دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارىلىق گەرچە مەن سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرساممۇ، سەن مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلمەيسەن دېگەندەك ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى پىنھان ئويلىرىنى بىلمەك تەس .بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، بىز تۇرۇۋاتقان ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق باشقا ئۆلچەملەردىكى بوشلۇقلاردىن بىر مېتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ،بىراق بىز ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرەلمەيمىز.ئىنسانلار ئىزچىل ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا تۇرىدۇ، ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىن باشقا، ئالىملار يەنە تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرى ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا بۇ رامكىلاردىن ھالقىپ چىقالمايدۇ، باشقا ئۆلچەملەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ھېس قىلالمايدۇ،شۇڭا ئادەملەر جىن ئالۋاستىلارنى ئەينەن كۆرەلمەيۋاتقان بولىشى مۇمكىن دىسەك قانداق بولىدۇ ؟ ئىلىم-پەن تېخىچە جىننىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە دائىر يىتەرلىك ئىسپاتقا ئىگە ئەمەس ! شۇنداقلا تەبىئەتتىن ھالقىغان مۆجىزىلەرچە ھادىسىلەرگە كۈچلۈك پاكىت ئىزلەشنى ئاساس قىلىدۇ .
ئالىملار تەقلىدىي ۋاستىلەر ئارقىلىق كۆپ ئۆلچەملىك بوشلۇقنى لايىھەلەپ چىققان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىرمۇ ئادەم ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىن ھالقىپ كىتەلمىگەن.تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى دېمەيلا قويايلى، ھەتتا بىر ئۆلچەملىك بوشلۇق ۋە ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقنى چۈشىنىشمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.ئۇنداقتا ئىنسانلار ئوخشىمىغان ئۆلچەمدىكى بوشلۇقنى قانداق پەرقلەندۈرىدۇ؟ئىلگىرى خاۋكىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئىشلەپ باققان.ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىن باشقا، تۆۋەن ئۆلچەملىك بوشلۇقمۇ مەۋجۇت ئىكەن.نۆل ئۆلچەملىك بوشلۇق بىر نۇقتىغا تەڭ، بۇ خۇددى ئالەمنىڭ ئىلگىرىكى غەلىتە نۇقتىسىغا ئوخشايدۇ.غەلىتە نۇقتىدا چوڭ پارتىلاش بولغاندىن كېيىن، ئالەم پەيدا بولدى، ۋاقىت ۋە بوشلۇقمۇ ئەگىشىپلا مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.
بىرىنچى ئۆلچەم بىر تۈز سىزىق بولۇپ ، ئۇ چەكسىز ئۇزىرايدۇ، ئۇنىڭ باش ـ ئايىغى يوق.بىرىنچى ئۆلچەم بىلەن نۆل ئۆلچەمنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا نۇرغۇن نۆل ئۆلچەم بىرىنچى ئۆلچەمنى تەشكىل قىلىدۇ، يەنى كۆپ نۇقتا بىر تۈز سىزىقنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئىككىنچى ئۆلچەم بولسا بىر تەكشىلىك، چۈمۈلىنىڭ نەزىرىدە كۆز ئالدىدىكى دۇنيا دەل ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇق.تەكشىلىك يۇقىرى ـ تۆۋەن دەپ ئايرىلمايدۇ، غايەت زور تەكشىلىك گەرچە بىر يانتۇ يۈز بولغان تەقدىردىمۇ ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. 3ـ ئۆلچەمدىنمۇ تۆۋەن بولغان ئۆلچەم تۆۋەن ئۆلچەم دەپ ئاتىلىدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئالەمدە 11 ئۆلچەم بار ئىكەن، ھەتتا ئىنسانلار تۇرۇۋاتقان ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا تۆۋەن ئۆلچەم ئىكەن.
ھازىر بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز چۈمۈلىنىڭكىگە ئوخشاش چۈشەپ قويۇلدى. بىز كۆرۈۋاتقان تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈش ئىككى ئۆلچەملىك يەنى بىر تەكشىلىك ئۈستىدە، بىراق بىز ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى كۆرەلەيمىز، بىز ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇققا يېقىنلاشقان تەقدىردىمۇ، ئېكران ئىچىگە يەنى ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇققا كىرىشكە ئامالسىز.ئوخشىمىغان ئۆلچەم دۇنياسىدا، كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىمايدۇ.ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى كىشىلەر ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقتا كۆرگەن شەيئىلەرنى چۈشەنمەيدۇ، ئەكسىچە ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكىلەرمۇ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى شەيئىلەرنى ئوخشاشلا چۈشەنمەيدۇ.شۇڭا بىز ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا تۇرساقمۇ، گەرچە يۇقىرى ئۆلچەملىك بوشلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز بىر مېتىر بولغان تەقدىردىمۇ، بىز يوقۇرى ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى مەۋجۈداتلارنى ھېس قىلالمايمىز.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment