدە چوڭىيىدۇ.



تەشۋىشلىنىشنى يوقىتىشتىكى يەتتە باسقۇچ



   سىزنىڭ تەشۋىشلىنىشىڭىز كەلگۈسىدىكى بىر ئىككى كۈندە بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ كېلەمدۇ – يوق؟ سىز بۇ خىل تەشۋىشنى قانداق قىلىپ تۈگىتەلەيسىز ؟ ئۇ بىر - بىرلەپ تەرەققىي قىلامدۇ ؟ ئەگەر بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ھەممىسى ياق بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق تەشۋىشلىنىشنىڭ ئەھمىيتى يوق.


    
02
    

سىز كەلگۈسىدىكى ئېنىقسىزلىقنى قۇبۇل قىلالامسىز؟

   بارلىق تەشۋىشلىنىشتىكى يادرولۇق مەسىلىلەرنىڭ بىرى سىزنىڭ ئېنىقسىزلىققا تۇتقان پوزىتسىيىڭىز. مېنىڭ كىشىلەرگە دەيدىغىنىم بىر ئىشىم ئېنىقسىز كۈنلەردە، سىز ئۆزىڭىز قىلغان بارلىق ئىشلارنى ئويلاپ بېقىڭ، كوچىدىن ئۆتۈش، ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يېيىش، ناتونۇش كىشىلەردىن ئەھۋال سوراش، لىفىتقا چىقىش، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنىقسىز، سىزنىڭ مۇتلەق ئىشەنچىڭىز يو ق، لېكىن سىز ئاساسىي جەھەتتىن قوبۇل قىلالايسىز.


    
03
    

سىزنىڭ كۈتىدىغىنىڭىز، توسالغۇڭىز نىمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇڭ

  بىزنىڭ قىلىدىغان بىر ئىشىمىز ۋاقىت ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەندىشىنى تۈگىتىش، سىز بىر كۈندە 30 مىنۇت تەشۋىشلىنىشىڭىزنى يېزىپ، ئاندىن بىر تەرەپكە قويۇپ قويسىڭىز، بۇنداق بولغاندا كۈن بويى بىئارام يۈرمەيسىز. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەتلەرنىڭ بىرى سىزنى مۇقەررەرلىك ھېس قىلدۇرۇش ئەمەس بەلكى سىزنى بۇنىڭدىن زېرىكتۈرۈش ئارقىلىق تەشۋىشلىنىشنى ئويلاتماسلىق.


    
04
    

تەشۋىشلىنىشىڭز سىزنىڭ يادرولۇق مەسىلىڭىزگە مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

  سىز چوقۇم مۇكەممەل بولۇشىڭىز كېرەكمۇ؟ سىز چوقۇم ھەرقانداق ئادەمدىن قالتىس بولۇشىڭىز كېرەكمۇ، سىز ئۆيلەنمىسەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەيمەن دەپ قارامسىز؟


    
05
    

سىز مەغلۇبىيەتكە قانداق قارايسىز؟

   تەشۋىشلەنگۈچىلەر مەغلۇبىيەتنى ئاپەت دەپ قارايدۇ، ئۇلار ھەمىشە مەغلۇپ بولۇشنى ئويلىسا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر ئەندىشە قىلىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشلار كۆپ ھاللاردا ناھايىتى ئاكتىپ نەتىجە بېرىدۇ.


    
06
    

تەشۋىش بىلەن ئەمەس كەيپىيات بىلەن ئىش قىلىڭ

   بەزىدە كەيپىيات، بولۇپمۇ ئاغرىقنى ھېس قىلىش سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇر مەنبەسى، خىزمەتتە تېخىمۇ كۆپ دوستلۇق ۋە ماختاشقا، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ئۆرلەش پۇرسىتىگە موھتاج. سىز دائىم كەيپىياتىڭىزنى ياخشى ھالەتتە تۇرالمايسىز.


    
07
    

 زاپاس ۋاقىت ئېلىپ قويۇڭ

   ۋاقتىدا ئەسلەپ بېقىڭ، سىز دائىم ئەندىشە قىلىدىغان ئىش سىزنى ھازىر بىئارام قىلامدۇ يوق قاراپ بېقىڭ. سىز بىر قەدەم ئالالايسىز، ۋاقىت چىقىرالايسىز. ھازىردىن باشلاپ بىر ئاي ياكى بىر يىل ئىچىدىكى ھېسسىياتىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. تەشۋىشلەنگۈچىلەرنىڭ مەسىلىسىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇلار مەڭگۈ كۆرۈلۈپ باقمىغان كېلەچەكتە ياشايدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىدىيىنى ئىمكانقەدەر ھازىرقى پەيتكە مەركەزلەشتۈرۈش، يەنى مۇشۇ پەيتتىن بەھرىمەن بولۇش، تەشۋىشلەنگەندە  چوڭ مېڭىدە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىغا قاراش.
  ئەندىشە ۋە تەشۋىشلىنىش مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، چوڭ مېڭە كەيپىياتقا مەسئۇل بولغان ئورۇننىڭ رولى بولمايدۇ. سىزنىڭ غەزىپىڭىز، ئەندىشىڭىز ۋە ئىلھامىڭىز بۇ يەردىن كەلگەن، ئۇ چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر ئورنىنى جانلاندۇرۇپ، تىل ۋە ئابستراكت تەپەككۇرغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا زىيادە تەشۋىشلىنىش چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، ئەكسىچە مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پايدىسىز.
  يۇقىرىقىلار تەشۋىشلىنىش پىسخىكىسىدىن قۇتۇلۇشقا ئائىت بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇش، كۆپچىلىكنىڭ ھازىر بۇ ھەقتە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تەشۋىشلىنىش پىسخىكىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇشىغا تېخىمۇ زور تەسىر ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

bilimdan  #bilimzar#

No comments:

Post a Comment